ياپوننىڭ بەش مىڭ يىنلىق پۇلىنىڭ ئۈستىدە بىر ئايالنىڭ سۈرىتى بار. بۇ مەشھۇر ئايال كىم؟

 

بۇ ئايال ھەرگىزمۇ ياپوننىڭ داڭلىق سىياسىيونى، ئۇرۇش قەھرىمانى ۋە ياكى كاتتا مىليونىرى بولماستىن، ياپون مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان، ياپون ئاياللىرىنىڭ ئەركىنلىكى تەشەببۇسچىسى، ياپون ئاياللىرىنىڭ مائارىپىغا ئۇل سالغۇچى مائارىپشۇناس تسۇدا ئۇمېكو خانىمنىڭ سۈرىتى.

تسۇدا ئۇمېكو 1864-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئالتە يېشىدا ئامېرىكىغا ئامېرىكا مەدەنىيىتى، مائارىپىنى ئۆگىنىپ ياپون  مائارىپى، ياپون تەرەققىياتىغا يېڭىلىق ئەكەلگۈچى ئىقتىساس ئىگىسى قىلىپ تەربىيەلەش مەقسىتىدە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. ھەمدە ياپون تارىخىدىكى تۇنجى چەتئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن قىزلارنىڭ بىرى بوپقالغان. مانا بۇ دەل ياپون تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى قەدىدمىنىڭ مائارىپتىن باشلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئۇمېكو 17 ياش ۋاقتىدا ياپونىيەگە قايتىپ كەلگىنىدىكى ياپون جەمىيتىدە ئاياللارنىڭ ئورنى تولىمۇ تۆۋەن بولۇپ، ئاياللار بالا تۇغۇپ، ئۆي ئىشى قىلىدىغان، پەقەت ئېرىنىڭ بۇيرۇقىنىلا ئاڭلايدىغان ئۆينىڭ «دېدىكى»، گەپ چۈشىنىدىغان مەخلۇق بىلەن باراۋەر بولۇپ، قىزلار مائارىپى، قىزلارنىڭ سىرىتقا چىقىپ ئىشلىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايتتى. ھەتتا، بىرەر ئىش قىلغۇسى بار قىزلار ئالدى بىلەن ياتلىق بولماي تۇرۇپ، ئەرنىڭ ھىمايىسى بولمىسا ھېچكىم ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايتتى.

مانا مۇشۇنداق شارائىتتا ئۇمېكو نۇرغۇن توسقۇنلۇقلارنى يېڭىپ قىزلار مەكتىپى قۇرۇپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ ھەم بۇ جەرياندا ئۆزىدىكى مائارىپ تەربىيەسىنىڭ يىتەرسىزلىكىنى بايقاپ يەنە بىر قېتىم ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بېرىش نىيىتىگە كېلىدۇ. تۇنجى قېتىم دۆلىتى ئۈچۈن چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان بولسا، ئىككىنجى قېتىم ئۆزى ھەم ئۆزىنىڭ تەربىيەسى ئۈچۈن ئوقۇيدۇ.
ئۈچ يىل بىئولوگىيەدە تەتقىقات قىلىش ئارقىلىق، ياپونىيەگە قايتىپ كېلىپ، قايتىدىن مائارىپ ساھاسىگە ئاتلىنىدۇ.
ئۇمېكو خانىم تاكى 1929-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ۋاپات بولغانغا قەدەر ياپون مائارىپى ئۈچۈن تىرىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇمېكو خانىمنىڭ قەبرىسى ھازىر توكيو تاما رايونىدىكى داڭلىق شەخىسلەر قەبرىستانلىقىدا.

津田梅子

 

自分の人生って自分自身で作られる物だ。
ئادەم ئۆزىنىڭ ھاياتىنى پەقەت ئۆزى بەلگىلەيدۇ.

تسۇدا ئۇمېكو
昨夜は嵐

 تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...