«ۋاپادار ئايال»فىلىمىدىن ياپونلارغا نەزەر

698 قېتىم ئوقۇلدى

 

ئەسلى ئىسمى 「澪つくし」بولۇپ «دېڭىزدىكى ماياك»ناملىق رومانغا ئاساسەن ئىشلەنگەن بولۇپ، 1985-يىلى 4-ئايدىن 10-ئايغىچە «ئەتىگەنلىك  كۆپ قىسىملىق دىراما»شەكلىدە تىلىۋىزوردا قويۇلغان بولۇپ، ياپونىيەنىڭ تايشىيو دەۋرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىن، يەنى 1926-يىلىدىن1945-يىلى ئۇرۇش ئاخىرلاشقۇچە بولغان يىللاردىكى ياپونىيەنىڭ چىبا كەنتىنىڭ چىيوشى شەھرىدىكى ئەڭ دەسلەپكى شىيويۇ زاۋۇتىنىڭ 11-ئەۋلاد خوجايىنى باندوكيوبىنىڭ توقىلىدىن بولغان قىزى كائورۇ(تەرجىمىدە كائورى دەپ تەرجىمە قىلىنغان) بىلەن چىبانىڭ توگاۋادىكى بىلىقچى خوجايىنىنىڭ چوڭ ئوغلى سوكوچىنىڭ ساپ مۇھەببەت ھېكايسى باش تېما قىلىنىش ئارقىلىق ئۇرۇشنىڭ ئالدى-كەينىكىدىكى ياپون جەمىيتى، ئاۋام پۇخرالارنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشى، ياپونلارنىڭ ھايات، مۇھەببەت، ئەقىدە قاراشلىرى،  مەدەنىيتى، ئۇرۇشنىڭ پۇخرالارغا  ئېلىپ كەلگەن كۈلپىتى..قاتارلىق ئەينى يىللاردىكى تارىخى رىئاللىقلار تەسۋىرلەنگەن.

«ۋاپادار ئايال» ئەينى يىللاردا ياپون فىلىملىرى ئىچىدە بىزگە خېلىلا تونۇشلۇق بولغان، شەخسەن بالىلىقمدا ماڭا تەسىر قىلغان، ياقتۇرىدىغان فىلىملەردىن بىرى ئىدى.
ياپونغا كەلگەندىن بىرى بۇ فىلىمنى كۆرۈپ بېقىشنى ئويلىغان بولساممۇ، پەقەت يېقىندىلا  ئۇيغۇرچە نۇسخىسى قايتا بىر كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىپتىمەن ھەمدە  ماڭا يارايدىغان ئوبرازلارنىڭ كۆپلىكىنى، ھەقىقەتەن قالتىس ئىشلەنگەنگەنلىكىنى، ياپوننىڭ تارىخىنى، ياپونلارنىڭ خاراكتىر ۋە مەدەنيەت ئالاھىدىلىكىنى ناھايتىمۇ ياخشى ئېچىپ بەرگەن فىلىم ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم چۇڭقۇر چۈشەندىم.

شۇنداقلا، ياپونغا كېلىپ تۇنجى كۆرگەن دېڭىزىمنىڭ دەل سوكوچى بىلەن كائورى تۇنجى ئۇچراشقان ئىنۇبوساكى دېڭىز ساھىلى ئېكەنلىكىنى بىلدىم.  پات يېقىندا بۇ دېڭىز ساھىلىنى، كائورىلار ياشىغان شۇ شەھەرنى قايتا كۆرۈپ بېقىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. 😎

 

ずっとあなたが好きでした

 

 قالتىس ئوبرازلار

 

بىرەر كىتاب، بىرەر كىنونىڭ قەلبىمىزدە بەكرەك تەسىر قىلىشىغا ۋەقەلىكتىن سىرىت، ئۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن ئوبرازلار بىلەن غايىبانە يىقىنلىقنى ھېس قىلغىنىمىز، قايىل بولۇپ ياقتۇرۇپ قىلىشىمىز سەۋەب بولسا كېرەك.

كىچىك چاغلىرىمدا دىرامىدىكى رىتسىكونىڭ مەغرۇرلىقىنى، كەسكىن، مۇستەقىل خاراكتىرىنى ياقتۇراتتىم. سوكوچىنىڭ ئەركەك مىجەزىنى  كەلگۈسىدىكى لايىقىمنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋالاتتىم.  😛 قايتا كۆرۈش جەريانىدا فىلىمدىكى باش قەھرىمان كائورۇنىڭمۇ، دادىسى باندو كىيونىنىڭمۇئاجايىپ ئادەملەرئېكەنلىكىنى تېخىمۇ چۈشەندىم ھەم تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم.  تۆۋەندە بىر قانچە موھىم ئوبرازلار ئۈستىدە توختالماقچىمەن.
رىتسىكو: باندو كىيوبىنىڭ چوڭ ئايالىدىن بولغان تۇنجى قىزى بولۇپ، توكيودا ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان رىتسىكو 1920-يىللاردىكى قالاق ياپون جەمىيتىگە نىسبەتەن ئۆزگىچە خاراكتىرىلىك، ئىسيانكار، ئادالەتلىك جەمىيەت قۇرۇش تەشەببۇسچىسى، ئاياللارنىڭ ئورنىنى تۆۋەن كۆرۈشكە قارشى تۇرىدىغان تىپىك يېڭى زامان قىزلىردىن بولۇپ، شۇ زاماندا بايلارنىڭ نەچچە خوتۇنلۇق بولىشى ھېچكىمگە غەيرى تۇيۇلمايدىغان بۇ جەمىيەتتە، كاللىسى ئېچىلغان رىتسىكو دادسىغا ئوچۇق-ئاشكارە قارشى تۇرىدۇ. دادىسىنىڭ ئەرلىك ھەيۋىسىدىن پايدىلىنىپ نەچچە خوتۇنلۇق بولىشىنى، ئازغىنە مائاش بىلەن ئىشچىلارنى قاتتىق ئىشلتىشىنى خاتا دەپ ئىسيان قىلىدۇ. ئادەملەرنىڭ باراۋەرلىكىنى موھىم ئورۇنغا قويىدۇ.
مۇھەببەتتىمۇ ئېغىر كۈلپەت تارتىۋالغان رىتسىكو ئاخىرى دادىسىنىڭ قول ئاستىدىكى، دادىسىنىڭ نەزىرىدىكى ئەرزىمەس ئىشچى بىلەن توي قىلىدۇ.
شۇنچە مەغرۇر، ياپون زىيالىيلىرى بېشىدا كۆتۈرىدىغان چىرايلىق قىز رىتسىكونىڭ توي قىلغان كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزىگە بولغان سۆيگۈسى سەۋەبلىك ھەربىيلىككە بارغان، ئۇرۇشقا قاتناشقان ئېرىنىڭ ئايىغىنى سالدۇرۇپ قويۇشلىرى، تاماق ئېتىپ ئېرىنى كۈتۈشلىرى ئادەمگە «مەغرۇر، ھاكاۋۇر قىزلار توي قىلغاندىن كېيىن بەكلا مۇلايىملىشىپ كېتىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئەسلىتىدۇ..

قەيەرگە بېرىش، يىگىت تالللاش، ھەتتا توي قىلىشنىمۇ ئۆز قارارى بويىچە بېكىتكەن رىتسىكو يولدىشى بىلەن بىللە  ئۇرۇش مەيدانىغا بېرىشنىمۇ ئۆزى كەسكىن قارار قىلغان بولۇپ، پەقەت ماڭىدىغان كۈنى دادىسى بىلەن  خوشلاشقىلى ئۆيگە  بارىدۇ. بۇ دادىسىنى ئاخىرىقى قېتىم كۆرىشى بوپقالىدۇ.
بۇ چاغدىكى دادا بىلەن قىزنىڭ خوشلاشقان كۆرۈنۈشى ماڭا ئوخشاش خوشلىشىش ئازابىنىڭ قانداق ئېغىرلىقىنى بىلىدىغانلار ئۈچۈن كۆز-ياشلار بىلەن كۆرىدىغان كۆرۈنۈشلەر ھېسابلىنىدۇ.

ئۇرۇش ئاخىرلىشىدۇ. رىتسىكو ئېغىر كېسەل ھالەتتە مانجۇرىيەدىن قايتىپ كېلىدۇ. بۇ چاغدا دادىسىمۇ ئۆلۈپ كەتكەن، ئىنىسى ئىچىرومۇ بىر پۇتى يارىلانغان ھالدا ئۇرۇشتىن كەلگەن، زاۋۇتمۇ ۋەيران بولغان، كىشىلەر ئېغىر ئاچارچىلىق دەردىنى تارتىۋاتقان ياپونىيەنىڭ ئېغىرمالىمانچلىق مەزگىلى بولىدۇ.
شۇنچە ئەركىن، مودا، كاللىسى ئوچۇق، مەردانە ياشىغان رىتسىكومانجۇرىيەدە سوغۇق ئۆتكۈزىۋىلىپ ئۆپكە تۇبىركىليوز كېسىلى بىلەن كۆزى ئوچۇق بۇ دۇنيادىن كېتىدۇ.

 

 باندو كىيوبى- -ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ياپونىيەنىڭ كاپتالىستلىرىدىن بىرى، ئىرىچىيو شىيويۇ زاۋۇتىنىڭ 11-ئەۋلاد خوجايىنى بولۇپ، تىپىك ياپون ئەركەكلىرىنىڭ ئەرلىك روھى، دادىلىق مۇھەببىتى، ئەجدادىنىڭ ياشاش مىزانلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشنى ھاياتىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئەقىدىسى قىلغان بولۇپ، فىلىمدا كىچىككىنە پايدىنى دەپ ئۆز ئەجدادى ساقلاپ كەلگەن شىيويۇ ئىچىتىش ئەنئەنىسىگە ئاسىيلىق قىلىشنى ھاقارەت دەپ بىلىدىغان كىيوبىنىڭ  بىر قانچە قېتىم ئەزان خام-ئەشىيادىن پايدىلىنىپ شىويۇ ياساش تەكلىپىنى كەسكىن رەت قىلىشلىرى، ئۇرۇش دەۋرىدە خام-ئەشيا كەمچىللىكتىن باشقا خام ئەشيا ئارقىلىق ئىچىتقان شىيويۇنى تىتىپ بىقىپ  300 يىللىق ئەجدادىنىڭ ساقلاپ كەلگەن ئەنئەنىسىنىڭ ئۆزىگە كەلگەندە ۋەيران بولغىنىدىن قاتتىق ئازابلىنىپ يىغلاپ تاشلىغانلىرى، ھەتتا ئاخىرىدا، ھاۋا ھۇجۇمىدا زاۋۇت بومباردىمان قىلىنغىنىدا ئەڭ قىممەتلىك بالىسى كۆيۈپ كەتكەندەك، زاۋۇتىنىڭ كۆز ئالدىدا ۋەيران بولىنىشىغا چىدىماي يوشۇرۇنۇپ ياتقان يەردىن ئېتىلىپ چىقىپ بومباردىماندا يارىلىنىپ تۇرۇپمۇ ۋەيران بولغان زاۋۇتىنىڭ بىرتال خېشىغا ئېسىلىۋىلىشلىرى،ئاخىرىقى تىنقىدىمۇ زاۋۇتىنى قايتا قۇرۇشنى ۋەسىيەت قىلىشلىرىدىن ياپونلارنىڭ ئۆز ئەجداد روھىغا بولغان ئەقىدىسى، كەسپىگە بولغان سەممىمىيلىكى ۋە جان بېرىش روھىنى يەنە بىر قېتىم كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
مەردانە، خۇشخۇي، قارىماققا ئاچچىقى يامان، قاتمالراق بولسىمۇ بالىلىرىغا تەلەپچان ۋە بالىلىرىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان باندو كىيوبى ئادەمگە بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاچچىقى يامان بىراق خۇشخۇي، ئەركەك مىجەزلىك چوڭلىرىمىزنى ئەسلىتىدۇ.

دىراممىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ ئارتىسلارنى قايتىدىن توردىن ئىزلەپ ئەسلى ئىسمى، ھازىرقى ھالىتىنى كۆرۈپ چىقتىم. ھە-راست، بۇ كېىلشكەن بوۋاي تېخى يېقىندا يەنى، 2018-يىلى تۈگەپ كېتىپ، تىلۋىزوردا خەۋرى چىققاندا«كائورىنىڭ دادىسى تۈگەپ كېتىپتۇ-دە» دەپمۇ قالغانىدىم…

 

تەلەپچان باندوكىيوبى & ئىسيانكار رىتسىكو

 

ئۇشبۇ دىرامىدا ھەممىدىن تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نوقتا دەل سوكوچى بىلەن كائورۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ساپ مۇھەببەت.
ئۇلارنىڭ تونۇشىشىدىن تارتىپ تاكى  40 ياشلارغا ئۇلاشقىچە، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت شۇنچىلىك نازۇك، ساپ ھەم گۈزەل تەسۋىرلىنىدۇ. دىرامىدىكى مۇنداق بىر كۆرۈنۈش ئەينى يىللاردىكى ياپونلارنىڭ ئەخلاق، مۇھەببەت قارىشىنىڭمۇ بىزدىن كۆپ پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى،

ئۇلار توي قىلىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن، دېڭىزدىكى بىر يامغۇر-چاپقۇندا سوكوچى يوقاپ كېتىدۇھەم  ئۈچ يىلدىن كېيىن خاتىرىسىنى يوقاتقان ھالدا پەيدا بولىدۇ.
بۇ چاغدا باشقا بىرى بىلەن توي قىلىپ ئىككى بالىنىڭ ئاپىسى بولۇپ بولغان كائورۇ سوكوچىنىڭ يېنىغا قايتىشقا ئامالسىز قالىدۇ.
ئۇرۇش باشلانغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ ئىككىسى ئوخشاش ئاكوپقا كىرىپ قالىدۇ.
كائورى ناۋادا بۇ يەر بومباردىمان بولۇپ كېتىپ، ئىككىلىسى بىر يەردە ئۆلۈپ كەتسە، بالىلىرى ھەم ئۇرۇشقا كەتكەن ئېرى ئۈچۈن ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتمەكچى بولىدۇ. كائورىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان سوكوچى كائورىنىڭ خەتەر ئىچىدە يۈرۈشىگە يول قويماي، ئالدى بىلەن ئۆزى چىقىپ كەتمەكچى بولىدۇ. مەنچە، مانا بۇ مۇھەببەت!

بۇ چاغدا ئېسىمدىن كەچكىنى «ئاننا كارىنىنا» بولدى! گەرچە ئىككى جەمىيەت، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئىچىدىكى كىشىلەر بولسىمۇ، ماڭا مۇھەببەت ئالدىدا پۈتۈن دۇنيانى ئۇنۇتقان ئاننا كارىنىناغا قارىغاندا، باشقىلارنىڭ ئازابى ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇھەببەتنىڭ كىشىگە بەخىت ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەنگەن كائورىنىڭ مۇھەببىتى يېقىشلىق تۇيۇلدى. ھېچنىمىگە قارىماستىن باشقىلارنىڭ ئايالىنى ئىگەللىۋىلىپ تۇرۇپمۇ، باشقا ئاياللارغا كۆز تاشلاپ يۈرگەن بىرونىسكىغا قارىغاندا، ئۆزى يۈرىكىدىن سۆيگەن ئايال باشقا بىرىنىڭ بولۇپ بولغاندا، ھۆرمەت بىلەن چېكىنگەن ھەم ئاخىرىغىچە قەلبىدە پەقەت بىرلا ئايالنى سۆيگەن سوكوچىنىڭ مۇھەببىتى تېخىمۇ جەلىپ قىلارلىق ۋە ساپ تۇيۇلدى.

ئاخىرىدا، گەرچە كائورىنىڭ كېيىنكى يولدىشى ئۇرۇشتا قۇربان بولۇپ قايتىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، كائورى دادىسىنىڭ ۋەسىيتى ھەم زاۋۇتنى قايتا قۇرۇش ۋە شىيويۇنى ھەر بىر ياپونلۇقنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقىرىشتەك ئارزۇيى  ئۈچۈن ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئەر سوكوچىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق توي تەكلىپىنى رەت قىلىدۇ. مانا بۇ كائورىنىڭ كىشىنى ئەڭ قايىل قىلىدىغان تەرىپىدىن بىرى!

 

ئۇرۇش جاراھىتى

 

ئۇشبۇ دىرامىدا ئۇرۇشتىن بۇرۇن شۇنداق تىنچ ياشاۋاتقان باندو ئائىلىسى ئۇرۇش تۈتەكلىرىدە پارچە-پارچە بولۇپ، ۋايران بولىدۇ. ئۇرۇش كۈچلۈك، ۋەتەنپەرۋەر، ئۆز كەسپىنى سۆيىدىغان، مۇھەببەتلىك دادا باندو كىيوبى ئۆزىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئامراق قىزى ھەم ئوغلى بىلەن يەنە بىر دىدارلىشىش پۇرسىتى بەرمەستىن ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتىدىنمۇ قىممەتلىك زاۋۇتى كۆيۈپ كۈل بولىدۇ. كائورىنىڭ مۇلايىم ئاپىسىمۇ ۋاقىتسىزكېتىدۇ. ئۆينىڭ ئەركە، چوڭ مەلىكىسى مەغرۇر ھەم كۈچلۈك رىتسىكو ئۆلۈپ كېتىدۇ. توي قىلىش ئالدىدا ھەربىيلىككە چاقىرتىلغان ئىچىرو تويمۇ قىلالماي ئۇرۇشقا كېتىدۇ ھەم  بىر پۇتى يارىلانغان ھالدا ئۇرۇشتىن قايتىپ كېلىدۇ. كائورىنىڭ ئىككى ئوغلى دادىسىز قالىدۇ. شۇنداق چوڭ ئۆتكەن ئائىلە مانا مۇشۇنداق  ۋەيران بولىدۇ، ئۇرۇشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ.

باندو ئائىلىسىنىڭ يىللىرىدىكى كۈلپىتىنى تەسۋرىلەش ئارقىلىق ئۇرۇشنىڭ پۇخرالارغا  كەلتۈرگەن كۈلپىتى، يىتىم قالغان بالىلار،بىگۇناھ ئۆلگەن جانلار، بىر قانچە ،شۇنچە ۋەيرانچىلىق ئىچىدە تۇرۇپمۇ تېز پۈكمەس روھىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ قاباھەتنىڭ پۇخرالارغا ئېلىپ كېلىدىغان بالايىئاپىتى،شەپقەتسىزلىكى، نەقەدەر يىرگىنشلىكلىكىنى ئېچىپ بەرگەن.

ئۇرۇشتىن كېيىن ياپونلار قانداق باش كۆتۈرگەن؟

 

مۇنداق ئۈچ نوقتىغا دىققەت قىلايلى:

بىرىنجى: يېڭى ئۇرۇش ئاخىرلاشقان، ياپون ئېغىر ئاچارچىلىق دەردىنى تارتىۋاتقان مەزگىلدە ئامېرىكىلىق ئەسكەرلەر كائورىنىڭ ئىككى ئوغلىغا شاكىلات بېرىدۇ. ئوغۇللىرى شاكىلاتنى ئاپىسىغا كۆرسەتكىنىدە: «بالىلىرىم، سىلەر باشقىلاردىن تىلەپ يەيدىغان قەلەندەر ئەمەس! بۇنى داداڭلار بىلسىمۇ چوقۇم خاپا بولاتتى، دەرھال تاشلىۋىتىڭلار، ياپونلۇقنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئىش قىلماڭلاردەيدۇ، ئاچارچىلىقتىكى كىچىككىنە بالىلار شاكىلاتتىن ۋاز كېچىپ تاشلىۋىتىدۇ.

ئىككىنجىسى: كائورى يولدىشىنىڭ ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن ئازابلىنىپ ئوغۇللىرىغا شۇنداق دەيدۇ: بالىلىرىم، ئۇرۇش شۇنچىلىك رەھىمسىز ھەم يىرگىنىشلىككى، سىلەر چوڭ بولساڭلار مۇنداق شەپقەتسىز ئۇرۇشنى توسىدىغان، ئۇرۇشقا قارشى تۇرىدىغان ئادەملەردىن بولۇڭلار!

ئۈچبنجىسى: كائورى ئاقىۋەتتە ئۆز ئارزۇيى، ئەجدادلىرىنىڭ ئۈمىدى ئۈچۈن ئۆزى بىر ئۆمۈر سۆيگەن ئەرنى رەت قىلالايدۇ، ئۆز ئارزۇسىنى تاللايدۇ!

رەھىمسىز ئۇرۇش كائورىنىڭ ئانىسىنى ۋاقىتسىز ئېلىپ كېتىدۇ. كائورى دادىسى، بالىلىرىنىڭ دادىسى، زاۋۇت، رىتسىكولارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ شاھىدى بولىدۇ..ھەممە ئۇنى يالغۇز تاشلاپ كېتىپ قالىدۇ. شۇنچە ئېغىر يىللاردا كائورى غەيرەت بىلەن قايتا باش كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيلەيدۇ.

ياپوننىڭ دەل كائورىدەك قالتىس ئاياللىرى، قالتىس ئانىلار بولغاچقا ياپون قايتىدىن باش كۆتۈرگەن دېيىشكە بولىدۇ.

مانا بۇ «ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا قاق سەنەم بولۇپ كەتكەن ياپونلار نېمە ئۈچۈن شۇنچە تېز باش كۆتۈرەلىگەن؟»دېگەن سۇئالنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى جاۋابى بولالايدۇ!

 

 

خەير، ئامان بولۇڭ! پىقىرنىڭ بىر تەرەپتىن ئەتىلىك ھېيت ئۈچۈن ساڭزا سالغاچ يازغان ئۇشبۇ يازمىسىدىن ھوزۇرلانغان بولسىڭىز، ئىككى ئېغىز تەسىرات سۆزىنى قالدۇرۇشنى ئۇنۇتمىغايسىز~

ئۇشبۇ كۆپ قىسىملىق دىراممىنىڭ ئۇيغۇرچە سۈزۈك نۇسخسىسنى Uyghurflixدىن كۆرگەيسىز.

كېلىۋاتقان روزا ھېيتىمىزغا مۇبارەك~🌷

 

***********************

رەيھان ئابلەت

2022. 05.01               يەكشەنبە

تارقىتىڭ...
  1. ھەجەپ ياخشى يىزىپسز، بۇ فىلىمنى قايتا كۆرگەندىن كىين ھىس قىلغانلىرمىز بەك ئوخشايدىكەن. لىكىن سىزنىڭ قەلەم قۇۋتىڭىزدىن بۇ تەسىراتلار باشقىچە يارقىن چىقىپتۇ. مەنمۇ ياپۇنغا كەلگەندىن بىرى ئۆز تىلىدا كۆرۈش ئىستىكىدە ئىىزدىگەن فىلىم مۇشۇ ۋاپادار ئايال فىلىمى بىلەن ئاپشاركا پۇشتىكى ئىدى، ئاپشاركا پۇشتىكى فىلمىنڭ ئەسلى تىلى بىلەن كۆرۈشكە ھازىرغىچە مۇۋەپپەق بولالمىغان بولساممۇ، 3 يىلنىڭ ئالدىدا بۇ ۋاپادار ئايال فلمىنى ، بۇ فىلىمدىكى يانا بىر ئوبراز يەنى قىززىقچى، ئىش تىرىغۇچى ياتارۇ يەنى ئاكاشىيا سانما ساننى يىپ ئۇچى قىلىپ تۇرۇپ ئىزدەپ تىپىۋالغان ئىدىم. ھەم ئىككى كۈندە تولۇق كۆرۈپ تۈگەتكەن ئىدىم.

    • ئۇچۇرىڭىزنى بۈگۈن كۆرۈپتىمەن. قارىغاندا ھەقىقەتەن ئۇزۇن كۈنلەر بوپ كېتىپتۇ بىلوگىمنى ئاچمىغىلى…كىچىك چاغلىرىمىزدا تەسىر قىلغان بۇ كىنولارنى قايتا كۆرسەك، يەنە باشقىچە نوقتىدىن تەھلىل قىلىدىكەنمىز. فىلىمنى ئىككى كۈندە كۆرۈپ بولغان بولسىڭىز دەھھشەت كۆرۈپ قويۇپسىز جۇمۇ

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

«ۋاپادار

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى