28 ياشلىق ئانا ئۈچ ياشلىق قىزىنى  ئاچچىقى كەلگەندە ئۇرىدۇ. يامان يېرى، بىر ئۇرۇشنى باشلىسا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۇرىۋىرىدۇ. دەسلەپتە خوشنىلىرى رايۇنلۇق «بالىلارنى ھېمايە قىلىش مەركىزى»گە ھەر كۈنى بالىغا ۋارقىراپ-جارقىرىغان، بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئانا ئۆزى مەسلىھەت بېرىش ئورنىغا ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە مەسلىھەت سوراپ بارىدۇ. خادىملار خوشنىلار ئەرز قىلغىنى بىلەن مەسلىھەت سوراپ كەلگەن كىشىنىڭ بىر ئېكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرىدۇ ھەم ئانىنىڭ  ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن، قىزىنىڭ يەسلىدىكى ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن يەسلىگە تېلىفۇن قىلىدۇ. دەرۋەقە، قىزچاق يەسلىدە بەك ياخشى، ئەدەبلىك بالا بولۇپ، بەزىدە ئۇ يەر، بۇ يەرلىرى يارا بولۇپ كېلىدىغانلىقىنى، مۇئەللىملىرى ئائىلىدە مەسىلە بارلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.  شۇنداق قىلىپ، بۇ مەسىلىھەت بېرىش ئورنى بۇ ياش ئانىنى «ئانىلار پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ئورنى» غا بېرىپ داۋالىنىش تەلەپ قىلىدۇ.

***

بىر ئادەمنىڭ پىسخىكىلىق يېتىلىشى ئۈچۈن، تۇغۇلغاندىن تارتىپ تاكى بالىلىق دەۋرى ئاخىرىلاشقىچە بولغان ۋاقىتتىكى ئاتا-ئانا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قانچىلىك موھىملىقى، بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتىغان نەقەدەر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. بالا تۇغۇلغاندىن تارتىپ تاكى بالاغەت دەۋرىگىچە ئاتا-ئانىنىڭ ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىدۇ، چۈشىنىدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ ياشاش ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن مۇستەقىل بولۇشقا باشلايدۇ. يۇقارقى مەسلىدىكىدەك خورلىنىپ چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىدىن ئۆگىنىدىغىنى قانداق بىر ھايات بولىشى مۇمكىن؟ بۇ ياش ئانا نېمە ئۈچۈن ئۆز بالىسىنى مۇنداق ئۇرىدۇ؟ بالىنى خورلاش قەيەردىن كەلگەن؟ قانداق قىلغاندا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟

 

خورلاش دېگەن نېمە؟

 

بالىنى خورلاش دېگىنىمىز-ئاتا-ئانىنىڭ قاچانلاردىدۇر قەلبىگە بېسلىپ قالغان ئىچىدىكى ئاچچىقنى، نارازلىقنى بالىغا چىقىرىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۇنيا توغۇرلۇق تېخى ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان گۆدەك قەلبىدە بۇ دۇنيا تەرىپىدىن قارشى ئېلىنمىغاندەك، بۇ دۇنياغا خاتا تۆرىلىپ قالغاندەك، ئۆزىنى ئوشۇقچىدەك ھېس قىلىدىغان، ئۆزىنى بۇ دۇنيا تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندەك خاتا قاراش بىلەن ھاياتى باشلىنىدۇ. ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئۇقۇمى ئاستۈن-ئۈستۈن بوپ كېتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ خىل بالىلارھەمىشە ئاتا-ئانىنىڭ قەلبىدىكى مەسىللەرنىڭ قۇربانى بوپ كېتىدۇ.

بالىنى خورلاش مۇنداق تۆت جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:

 

بىرىنجى: تەن جازاسى ئارقىلىق خورلاش. يەنى، بالىنى ئۇرۇش، بەدىنىنى زەخمىلەندۈرۈش، تاماكا يېقىش، تالادا سائەتلەپ تۇرغۇزۇش..دېگەندەكلەر. مەسلەن، مەن ئۇچراتقان بالىلارنىڭ ئىچىدە زېمىستان سوغۇقتا ئۈچ سائەتمۇ بالىكوندا تۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۆيگە كىرگىلى قويمىغان قىزچاق، گۇناھىنى تونۇغىچە ئاشخانىدا سائەتلەپ زوڭزۇيۇپ ئولتۇرغۇزۇپ قويغان ئوغۇل بار.

ئىككىنجى: جىنسى خورلاش. بالىغا جىنسى پاراكەندىچلىك سېلىشنى كۆرسىتىدۇ. .

ئۈچىنجى: روھى جەھەتتىن خورلاش. بالىغا پەرۋا قىلماسلىق، رەت قىلىش پوزىتسىيەسىدە مۇئامىلە قىلىش، تىل-ئاھانەت ياغدۇرۇش، قېرىنداشلار ئىچىدە پەرىقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىش، كەمسىتىدىغان سۆزلەرنى قىلىش..ئارقىلىق بالىنى روھى جەھەتتىن ئازابلاشنى كۆرسىتىدۇ.

 

تۆتىنجى: بالىنى ياخشى باقماسلىق. بالىنى يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچەكتىن قىسىش، ئاغرىپ قالغاندا دوختۇرخانىغا ئاپارماسلىق، كىچىك بالىنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ سىرىتقا چىقىپ كېتىش، مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە، مەكتەپكە بەرمەسلىك…قاتارلىقلار.  مەسلەن، مەلۇم تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئاپىسىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغىنى ئۈچۈن ئۈچ كۈنگىچە تاماق بەرمىگەنلىكىنى ئېيتقان.

ئۇنداقتا قانداق ئاتا-ئانا بالىسىنى يۇقارقى ئۇسۇللاردىكىدەك خورلايدۇ؟ بۇنىڭ ئىككى خىل سەۋەبى بار. بىرى، روھى جەھەتتە مەسىلىسى بار. يەنى، نورمال يىتىلمىگەن بولسا ئاتا-ئانىلىق سالاھىيەتتە بالىنىڭ ئەھۋالىدىن ياخشى خەۋەر ئالالمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا كۆپىنچە بالىنىڭ يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچەكتىن قىسىش قاتارلىق ئەڭ تۆۋەن ئىھتىياجىغا سەل قاراش ھەم  جىنسى جەھەتتىن خورلاش كۆرۈلىدۇ.

يەنە بىرى، ئاتا-ئانىنىڭ روھى بىسىملىرى ئېغىر بولغاندا، بۇ ئېغىر روھى بىسىم بالىلارغا قارتىلىپ قالىدۇ. كىچىكىدە خورلانغان بالىلار چوڭ بولۇپ ئاتا-ئانا بولغاندا، بىلىپ-بىلمەي بالىسىنى خورلايدۇ. بۇ خۇددى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىدىغان «ئۇدۇم» دەك بوپقالىدۇ.

بىرىنجى خىل ئەھۋالدا، بۇ خىل ئاتا-ئانىنى داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بالىغا بولغان زىيانكەشلىكنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. بالىنى خورلاش ئېغىر بولغاندا، بالىنى ئاتا-ئانىدىن  ئايرىۋىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئىككىنجى خىلدىكى ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن پىسخىكىلىق يىتەكلەش زۆرۈر ھېسابلىنىدۇ.

يۇقارقى مەسىلىدىكى ياش ئانىنىڭ گەپ-سۆزلىرى ناھايتى جايىدا. ھەتتا، ئۆزىنىڭ خاتا قىلىۋاتقىنىنىمۇ ئېنىق بىلىدۇ. شۇڭا، ئۇنى ئىككىنجى خىلدىكى تىپ دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇنداقتا ، بۇ ئانا نېمە ئۈچۈن بالىسىنى مۇنداق ئۇرىدۇ؟

 

 ئانىنىڭ بالىلىق دەۋرى قانداق ئۆتكەن؟

 

بىر كۈنى ئەتىگەنلىك ناشتىدا ئۈچ ياشلىق قىزچاق تامىقىنى يېمەي ئوينىنى ئويناۋىرىدۇ. ئاپىسى بىر قانچە قېتىم تېزراق يېيىشنى ئېيتسىمۇ بالا ئۆز ئوينىنى ئويناۋىرىدۇ. نەدىن كەلگەن ئاچچىقكىن تاڭ، ئانا ئۆزىمۇ سەزمەستىن  قىزچاقنى ئۇرۇشقا باشلايدۇ. قىزچاق:«ئاپامنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايمەن، ئاڭلىمايمەن! مەن مۇشۇنداق ئەسكى بالا بولىمەن!» دېيىشلىرى بىلەن  ئانىنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى ئەۋجىگە چىقىپ«گېپىمنى ئاڭلىمايدىغان بالا بولغۇچە ئۆلۈپلا كەت!» دەپ قىزىنىڭ گېلىنى بوغىدۇ…بالا ئانىسىنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ«ماقۇل، مەن ئۆلۈپلا كېتەي!» دېگىنىچە تامغا ئۈسۈشكە باشلايدۇ. شۇ چاغدا ئاپىسىنىڭ «توختا!» دېگەن سۆزى بىلەن تامغا قاراپ تۇرۇپلا قالىدۇ. دەل مۇشۇ چاغدا ئاپىسىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى تۇنجى قېتىم ئۆلۈۋىلىشنى ئويلىغانلىرى ئېسىدىن كېچىدۇ.

ئۇنىڭ باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرى بولسا كېرەك، قىشنىڭ بىر سوغۇق كېچىسى ئاپىسى نېمە سەۋەبتىدۇر ئاچچىقلاپ قىزىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىۋىتىدۇ. سوغۇقتا توڭلىغان قىزچاق يېقىنلا يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان پويىزغا قاراپ تۇنجى قېتىم ئۆلىۋىلىشنى ئويلايدۇ.

شۇنداق، بۇ ئانىنىڭ بالىلىق دەۋرىمۇ ئانىسىنىڭ خورلىشى ئىچىدە ئۆتكەن. يەنى، باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان  چاغلىرىدا ئۇرۇپ قولى سۇنۇپ كەتكەن. سوغۇق مۇنچىدا سائەتلەپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، يىغلىسا پىشانىسىگە ئۇرغان. بىر قېتىم تېخى ئانىسى ۋانىنىڭ ئىچىدە ئۇرۇپ بۇرنىنىمۇ قانىتىۋەتكەندە، سۇ قىپقىزىل قانغا بويۇلۇپمۇ كەتكەن. ئانىسى يەنە ئارقىدىن قىزنى يالىڭاچ پېتى تالاغا چىقىرىۋەتكەن.

قىززىپ قالغان كۈنلىرىمۇ ئانىسى ۋاننىغا چۈشۈشكە مەجبۇرلىغان، تاماق يىگۈسى بولمىسىمۇ زورلاپ تاماق يىگەن. تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا تېخى بىر قېتىم يېرىم كېچىدە ئانىسى ئۆي بەك مەينەت بولۇپ كېتىپتۇ دەپ كېچىدە ئويغىتىپ ئۆي تازلاشقا سالغان، پاكىز قىلالمىسا تىللىغان.

 

***

كىچىك چېغىدا خورلىنىپ چوڭ بولغان قىزلارنىڭ زوراۋان، ئۆزىنى ئۇرىدىغان ئەرگە ئۇچراپ قىلىشى كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.

مانا مۇشۇنداق بالىلىقتا چوڭ بولغان ياش ئانا 28 يېشىغىچە ئىككى قېتىم توي قىلىدۇ ھەم ئىككىلا قېتىم ئاجىرىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ  ئىككىلا يولدىشى زوراۋان ئەر بولۇپ چىقىدۇ. ئىككىلا ئەرنىڭ تايىقى ئاستىدا ئېغىر يارلىنىدۇ، ئۆينىڭ ئىقتىسادىنى ئەر باشقۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى بولمايدۇ. خالىغانچە سىرىتلارغا چىقىپ، ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرنى سىتىۋالالمايدۇ. ھەر قېتىم سىرىتقا چىقسىلا «نەگە باردىڭ؟ قەيەردە؟ نېمەئىش قىلىۋاتىسەن؟» دەپ توختىماي تېلىفۇن قىلىپ ئۇنى نازارەت قىلىدۇ.

تۇيۇقسىز ئۇنىڭدا بەدەنلىرى تىتىرەپ، نەپەس ئالالمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. كېيىن ئۆزىگە دىققەت قىلىش ئارقىلىق بۇ خىل بەدەندىكى ئالامەتنىڭ يولدىشى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كېلىشىگە ئاز قالغاندا كۆرۈلىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇ خىل ئالامەت بىر قېتىم باشلىقى قاتتىق تەنقىدلىگەندىمۇ يۈز بەرگەنىدى.

توي قىلىشتىن بۇرۇن خىزمەتتە مۇنداق روھى ھالەت كۆرۈلگەن. يېڭى خىزمەتكە چۈشكەندە باشقىلارنىڭ «خۇشخۇي، كۆتۈرەڭگۈ» دېگەندەك تەرىپلەشلىرىنى ئاڭلىغان ھەم بىر مەزگىل خىزمەتنىمۇ كۆڭۈللۈك ئىشلىگەن. نېمىشقىدۇر خىزمەتكە كۆنۈپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ھەر كۈنى ئوخشاش ئادەم، ئوخشاش موھىت ئىچىدە«مەن بۇ يەرگە لايىقمۇ؟ بۇ يەردە تۇرسام بولامدۇ؟» دەپ ئويلاپ قالغان ھەم باشقىلار خۇددى ئۇنىڭغا «بۇ يەردە تۇرساڭ بولمايدۇ، خىزمەتتىن ئىستىپا بەرسەڭ بولمامدۇ؟» دېگەندەك تۇيۇلۇپ ئۆزلىكىدىن خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىدۇ.

ئۇ ئىككىنجى يولدىشى بىلەن ئاجىرىشىدىغان چاغدىمۇ شۇنچىلىك ئىككىللەنگەن بولۇپ، سوت مەيدانىدىن چىققاندا ئادۇۋكاتقا «يولدىشىم بىلەن ياراشقۇم بار ئىدى» دەيدۇ.  ئاشۇنداق قوپال ئەر بىلەن يەنە ئۆي تۇتقۇسى بارلىقىدىن ھەيران قالغان ئادۇۋكات ئۇنى ئەيىپلەيدۇ. شۇڭا،  بۇ گەپنى قايتا تىلغا ئالالمايدۇ-يۇ، يولدىشىنىڭ ئۆزىنى ئۇرغىنىنى مۇھەببەتتىن، ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن،  دەپ چۈشىنىدۇ، ھامان ئۇ ئەرنى ئۆزگىرىدۇ دەپ ئىشىنىدۇ.

 

خورلىنىپ چوڭ بولغانلارنىڭ پسىخىك  سىستىمىسى

ئادەم ئۆزىنىڭ ئىھتىياجلىرىنى دېيىش ھەم قاندۇرۇش ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلىدۇ. مەسلەن، قورسىقىم ئاچتى، ئۇيقۇم كەلدى، ئۇنى ئالغۇم بار، بۇنى يىگۈم  بار..ديىش ئارقىلىق.  بۇ دۇنياغا تۇغۇلۇپ تۇنجى ئىھتىياجىنى قاندۇرىدىغان كىشى ئانا ھېسابلىنىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق قورسىقى ئېچىپ يىغلىغىنىدا ئانىسى ئەمگۈزگىنىدە، بالا ئۆز ئىھتىياجىنىڭ قانغىنىدىن مەمنۇن بولىدۇ، بۇ دۇنىاغا كەلگەنلىكىنىڭ قارشى ئېلىنغىنىنى بىلىدۇ. بىر ئادەمدىكى  مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى، ، بۇ دۇنيادا ياشاشنىڭ قىممىتى ئەنە شۇنداق ئىھتىياجلىرى سانسىزلىغان قېتىم قاندۇرۇلۇپ بىرلەشكەنلىكىدىن بولىدۇ. خورلىنىپ چوڭ بولغان بالىلارنىڭ بۇ دۇنيادىن كۆرگىنى ئاتا-ئانىنىڭ ئۆزىگە قىلغان رەھىمسىزلىكلىرىگە بەرداشلىق بەرمەي ئامالى بولمايدۇ. ئۇلار ئۆز ئىھتىياجلىرىنىڭ قاندۇرۇلماسلىقلىرىغا بەرداشلىق بېرىشنى«ياخشىلىق» دەپ قارايدۇ ھەم نورمال ئادەملەر بىلەن قارمۇ-قارشى پىسخىكا سىستىمىسى شەكللىنىدۇ.

***

 

ناۋادا بىرەر ئادەم تەرىپىدىنمۇ ئىھتىياجلىق ئېكەنلىكىنى، سۆيۈلگىنىنى ھېس قىلالمىسا، ئادەم ئۆزىدىكى مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسىنى ھېس قىلالمايدۇ. ئۆزىنى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆچ كۆرۈلىۋاتقاندەك، دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلگەندەك خاتا تۇيغۇغا كىرىپ قالىدۇ.

مانا مۇشۇنداق يۇكىدەك كىشىلەرنىڭ باشقىلارنى ئازارلاشنى، خورلاشنى  توختىتالماسلىقى بۇ دەل ئۇلاردىكى پىسخىك سىستىمىنىڭ  ئادەتتىكى ئادەملەر بىلەن ئوخشىمىغان تەتۈر يۆنىلىشتە ئىكەنلىكىدىن يەنى، نورمال ئادەملەردىكى ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن رەزىللىك ئۇقۇمىنىڭ قارمۇ-قارشى بوپقالغانلىقىدىن.

يۇقارقى ۋەقەلىكتىكى يۇكى ھەتتا ئۆزىنى ئۇرغان ئەر بىلەن ئاجىرىشىپ سوتلىشىش جەريانىدا ئۆزىنى گۇناھ ئۆتكۈزىۋاتقاندەك ئەيىپلەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ كىچىك چاغلىرىدا كۆرگىنى ئۆزىنى ئۇرىدىغان، تاماق بەرمەيدىغان ئەسكى ئاتا-ئانا! ئۇ كىچىك چاغلىرىدا ئاشۇنداق ناچار ئاتا-ئانىنىڭ قولىدا چوڭ بولماقتىن، ئۇلارغا يەنىلا بىقىنماقتىن باشقا ئامالى يوق! ئۇنىڭ نەزىرىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ خورلاشلىرىغا بەرداشلىق بېرىش «ئاقكۆڭۈللۈك»! ھەقىقى ئاقكۆڭۈللۈك، مىھرنى تەلەپ قىلغانلىق بولسا «ئەسكىلىك»!

شۇڭا، بۇ ئەرنىڭ ئۆزىنى ئۇرغانلىرىغىمۇ بەرداشلىق بېرىشنى توغرا دەپ قارايدۇ. ئۇ ئەرنى ئەرز قىلغانلىقنى خاتا دەپ قارىۋالىدۇ. ئۆزىنى دائىم بۇ دۇنياغا ئارتۇقچىدەك ھېس قىلىدۇ، ئۆلۈۋىلىش كاللىسىدىن كەتمەيدۇ. ھەر كۈنى خۇددى بىر يامان ئىشقىلىۋاتقاندەك گۇناھكارلىق تۇيغۇسىدىن قۇتۇلالمايدۇ.

خورلاشنىڭ زەنجىرسىمان داۋاملىشىشى

 

ئۇ قىزىنى ياخشى كۆرەلمەيدۇ؟ بىر ئانا نېمىشقا ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسىنى ياخشى كۆرەلمەيدۇ؟!

يۇكىنىڭ 30 يىلغا يېقىن ھاياتى ئۆزىنى كونتىرۇل قىلىش، بەرداشلىق بېرىشنى ياشاش مەنبەسى قىلىپ كەلگەن. ئۇ ھەر كۈنى چوقۇم غەيرەت قىلىشى، بەرداشلىق بېرىشى كېرەك. مانا بۇ دەل ئۆزىنىڭ ئۈچ ياشلىق قىزىنى خورلىشىغا سەۋەپ بولغان.

مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىر ئادەمنىڭ ياشاش ئىستىكى «ياخشىلىق» دىن تۇغۇلىدۇ. ھالبۇكى، يۇكىنىڭ نەزىرىدىكى ياخشىلىق دېگىنىمىز بەرداشلىق بېرىش، ئۆزىنى كونتىرۇل قىلىش بولۇپ، ئۇ ھەر كۈنى غەيرەت قىلىپ ئۆي تازىلايدۇ، بالا تەربىيلەيدۇ، بالىسىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشىدۇ.

ھالبۇكى، ئۈچ ياشلىق قىزى ئۇنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرۇپ، ئېرىشمەكچى بولغانلىرىنى ئېيتالايدۇ، كونتىرۇل قىلىشقا بويسۇنمايدۇ،ئاپىسىدەك بەرداشلىق بېرىشنى بىلمەيدۇ، قىلغىنىم قىلغان دەپ كەپسىزلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئانىنىڭ چۈشەنچىسىدىكى «ياخشىلىق» نىڭ قارشىدىكى قىزى «ياخشى بالا» بولالمىغىنى ئۈچۈن  ئۇنىڭ ئاچچىقىغا سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى، بەرداشلىق بېرىش، تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىقلا ئاندىن ياخشى بالا بولغىلى بولىدۇ.

ئۇ گەرچە ھازىر ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ياشاۋاتقان بولسىمۇ، بالىلىقتىكى قورقۇنچ ئىسكەنجىلىرىدىن، ئاتا-ئانىسىنىڭ قەلبىدە قالدۇرغان ۋەھىمە زەنجىرلىرىدىن قۇتۇلالمىغان، شۇڭا، ئۇ كىچىككىنە قىزىنىڭ ئەتىگەنلىك ناشتىلىقنى شۇنچە ئالدىرىماي يىيىشلىرىگە، ئالدىراتقىنىداجاۋابمۇ بەرمەي جىم تۇرۇۋىلىشلىرىغىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي قىزچاققا ۋارقىراپ-جارقىراپ ئۇرىدۇ.

ئۇ ئۆزىنىڭ كىچىك چاغلىرىدىكى بوزەك بولۇنۇپمۇ جىم تۇرغان ئۆزىگە ئۆچلۈك قىلىدۇ، كەچۈرەلمەيدۇ! تېخىمۇ تېرىشمايدىغان ئۆزىگە،مۇنداقچە ئېيتقاندا، قىزىغا بولغان ئاچچىقىنى باسالمايدۇ. ئاپىسىدىن تىل ئىشتىپ، گەپمۇ قىلماي جىم تۇرىۋالغان ئۈچ ياشلىق قىزچاقنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىنى كۆرىدۇ.

ئۆزىنىڭ دېگىنىنى قىلىش، جاھىللىق قىلىش ئەسكىلىكنىڭ ئىپادىسى دەپ چۈشىنىدىغان ئانا بىرەر ئىشنى ئۆزىنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىشتا چىڭ تۇرىۋالغان قىزىغا  ئاچچىقلانغاندا،  تېخىمۇ جاھىللىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرغان  قىزىنى ئۆزىنى بىسىۋالالماستىن ئۇرۇپ كېتىشى ئەمەلىيەتتە  ئانىنىڭ ئۆزىگە قىلغان ئاچچىقى ھېسابلىنىدۇ.

ئانا  ئەسلىدە باشلىقىنىڭ ئاچچىقى ئالدىدا تىتىرەپ تۇرغان ئۆزىنى ياقتۇرمايدۇ. ئېرىدىن تاياق يەپ تۇرۇپ قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ئۆزىگە ئۆچ.  ئۇ قانچىكى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئۆزىنى تېپىپ، مەردانە ياشاشقا ئىنتىلگەنسىرى، ئىچىدىكى ئاچچىق قىزىغا بېرىپ تەگكەن.

مانا مۇشۇنداق زىددىيەتلەر ئىچىدە ئانا ئۆزىمۇ قىينالغان. ئۇ ھاياتنىڭ تەمىنى تىتىيالمىغانسىرى قىزىنى خورلاشمۇ داۋاملىشىۋەرگەن.

بۇ يەردە شەخسى نوقتىدىن مۇنداق ئويلىغىنىمنى دەپ قويماقچىمەن. ئەسلىدە بالا خاپا قىلغاندا ئاچچىقنى بېسىش ئۇسۇللىرى، بالىغا ئاچچىقلىماسلىق كېرەك،- دېگەندەك قۇرۇق شۇئارنىڭ رىئاللىقتىكى نەق مەيداندا ئەسقاتماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئاشۇ ئانىنىڭ ئەسلىدىكى ئىچىدىكى ئاچچىقنى چۈشەنمەي تۇرۇپ بۇ مەسلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.

 

 

خورلىنىشنى قانداق توختىتىش كېرەك؟

 

كىچىك چاغلىرىدا ھەر دائىم ئۇنىڭ تۇيغۇلىرى بېسىلىپ كەلگەن. مەسلەن، ئۇ بىرەر نەرسىدىن قورقسا، «دۇنيادا قورقۇش دەيدىغان نەرسە يوق! نېمىشقا قورقاتتىڭ!» دەپ ئۇنىڭ قورقۇنچلىرى ئىنكارقىلىنىپ كەلگەن. بىرەر يېرى ئاغرىپ «ئاغرىدى» دېسىمۇ دەشنام ئاڭلىغان! ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى ھەممىسى ئۆزىنىڭ چىن ھىسياتىنى چىقارماسلىققا، ئۆز تۇيغۇلىرىغا قارمۇ-قارشى گەپ قىلىشقا كۆنۈپ كەتكەن! مانا مۇشۇنداق بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان قىز ئانا بولغاندىن كېيىن، ئۆز قىزىنىڭ نورمال ئادەمدە بولىدىغان ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلمىگەن.  ئاددىيسى،  قايسى كۈنى ئۈچ ياشلىق قىزى ئېغىر يارىلىنىپ جىددى قۇتقۇزۇشقا بارغان بولسىمۇ ئۈچ ياشلىق قىز ئاپىسىغا  نېمە بولۇپ يارىلانغىنىنىمۇ دېمىگەن،ئانىمۇ سورىمىغان!

 

ئۇ تۇنجى قېتىم ھېچكىمگە دىيەلمىگەن ئىچكى ئازابلىرىنى كازىمى ئەپەندىگە دەيدۇ. ھاياتىدا تۇنجى قېتىم باشقىلار تەرىپىدىن قوبۇل قېلىنغان ھىسياتقا كېلىدۇ. 30 يىلدىن بىرى ئىچكى ھىسياتىنى چىقىرالماي كەلگەن ئانا ئاخىرى ئىچىدىكى پۈتۈن ھېسلىرىنى سۆزلىۋالغاندىن كېيىن،ئۆزىنىڭمۇ سۆزلىسە بولىدىغانلىقىنى، قانداقلا گەپ قىلسا ئاڭلايدىغان ئادەمنىڭمۇ بۇ دۇنيادا بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزىنى ئىنكارقىلىشلىرى، ئۆزىگە بولغان قاتتىق مۇئامىلىسى يۇمشايدۇ. ئۈچ ياشلىق قىزىدىن ئىللىقلىق ئالغاندىن كېيىن ھاياتىدا تۇنجى رەت ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيەت خۇشاللىقىنى ھېس قىلىدۇ.

***

بىر يەكشەنبە قىزى دوستىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كېتىپ قايتىپ كەلگىنىدە، كىچىكىدە ئۆينى پاكىز تازىلىمىسا ئاپىسىدىن تىل ئىشتىدىغان بولغاچ، ھازىرمۇ ئۆيىنى پاك-پاكىز تۇرمىسا كۆڭلى ئارامىغا چۈشمەيدىغان، توختىماي ئۆي تازىلاپ، ھېرىپ-ئېچىپ  ئۆينىڭ ئوتتۇرىسدىلا يىغلاپ قېتىپ قالغان ئاپىسىنى كۆرىدۇ ھەم ئوماق، سەبى كۆزلىرىنى ئاپىسىغا تېكىپ تۇرۇپ كۆيۈنۈپ سورايدۇ: « ئاپا، يىغلاپسىزغۇ؟ نېمە بولدى؟». ئۈچ ياشلىق قىزىنىڭ كۆيۈنىشىدىن ئانا شۇنچىلىك تەسىرلىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى كۈنى يەسلى مۇدىرى ئانا بىلەن سۆزلىشىپ قىزچاقنىڭ «ئاپام بەك چارچاپ كېتىۋاتىدۇ..» دېگەنلىكىنى، كىچىككىنە قىزنىڭ ئاپىسىدىن ئەنسىرەپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنى كۆپرەك ئاسراش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ.

ئانا ھەممە ئىشىدىن قۇسۇر ئىزلەيدىغان ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ئوخشىمغان ھالدا ئۈچ ياشلىق قىزىنىڭ ئۆزىگە مىھىر بىلەن كۈزىتىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ.

بىر كۈنى قىزچاق ئۆيگە يىغلاپ كىرگىنىدە قىزىنى مىھر بىلەن قۇچاقلاپ، بېشىنى سىيلىغىنىچە « نېمە بولدى قىزىم؟» دەپ سورايدۇ. دەل مۇشۇ پەيتتە كىچىكىدىن ھېسلىرى باسۇرۇلۇپ چوڭ بولغان ئانا ئۆزىنى تولىمۇ راھەت ھېس قىلىدۇ ھەم قىزى تەرىپىدىن كەچۈرۈلگەندەك ھېس قىلىدۇ.  ئۆزىنىڭ قىزى ئۈچۈن موھىملىقىنى، قىزى ئۈچۈن ياشىمىسا بولمايدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئانا-بالا قايتىدىن تېپىشىدۇ.

كىچىكىدىن تارتىپ ھېچكىمنىڭ مىھرىگە، يارىدىمىگە ئېرىشمەي مۇستەقىل، غىرىب چوڭ بولغان، ھاياتتىن شۇنچىلىك چارچىغان، دائىملا ئۆلىۋىلىشنى ئويلايدىغان ئانا قىزىنىڭ ئۆزىگە مۇھتاجلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ بۇ دۇنيادا بولمىسا بولمايدىغان موھىم بىر ئىنسان ئېكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. كىچىكىدىلا تۇنجۇقۇپ قالغان ئەركىلەش، يۆلىنىش ھېسلىرى ئويغىنىدۇ. قىزىدىكى بىغۇبارلىق، ئوماق بالىلىق ئۇنىڭدىكى جىددىيلىك، ئۆزىنى ئەيىپلەش،كەچۈرەلمەسلىكلەرنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ئۇنىڭغا راھەتلىك ۋە  تىنچلىق بەخش ئېتىدۇ.

شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاللىقاچان ئۇنتۇلۇپ كەتكەن مىھرلىك قەلب، ئاستا، راھەت  ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىت، ئەڭ موھىمى ئۆزىنى كەچۈرۈش تۇيغۇلىرى بارغانسىرى قەلبىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلايدۇ. چۈنكى، ئۇنى بۇ دۇنيادا قارشى ئالىدىغان قىزى بار!

 

***

ياشاش ئىستىكىنىڭ ئەسلى مەنبەسى بولغان مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى بالىغا پەقەت ئاتا-ئانا ئارقىلىق يەتكۈزىلىدۇ. بىراق، يۇقارقى ئانا-بىلەن بالا مۇناسىۋىتىدە ئانىغا بالا ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن.

ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزىنى ئىتىراپ قىلىدىكەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىكەن، بالىنى ئىنكار قىلىش مەۋجۇت بولمايدۇ.

بالىنى ئېتىراپ قىلالىسا، ئاتا-ئانا ئۆزىنى ئىنكار قىلمايدۇ. خورلاش يوقايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئاستا-ئاستا نورمال ئانا-بالىلىقمۇناسىۋەتكە قايتىدۇ.

يېغىپ ئېيتقاندا،ئانا ئالدى بىلەن كەيپىياتىنى توغۇرلاپ، ئۆزىگە يۈزلەنگەندە، ئۆزىنى چۈشەنگەندە بارغانسىرى روھى بىسىملىرى يېنىكلەپ روھىمۇ تىنچلىنىپ قالىدۇ. بالا بىلەن مۇناسىۋىتىمۇ بارغانسىرى ياخشىلىنىدۇ.

بۇ دۇنيادىكى پىسخىك  سىستىما ئەمەلىيەتتە، ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئارقىلىق قۇرۇلغان.

ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ياخشىلىق بىلەن يامانلىق كۆز قارىشىدىن ئىبارەت.

كىچىكىدىن تارتىپ بىر قوللۇق بىقىلىپ بىللە تۇرغان، بەدەن بىلەن بەدەن ئۇچراشقان، ئوخشاش تاماق يەپ كەلگەن ئاتا-ئانا بىلەن بالىنىڭ ياخشىلىق-يامانلىق قارىشى ئوخشاش بولۇپ، ئورتاق تەپەككۇر قىلىدۇ.

خورلىنىپ چوڭ بولغان بالىلاردا بولسا، ياخشىلىق-يامانلىق قارىشى ئاستىن-ئۈستۈن بوپ كېتىدۇ. ياخشىلىق بېسىلىپ، يامانلىققا بەرداشلىق بېرىدىغان بوپ قالىدۇ.

بۇنىڭ يەنە قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرشىگە ھەممىدىن يارىدەم قىلىدىغىنى يەنىلا ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت.

كىشى قەلبىدىكى تۇنجۇقۇپ قالغان، يوقاتقان  ياخشىلىقنى قايتا ئەسكە سالىدىغىنى بالىنىڭ سەبى كۈلكىسىدۇر.

بالىلار بۇ دۇنيا ياخشىمۇ، رەزىلمۇ ھېچىمىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا، ئۇلار ھەممىگە ئىككىللەنمەستىن كۈلۈپ باقالايدۇ.

ئاتا-ئانىنىڭ ياشاش جەريانىدا قاچانلاردىدۇر ئۆتمۈشكە كۆمىۋەتكەنلىرىنى بالا ئۆز ۋۇجۇدىدا ئېلىپ يۈرۈيدۇ.

ئاتا-ئانا بالا تەرىپىدىن قۇتقۇزۋىلىنىدۇ.

تاكاخاشى كازىمىنىڭ «بالا ئاتا-ئانىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قەلبىدە كىسەللىك بولىدۇ» ناملىق كىتابىنى ئوقۇش جەرياندىكى تەسىراتلار

 تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

#Reyhan##高橋和巳#

 

تارقىتىڭ...