قىزنىڭ كىسىلىنىڭ مەنبەسى ئانىسى

644 قېتىم ئوقۇلدى

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان17 ياشلىق قىزچاق تۇيۇقسىز ئىشتىھاسىزلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. بويى 161سانتىمىتىر كېلىدىغان قىزچاقنىڭ ئېغىرلىقى بارابارا تۆۋەنلەپ 34kg غا چۈشۈپ قالىدۇ.

ئادەتتىكى زىلۋالىقتىن پەرقلىق ھالدا مانا مەن دەپ سۆڭەكلىرى بۆرتۈپ چىققان   قىزچاقتىكى  زىيادە ئورۇقلۇقتىن ئەنسىرەپ قالغان قىزنىڭ ئاپىسى ئىشتىھاسىزلىققا ئائىت ھەر خىل كىتابلارنى سېتىۋىلىپ، بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ ھەمدە قىزىنى پىسخىكىلىق داۋالاش ئورۇنلىرىغا ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىككى يىلدا قىز ئەسلىگە كېلىدۇيۇ، ئاپىسى روھى جەھەتتە ئېغىر توسالغۇغا ئۇچىرايدۇ.

يۇقارقى ئانا بىلەن قىزدىكى بۇ خىل كىسەللىكنىڭ يىلتىزى قەيەردە؟

秋桜-山口百恵 -コスモス

 

 

ئانا بىلەن قىزنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش موھىتى قانداق؟

 

 

ئالدى بىلەن ئانىنىڭ ئۆسۈپيېتىلىش ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى.

ئانىنىڭ بالىلىق مەزگىلىدە ئانىسى(قىزچاقنىڭ مومىسى) بىلەن بىللە بولغان ئەسلىمىسى بولمىغان. يەنى، ئانىسى دىھقان ئائىلىسىغا ياتلىق بولۇپ كىرگەن، دادىسى سەككىز بالىنىڭ چوڭى بولۇپ، چوڭ كېلىنلىك سۈپىتى بىلەن ئائىلىنىڭ ئېغىريىنىك ئىشلىرى ئانىسىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ قالغان. دادىسى  ئېتىزدىن قايتىپ كېلىپ ئانىسىغا ھۆركىرىگەن چاغلىرىدا ئانىسىغا قانداق تەسەللى بېرىشنى، ھېمايە قىلىشنى بىلەلمەى قالغان قىز يەنىلا ئانىسىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاش، ئانىسىغا ئارتۇق ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمەسلىكنى تاللىغان.  ئانىسى قېيىن ئانىنىڭ تىلئاھانەت، قاقشاشلىرى، ئائىلىنىڭ  تۈگىمەس ئائىلە ئىشلىرى ئىچىدە قىزىنىڭ بالىلىق خۇشاللىقلىرى، كەپسىزلىكلىرى، مىھر-مۇھەببەتكە مۇھتاج بالىلىق قەلبىنى قانداق كونتىرۇل قىلىۋاتقانلىقى، ئۆزى ئۈچۈن قانداق تىرىشىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلالمايدۇ، قىزىغا  ياخشى قارىيالمايدۇ.

دىمەك، ئانىنىڭ بالىلىق ئەسلىمىسىدە كۆپرەك ساقلىنىپ قالغىنى ئۆز ئانىسىنىڭ يوغان، قاراڭغۇ ئاشخانىدا قىزىغا دۈمبىسىنى قىلىپ ئىش قىلىۋاتقان ھالىتى بولغان. ھەتتا، بىرەر قېتىممۇ ئانىسى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يىگىنىنى ئەسلىيەلمىگەن. شۇڭا، بالىلىق دەۋرى ئانىسىغا ئىچ ئاغىرىتىش بىلەن بىرگە  ئانىسىغا دىمەكچى بولغانلىرىنى دىيەلمەي، ئانىسى بىلەن بىللە بولغۇسى بولسىمۇ ھەممىنى ئىچىگە يۈتۈپ سەبرى قىلىش بىلەن ئۆتكەن ئانا ئۆزىنىڭ  قىزى ئۈچ ياش ۋاقتىدا يولدىشى بىلەن ئاجىرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، قىزىغا ئۆزى يالغۇز قاراش، خىزمەت، تۇرمۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان.  بىراق، بۇ ئالدىراشچىلىق، روھى بىسىملەر ئىچىدە قىزىنىڭ قەلب ساداسىنى تىڭشىيالمىغان

ئۇنداقتا قىزچاقنىڭ بالىلىق ئەسلىمىسىگە قاراپ باقايلى.

قىزچاق باشلانغۇچنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا بىرەر سائەتتەك يول مېڭىپ ئاپىسىنىڭ ئىش ئورنىغا كىلەتتى. ئاپىسى6:00بىلەن ئىشتىن چۈشكىچە شىركەتنىڭ يېنىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوينايتتى. ئەلۋەتتە، ئۆيدىن يېراق بۇ ناتونۇش مەكتەپتە قىزچاقنىڭ دوستلىرى بولمىغانلىقتىن ئۆزى يالغۇز ئوينايتتى. ئاپسىنىڭ ئىشتىن چۈشۈشىگە ئۈلگۈرۈپ شىركەتنىڭ ئالدىدا ئاپىسىنى ساقلايدىغان قىزچاق ئاپىسىنى كۆرگەن ھامان خۇشال بولۇپ ئاپىسىنىڭ يېنىغا باراتتى. ئاپىسى بىلەن كىچىك پۇتلىرىدا ياندىشىپ ماڭغاچ مەكتەپتە بولغان ئىشلارنى دەپ بېرەتتى. بىراق، كەچلىك تاماق، خىزمەتتىكى ھارغىنچلىق، ئەتىنىڭ تەييارلىقىقاتارلىق تۈرلۈك غەملەر بېسىۋالغان ئاپىسىنىڭ قىزچاقنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇدەك ھەپسىلىسى يوق ئىدى. قىزچاق شۇنىڭ بىلەن جىمىپ ئاپىسىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭاتتى

بەزى كۈنلىرى ئاپىسى خىزمەتتە كەچ قالغان كۈنلىرى قىزچاق يەنە شۇ شىركەتنىڭ ئالدىدا كەچ كىرگىچە ساقلايتتى، كەچ قالغان ئاپىسىدىن قىلچىمۇ ئاغرىنمايتتى، ئاپىسىنىڭ ئىشتىن چۈشۈپ چىققىنىنى كۆرىشى بىلەن خۇشاللىق بىلەن  تاتلىق كۈلەتتى..

باشلانغۇچنىڭ 5-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا تەنتەربىيە مۇسابىقىسىغا ئاپىسى بارالمىدى، قىزچاقنىڭ پۇتى يارلىنىپ باشقىلار ئۆيگە ئەكىلىپ قويدى. قىزچاق تېڭىلغان كىچىككىنە پۇتىنى كۆرسىتىپئاپا ئاغرىمىدى، ئەنسىرىمەڭ» دىدى.

تولۇقنىڭ 1-يىللىقىغا چىقىپ، ئىشتىھاسىزلىق كىسىلى بىلەن ئورۇقلاپ كۆزلىرى پولتىيىپ چىقىپ، بىر تېرە بىر سۆڭەك بولۇپ قالغان قىزچاق ئاپىسىنىڭ ئالدىدا يەنىلا خۇشال يۈردى. ئەمەلىيەتتە، كىچىككىنە قىزچاق پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ غەيرەت قىلىپ كەلدى.

دېمەك،بالىلىقى مىھر-مۇھەببەتكە قانمىغان، بالىلىقىدا بالىدەك ياشىيالمىغان قىز ئانا بولغاندىن كېيىن، بالىلىقىدا ئېرىشەلمىگەن مۇھەببەتنى ئۆز بالىسىغا بېرەلمىگەن. ئانىنىڭ بالىلىقى قىزىدا يەنە بىر قېتىم تەكرارلانغان.

كىسەللىكنىڭ يىلتىزى

«ئىشتىھاسىزلىق كىسلى»گە قانداق ھۆكۈم قىلالايمىز؟

بويى 160سانتىمىتىر كېلىدىغان بىر ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 45كىلوگىرامدىن تۆۋەن بولسا، بۇ زىيادە ئورۇقلۇق بولۇپ، ئىشتىھاسىزلىق كىسىلىگە گېرىپتار بولغان دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل كىسەللىك «روھى جەھەتتىن بولىدىغان ئىشتىھاسىزلىق» دېيىلىدۇ.

مۇنداق كىسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار دەسلىپىدە ئۆزىنى«زىلۋا، چىرايلىق بولغۇم بار» دەپ ئورۇقلاۋاتقاندەك كۆرسىتىدۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ ئىسكىلىت شاھتەك سۆڭەكلىرى چىقىپ تۇرغان ھالىتىگە قاراپ ئەتراپىدىكىلەر « ئوبدانراق يە» دىسە ھەرگىز قۇلقىغا كىرىپ چىقمايدۇ. ئاخىرىغا بارغاندا، بەدەندە قۇۋۋەتمۇ قالماي يىقىلىپ قىلىش دەرىجىسىگە بارىدۇ.

ئەگەر، ئانا ھەممە ئىشنى ئىچىگە يۈتىدىغان، سەبىرتاقىتى زىيادە كۈچلۈك بولسا، قىزمۇ چوقۇم ئاپىسىدەك سەبىرتاقەتلىك بولۇشنى، ھەممىنى ئىچىگە يۈتۈشنى ئۆگىنىدۇ. ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغاندا، مۇستەقىل بولۇشقا ئىنتىلگەنسىرى، شۇنچىكى سەبىرلىك بولۇشقا، چىداملىق بولۇشقا  تىرىشىدۇ.

ھالبۇكى، «تاماق يىمەسلىك» ئىنسانغا نىسبەتەن ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى ئۆزىنى كونتىرۇل قىلىش بولۇپ، «سەبىرتاقەت»نى موھىم مەقسەت قىلغان قىزلار ئىشتىھاسىزلىق كىسىلگە گىرىپتار بولىدۇ. «ئاچلىق ئېلان قىلىش» بولسا «سەبرى قىلىش ھەممىدىن ئەلا» دەپ ياشىغانلىقنىڭ نەتىجسى.

كىتابنىڭ ئۇشبۇ مەزمۇنلىرىنى ئوقۇۋىتىپ بىز ياخشى كۆرۈپ كۆرگەن «يەنە بىر كۆرسەم» دىكى يۈنجۇنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىپ، ئۆلۈپ قالاي دېگەن ھالىتى كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئەمەلىيەتتە، يۈنجۇمۇ ئانىسىدىن تۈزۈك كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن، ئانىسى بولسا ئائىلىنى قامداش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىرىشىپ-تىرمىشىپ كەلگەن ئايال.

ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ خۇشاللىقئازابلىرىدىن ئىبارەت مۇرەككەپ تۇيغۇلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئارقىلىق قەلبى تەسكىنلىككە ئېرىشىدۇ.

دېمەك، ئاپىسىنىڭ ئىزچىل چىدامغەيرەت بىلەن تىرىشىپ ياشىغىنىنى قىزچاق چۈشەنگەن ھەم ئاپىسى بىلەن پاراڭلاشقۇسى كەلگەندە دىمەكچى بولغانلىرىنى ئىچىگە يۈتۈۋەتكەن، ئاپىسىغا بالىلارچە ئەركىلىيەلمىگەن، بالىلارچە كەپسىزلىكىدە ياشىيالمىغان، خۇددى ئاپىسىنىڭ بالىلىقىدەك. ئىزچىل ھالدا «مەن تىرىشىشم كىرەك! سەبىر قىلىشىم كېرەك» دەپ ئۆزىنى كونتىرۇل قىلىپ كەلگەن. ئاقىۋەتتە، ئۆزىنى كونتىرۇل قىلىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان ئاچلىققا تاقابىل تۇرۇشنى تاللىغان.

ئاتا-ئانىمۇ بالىغا يۆلىنىدۇ

 

ئەگەر سىز ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئەمەلىيەتتە بالىلىرىغا تايىنىپ كېلىۋاتقان تەرىپىنى كۆرەلىگەن بولسىڭىز، بۇ ئىددىيىڭىزدىكى بەك زور ئىلگىرلەش ھېسابلىنىدۇ.
كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ئاتا-ئانىغا تايانغان، بالىنى تەربىيەلەپ چوڭ قىلغان تەرىپىنىلا كۆرەلەيدۇ.
ھالبۇكى، بىر ئائىلە كىشىلىرىگە نىسبەتەن، بالا سۆزلىيەلمەيدىغان بوۋاق بولغان تەقدىردىمۇ، ئاتا-ئانىسىغا يۆلەك بولىدۇ ھەم ئاتا-ئانا بالا تەرىپىدىن قۇتقۇزىۋلىنغان بولىدۇ. ئويلاڭ،
بوۋىقىنى ئىمىتكەندىن كېيىنكى بوۋاقنىڭ رازى بولغان،ئوماق، تاتلىق تۇرىقىنى كۆرۈپ قۇتقۇزۋىلىنىغىنى-ئانا!
بوۋاقچىلىك ئاتا-ئانىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھېس قىلىدىغان يەنە بىر مەۋجۇتلۇق بۇ دۇنيادا يوق، شۇنداققۇ؟
دېمەك، ئاتا-ئانا بىلەن بالا بىر-بىرىگە يۆلىنىدۇ. بىر-بىرىگە يۆلىنىش ناھايتىمۇ تەبىئى بولغان ئائىلىۋى مۇناسىۋەتتۇر.

***

بالىلار ئاجايىپ دۇنيا، ئۇلار ئىشلارنىڭ ماھىيتىنى كۆرۈپ يىتەلەيدۇ!

قىزچاقنىڭ كىسىلى ئېغىرلاشقاندا ئاپىسىغا بىر قانچە قېتىم مۇنداق دېگەنىدى:«مېنىڭ مۇشۇنداق بىر ئادەم بوپ قىلىشىمغا ئاپام سەۋەپچى!».

دېمەك، قىزچاق ئاپىسىغا كىسىلىنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئېيتقان، بۇ چاغدا ئاپىسى قىزىدىن كەچۈرۈم سورىغان ياكى سۈكۈت قىلغان. توغرىسىنى ئېيتقاندا قىزىغا نېمە دېيىشنى، قانداق يارىدەم قىلىشنى بىلەلمىگەن! بۇ ۋاقىتتا قىزچاقنىڭ كۈتكىنى ھەرگىزمۇ ئاپىسىدىكى گۇناھكارلىق تۇيغۇسى ھەم شۇ سەۋەبلىك قىزىدىن كەچۈرۈم سوراش ئەمەس! ئۇنداقتا قىزچاق قانداق ئىنكاس كۈتكەن؟

قىزچاقنىڭ ئاپىسى ئاجىرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئانىسىغا« مەن بەخىتلىك ئائىلىدە چوڭ بولغان بولسام، بەلكىم تۇرمۇشۇم مۇنداق بولماستى؟دېگىنىدە، ئانىسى قىزىدىن كەچۈرۈم سورىغىنىدا بىئارام بولىدۇ. ئۇ ئانىسىدىن مۇنداق گەپ ئاڭلاشنى خالىمايتتى. ئانىسىدىن ئۆزىنىڭ ئانىسى ئۈچۈن تىرىشقانلىرىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. قىزچاقنىڭ قەلبىمۇ دەل شۇ چاغدىكى ئاپىسىنىڭكىدەك ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى چۈشىنىشى ئىدى

شۇنداق قىلىپ، قىزچاقنىڭ ئاپىسى ئۇزۇن مەزگىللىك«تىرىشىشىم كېرەكدەپ ئۆزىگە بىسىم قىلىش ئارقىسدىكى جىىدىيچىلىككە تولغان، ئۇزۇن مەزگىلگە سوزۇلغان چارچاش كىسىلى سەۋەبلىك ئىچى تىت-تىت بولۇش، ئاسان ئاچچىقلىنىشنىڭ ئورنىنى مىھر-مۇھەببەت ۋە روھى تىنچلىق ئىگەللەيدۇ. تۇنجى قېتىم ئانىلىق سالاھىيەتتە قىزىدىكى ئازابنى چۈشىنەلىدى. بۈگۈنگە كېلەلىشىگە سەۋەب بولغان ھەمدە ئۆزىنى ئىزچىل ھېمايە قىلىپ كەلگەن، ئۆزى ئۈچۈن تىرىشىپ-تىرمىشىپ كەلگەن قىزىدىن يۈرىكىدىن مىننەتدار بولدى ۋە قىزىغا قايتىدىن ئانىلىق مۇھەببەت بىلەن قارىدى.

بالىنىڭ كىسىلى ئاپىسىنىڭ مۇھەببىتى ۋە مۇھەببەت  بىلەن قۇچاقلىشىدا ساقىيىدۇ. شۇنداق قىلىپ، قىزچاقنىڭ  يىمەكئىچمەك توسالغۇسى كىسىلىنى ئاپىسى ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قايتا تۈزىتىش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. قىزچاقنىڭ ئىشتىھاسىزلىق كىسىلى پۈتۈنلەي ساقىيىدۇ. ئانا-بىلەن قىز ھەر ئىككىلىسى قايتىدىن ساغلام، مىھرى-مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنى باشلايدۇ.

مانا بۇ پىسخىكا دوختۇرلىرىمۇ ، داڭلىق پىسخولوگلارمۇ ساقايتالمايدىغان پەقەت ئانا بىلەن قىزنىڭلا ئوتتۇرىسىدىكى مىھرمۇھەببەت ئارقىلىق بىربىرىنى ساقايتىشتۇر.

باغچامدىكى ئەتىرگۈلۈمدىن، ئاپتاپتىن، كىتابتىن ھوزۇرلىنىش

يۇقارقى ئانا بىلەن قىزنىڭ ۋەقەسىدىن سىز نېمىنى ئويلىدىڭىز؟ ئارتۇق سەپسەتىلەرنى سۆزلەش ھاجەتسىز. يۇقارقى ۋەقە  ماڭا مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئەسلەتتى، يەنى:

بىر ئانا ئالدى بىلەن ئۆزى ساغلام، خۇشال، بەخىتلىك بىر ئانا بولماي تۇرۇپ ساغلام، بەخىتلىك بالىنى چوڭ قىلالمايدۇ.

************

 

تاكاخاشى كازىمىنىڭ «بالا ئاتا-ئانىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قەلبىدە كىسەللىك بولىدۇ» ناملىق كىتابىنى ئوقۇش جەرياندىكى تەسىراتلار

 تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

#Reyhan##高橋和巳#

تارقىتىڭ...
  1. مىھر ۋە تۇيغۇلىرىنى توغرا ئىپادە قىلىپ ياشىيالايدىغان ساغلام مۇھىتنىڭ بۇلىشى بەك مۇھىم ،ساغلام مۇھىتنىڭ شەكلىنى كۈپىنچىمىز ئاتا ئانىنىڭ بار بۇلىشغا باغلىۋالىمىز ئانىسى دادىسى بولمىغانلارنى مەھرگە قانماپتىكەنمەن دەپ كەمسىتىمىز ،ئەمىلىيەتتە بۇلۇمسىز شەكىلدىكى ئاتا ئانا مۇھىتىدىن يالغۇز مۇھىتتا تۇيغۇلىرى يىتەرلىك قارشىلانغان بالىلار تېخىمۇ روھى ساغلام بۇلىشى مۈمكىن

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

قىزنىڭ

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى