ئىس–تۈتەك ئىچىدە ئۈچ بالىسىنى بىر ئۆيگە ئەكىرىۋىلىپ، قالغان ئىككى بالىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغان،ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ ئوتتا كۆيۈشلىرىگە ئىلاجىسىز قالغان ئانىنىڭ يۈرەكنى ئەزگۈدەك نالىسىنى ئاڭلىغان قايسى بىر يۈرەك ئېزىلمىسۇن….!
يېنىدا ئۈچ بالىسى ھايات قالغان بولسىمۇ ئېچىنىشلىق كۆيۈپ كەتكەن ئىككى بالىنىڭ ئوتى بۇ ئانىنى يەنە نەچچە ئون يىللاپ كۆيدۈرەركىن–تاڭ؟! بىر ئانا ئۈچۈن بۇ بالىلىرى بىلەن تەڭ كۆيۈپ ئۆلۈشتىنمۇ ئارتۇق ئازاب ئەمەسمۇ…؟!!
ئۇف! بەزىدە مۇشۇ يىللارنىڭ مۇشۇ ئېغىر ئازابلىرىنى قۇلاق ئاڭلىماستىن، يۈرەك تۇيىماستىن، تۇيۇقسىز 100يىللىق، 1000يىللىق ئۇيغۇغا كېتىپ، ئاغرىقسىز، ئادىمىيلىك مۇنداق ئېغىر سىناقلاردا سىنالمايدىغان، ئىلاجىسىزلىقتىن مۇنداق پۇچىلانمايدىغان، بىراۋنىڭ يۈرەكنى ئەزگۈدەك نالىسىنى ئاڭلىمايدىغان، جان قېرىنداشنىڭ ئاغزىدىن چىقىرالمايدىغان ئېغىر ئازابىنى سىزەلمەيدىغان، ئانىنىڭ تارتقان ئۇۋالچىلىقى، يەر–جاھان سىلكىنگىدەك نالىسىنى پەقەت كۆزلىرىدىكى ئىككى تامچە ياشقا مۇجەسسەملىگەن شۇ بىئىلاجلىقىنى بىلمەيدىغان، نارىسىدىلەرمۇ بالىلارچە شوخلىقىدا بەخرامان ياشىيالمايدىغان مۇشۇنداق بىر سوغۇق زاماننىڭ ئۆتكەنلىكىنىمۇ ئۇقمايدىغان باشقا بىر زاماندا كۆز ئاچسام دەپ كېتىمەن!
ھەئە، تىنچ ، پەقەت قۇشلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىدىغان، گۈللەرنىڭ خۇش ھېدى بىر ئالغان، ئۆز كىشىلىرىمنىڭ بىر–بىرىگە تاماق سۇنۇشۇپ، بىر–بىرلىرىگە يېقىملىق بىقىشىپ پاراڭغا چۈشكەن، بالىلارنىڭ قىقاس–چۇقانلىرى بىر ئالغان مەھەللىلەردە قايتا كۆز ئاچسام، ئانامنىڭ قۇچىقىغابېشىمنى قويۇپ كىتاب ئوقۇۋاتسام، دادامنىڭ «بالام، قىززىق بىر چاي دەملىسەڭچۇ» دېگەنلىرىگە تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ قوپۇپ چايدەملەپ ھەممىز ئولتۇرۇپ قىزىزىق چاي ئىچىشكەچ پاراڭغا چۈشسەك، ئانام «ياشلىقىم پاشالىقىمغا چىلىڭلىيە» دەپ دادامغا دۇتارنىتۇتقۇزۇپ قويسا، بېرىلىپ ئاڭلاۋاتقىنىمىزدا ئاچىلىرىم بالىلىرىنى ئېلىپ ئۆيگە كەلسە، ئاكامغا تېلىفۇن قىلىپ(ياق بولدى، تېلىفۇنمۇ يوقزامان بولسۇن) ئاڭغىچە ئاكىلىرىم خوتۇن–بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئىشكتىن كىرىپ كەلسە، شۇنىڭ بىلەن قولمۇ–قول ھەممىمىزنىڭ ئاغزىغاتەگكۈدەك لەغمەن ئېتىپ بىر دوستىخانىدا دادامنىڭ «ياش چاغلىرىمدا…» دەپ باشلىغان گەپلىرىگە چاقچاقلىرىمىزنى قېتىپ كۈلۈشۈپئولتۇرۇپ لەغمەن يەپ كەتسەك…
…….
ئاھ…! ھېلىمۇ ياخشى «ئېگسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا بىر ھېكىمەت بار» دەيدىغان ئىتىقاد بىلەن ياشايدىغان خەقكەنىمىز، بولمىسا بۇ يىللارداتاشتىن ياسالغان بولساقمۇ يېرىلىپ كېتەر بولغىيتتۇق…
ئۇزۇن بولدى…! بىر نەرسە يازغۇم كەلمەس بوپقالغىلى…
ئۇزۇن بولدى…! ئازاب دېگەن نەرسىنىڭ تەمىنى تىتىۋىرىپ بۇ تەمگە ئۆچ بولۇپمۇ كەتكىلى…
ئۇزۇن بولدى…!«سېغىنىش»دېگەن نەرسىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرىۋاتقىلى…
ئۇزۇن بولدى…!سۆيۈملۈك شۇ قەدىردانلىرىم بىلەن ئاران بىر ئاران ئىكران يۈزىدە كۆرۈشسەم ئۆزۈمنى بەك روھلۇق، خۇشال تۇتىدىغان ، يالغاندىنئۈمىدۋارلىق ھەققىدە ۋەز سۆزلەيدىغان بوپقالغىلى…
ئۇزۇن بولدى…!سەھەردە كۆزۈمنى ئاچسام مۇدھىش بىر قاراڭغۇلۇقنىڭ يەنىلا كەتمىگىنىنى يەنە بىر رەت ھېس قىلىپ كۆزۈمنى ئاچقۇممۇ كەلمەس، بۇرىئاللىقنى كۆرگۈممۇ كەلمەس بوپقالغىلى…
ئۇزۇن بولدى…!سېنىڭ، سىلەرنىڭ ماڭا ئەسلا دىمەيدىغان، دىيەلمەيدىغان شۇ ئېغىر ئازابىڭلارنى تۇيۇپ قالىدىغان قەلبىمدە ئىچ ئاغرىقى تارتىۋاتقىلى…
ئۇزۇن بولدى…! ئۇخلاشتىن بۇرۇن قەيەرلەردە، قانداق يەرلەردە قايسى ھالدا كېچىنىڭ راھىتى بولغان ئۇيقىنىمۇ تۈزۈك ئۇخلىيالمايدىغانلارنىڭ بارلىقىنىئەسلەپ يۈرىكىم چىممىدە بولماستىن ئۇخلاپ باقمىغىلى..
ئۇزۇن بولدى…!
Schindlers list – Main theme
…….
رەيھان
2022.11.27
21:57
ئىنكاس يازىمەن