كىتاب: قەھۋە بىلەن ئۆتكەن ھايات☕️

498 قېتىم ئوقۇلدى

 

بۈگۈنمۇ قەھۋە دەملىسىڭىز

 

خۇشال ياشاشنىڭ 21 خىل ئۇسۇلى

ياز كۈنىلىرىنىڭ بىرى،  خىزمەت بىناسىنىڭ بىرىنجى قەۋىتىدىكى كىتابخانا بىلەن بىرلەشتۈرىۋىتىلگەن ستارباكىسنىڭ ئالدىدىن ئۆتىۋىتىپ (ھازىر بەزى سىتارباكس قەھۋەخانىلىرى كىتابخانا بىلەن بىرلەشتۈرىۋىتىلگەن) كىتاب جازىسىدىكى قەھۋەنىڭ رەسىمى بار ئۇشبۇ كىتابقا كۆزۈم چۈشتى.

قەھۋەخۇمار بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قەدىمىمنى ئىختىيارسىز توختىتىپ، كىتابنى قولۇمغا ئېلىپ ۋاراقلاشقا باشلىدىم. كىتاب رەسىملىك ھەم شۇنداقلا ئاچقان قايسى بىر بەتتىكى قۇرلار ماڭا ئىللىق تەسىر بەردى ھەم دەرھال سىتىۋالدىم.

كەچلىرى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئانچەمۇنچە ئوقۇپ دېگەندەك بۈگۈن كىتابنىڭ ئاخىرىقى بېتىنى ياپقىنىمدا قەھۋەنىڭ خۇشپۇراق ھېدىدەك قەلبىمدىكى ئىللىق سىزىمنى يەنە بىر قېتىم سەزدىم.

كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداراق:

 2021-يىلى 7-ئايدا تۇنجى نەشىر قىلىنغان «بۈگۈنمۇ قەھۋە دەملىىسڭىز»ناملىق ئۇشبۇ كىتابتا ئوكىناۋادا ياشايدىغان بىر جۈپ ئەرئايالنىڭ تۇرمۇشى، ياشاش ئۇسۇلى، ئۆزگىچە قاراشلىرى ئەرنىڭ «موكا» ناملىق تەخەللۇسىدا يېزىلغان بولۇپ،  2004-يىلدىن باشلاپ ئائىلىدە قەھۋ دەملەش ئۇسۇلى، بولكا پۇشۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ،ھازىر شەخسى يۇتۇب قانىلى ۋە بىلوگلىرىدا ئۆزىنىڭ ياشاش ئۇسۇلى، تۇرمۇش قارىشى، قەھۋە دەملەش ھەم بولكا پۇشۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ھەمبەھىرلەپ كەلگەنىكەن. ئۇلارنىڭ تىنچ، ئارامبەخش تۇرمۇشى، ئۆزىگە خاس ياشاش ئۇسۇلى قىزغىن ئالقىشلىنىپ يۇتۇبتىكى كۆرۈرمەنلىرى 170 مىڭدىن ئاشقان. بىراق، ئاخشام ئۇلارنىڭ يۇتۇب قانىلىغا قارىسام ئەگەشمەنلىرى 223 مىڭدىن ئېشىپتۇ.

كىتابتا موكانىڭ كۈندىلىك رىئال تۇرمۇشتىكى  خۇشال ياشاشنىڭ 21 خىل ئۇسۇلى سۆزلەنگەن بولۇپ، مەن بۇنى چوڭ نوقتىدىن ئۈچكە بۆلۈپ بايان قىلىمەن. كىتابتىكى موكا ئەپەندى ئەرئايالنىڭ تۇرمۇشى ئاددى، بىراق بەكلا ئۆزگىچىلىككە ھەم گۈزەللىككە تولغان بولۇپ، ئۇقۇغان ئادەمنى شۇنچىلىك يىنىك تۇيغۇلارغا باشلايدۇ.

 

 

Toccata-Paul Mauriat

 

غىزالىنىش ئادىتى

غىزالىنىشتا ئەڭ مۇھىمى كۆڭۈللۈك كەيپىياتتا غىزالىنىش.

ئاتا-ئانىمىز، قېرىنداشلىرىمىز بىلەن گۈزەل كەيپىياتتا بىر دوستىخانغا جەم بولغان مىنۇتلار قايسىمىزنىڭ ئەسلىمە بەتلىرىدىن ئورۇن ئالمىغان؟ يەنە بىر قېتىم ئۇلار بىلەن بىر دوستىىخانىغا جەم بولۇش قايسىمىزنىڭ ئارزۇ تىزىملىكىنىڭ بىرىنجىسىگە تېزىلمىغان؟!

ئائىلىدە كۆڭۈل قويۇپ ئېتىلگەن تاماق ئائىلە ئەزالىرىنى بىر-بىرىگە باغلايدۇ، خۇشال كەيپىياتتا يىيىلگەن تاماق جانغا ھوزۇر بېغىشلايدۇ. ئاپتۇر ئۇشبۇ كىتابىدىمۇ دەل تاماق ۋاقتىدىكى خۇش كەيپىياتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇندىن باشقا «ئۇنى يېمىسەم بولمايدۇ»، « بۇنى يېسەم بولمايدۇ» ئەمەس يىگۈسى كەلگەننى يېيىش، ئۆزىنى قەستەن مەلۇم يىمەكلىكتىن چەكلەش ياكى زورلاپ يېيىشنى توغرا تاپمايدۇ. بۇ قۇرلارنى يېزىۋىتىپ  ئۆزۈمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى ئېيتىپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ.

مەن يېقىندا ئۆزۈمدە ئۇزۇن يىللاردىن بىرى «بۇنى يېسەم سەمىرىپ كېتىمەن»، «ئۇنى يېسەم سەمىرىمەيمەن» دېگەندەك نورمال يەپئېچىشنىڭ ھەممىسىنى ئورۇقسېمىزلىككە تاقاپ ئويلايدىغان بىر يوشۇرۇن ئاڭنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم ھەم ئۆزۈمنىڭ بەدىنىگە يۈزكىلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلدىم. نېمىشقا بەدىنىم يىگۈسى بار نەرسىنى يېسە بولمىغۇدەك؟ نېمشقا ھەممە نەرسىگە ئورۇقسېمىزلىكنى قېتىۋالىمەن؟ ھەتتا، ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ماروژنا يىگەندە «سەمىرىپ كېتىمەن» دەپ ئۆزۈمنى چەكلەيمەن؟! تاماق ئەتكەندە نېمىشقا«مەن بەرىبىر ئازلا يەيمەن، مىقدارىنى ئازلا قىلاي» دەپ ئۆزۈمنىڭ ئائىلىدىكى نىسىۋەمنى كەملىتىۋىتىمەن؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈمنى بوزەك قىلغانلىق بولماي نېمە؟

يېقىندىن بىرى ئۆزۈمنىڭ بۇ پىكىر قىلىش ئۇسۇلۇمنى ئۆزگەرتىۋاتىمەن. ئۆيدىكىلەر ماروژنا يېگەندە يىگۈم بولسا يەيدىغان بولدۇم. تاماق ئەتكەندە ئوبدان، ھوزۇرلىنىپ يەي» دېگەنلەرنى ئويلاپ ئېتىدىغان بولدۇم.

يېڭى ياپونغا كەلگەن چاغلىرىمدا يالغۇز تاماق يىيىشنى ئېغىر ئالاتتىم، يىگۈم كەلمەيتتى. ھازىر بەزىدە ئۆيدە يالغۇز قالساممۇ يالغۇز جىنىمغا تۈجۈپىلەپ تاماق قىلىپ ھوزۇرلىنىپ يەيدىغان، بۇنىمۇ ئۆزۈمنى سۆيۈشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى دەپ قارايدىغان بولدۇم.

موكانىڭ ئەتىگىنى بىر ئىستاكان ئاقىسل سۈيى بىلەن باشلىنىدىكەن ھەم بىر كۈنلۈك ئىنىرگىيەگە ئېگە بولغاندەك تىتىك بوپ كېتىدىكەن. پىقىرنىڭ ئەتىگىنى بىر ئىستاكان   لىمون+ھەسەل چايدىن باشلىنىۋاتقىلى نەچچە يىللار بوپقالدى، سىلەرنىڭچۇ؟ ياخشى ئادىتىڭلار بولسا ئورتاقلىشايلى ھە؟

موكا ئەپەندى كۈندىلىك تۇرمۇشىدا قارا ئاشلىقلارنى، ئورگانىك كۆكتاتلارنى ئىستىمال قىلىدۇ ھەم تۈجۈپىلەپ تەييارلايدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەۋىسىدىن بىرى ھەر خىل بولكىلارنى پۇشۇرۇش. خالىساڭلار ئۇنىڭ يۇتۇپ قانىلىغا كىرىپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ. مېنىڭ يېڭى يىللىق پىلانىمدىن بىرى موكادىن كام دېگەندە بىرەر خىل بولكا پۇشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىش.

دەم ئېلىش كۈنلىرى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 لەردە ئۆيدىن مەززىلىك بولكا پۇرىقى كەلسە، بالىلار خۇش بولۇپ ھوزۇرلىنىپ يىسە نەقەدەر گۈزەل ھە! ئوكېي، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى توغرىسىدا مۇشۇنچىلىك توختىلايلى.

 

ياشاش ئۇسۇلى

 

تۇرمۇشتا ھەممىدىن موھىمى ئازادىلىك

موكا ئەپەندىلەرنىڭ تۇرمۇشتا قوغلىشىدىغىنى ئازادىلىك، ئۇلارنىڭ تۇتقان ئۆيىنى زامانىۋى، مودا…دېگەندەك ئاتالغۇلار بىلەن سۈپەتلىگەندىن كۆرە، ئازادە، ئۆزگىچە دېگەن تۈزۈك. مېنىڭمۇ بۇرۇنقى ئارزۇلىرىمدىن بىرى، كەلگۈسىدىكى ئۆيۈمنىڭ ھەشەمەتلىك ئەمەس، ئۆزگىچە بولىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. دەرۋەقە، ھازىرقى رىئاللىقىممۇ شۇنداق بولدى.

كىتابقا قايتىپ كەلسەك، موكا ئائىلە سايمانلىرى جەھەتتە ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكلى بولىدىغان، پۇختا، ھەم ئازادىلىك بېغىشلايدىغان ئائىلە سايمانلىرىنى تاللايدۇ ھەم ئۆيدە ئارتۇق نەرسىنى قويمايدۇ. ئاخشام ئۇخلاشتىن بۇرۇن موكانىڭ يۇتۇب قانىلىدىن خالىغان ۋىدىئودىن بىرنى كۆرۈپ باقتىم. ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ دەرىزىسى دېڭىزغا قارايدىغان بولۇپ، بۇ دەرىزە شۇنچىلىك ئارامبەخش ھەم راھەت.

ئۆيدە يېشىللىقتىن، خۇشپۇراقلاردىن ھوزۇرلىنىدۇ. ئۇلار كىيىنىش جەھەتتىمۇ ناھايتى ئاددى بولۇپ، ئەرنىڭ يازلىق ساپما كەشى، تەنتەربىيە ئايىغى، خىروم ئايىقى بولۇپ جەمئى ئۈچلا ئايىقى بار. ئايالىنىڭ بولسا يازلىق ساپما ئايىقى ھەم ئىككىلا ئۆتۈكى بار، كىيىمكىچەكلىرىمۇ ھەم كەيگىلى بولىدىغان نەچچە قۇرلا. ئەلۋەتتە، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك قارىشى باشقىچە يۇقىرى. كىيىم-كىچەكتىكى زىيادە ئاددىيلىقنى قوبۇل قىلالمايمىز. ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ تاللىشى، ياخشى كۆرىشى، ئىقتىساد ئەھۋالىغا بېقىپ كىيىنىشنى تاللىسا بولىدۇ، دەپ قارايمەن.

ھاياتلىق يولى

 

私たちの人生は自分だけのものです。

そして、人生は一度きり。

Mocha

ھايات پەقەت ۋەپەقەت ئۆزىمىزگىلا تەۋە.

شۇنداقلا، ئۇ پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ.

موكا ئەپەندى

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك ياپوندا ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن بىر يىل بۇرۇن خىزمەت ئىزدەپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنلا خىزمەت قىلىش ئوموملاشقان. خۇددى، ۋەتەندە ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ تۆمۈر تاۋاققا ئېگە بولۇش ھەممىلا ئادەم تاللايدىغان كوللىكتىپ يول بولغىنىدەك.

ھالبۇكى، موكانىڭ ھەممىلا ئادەم ماڭغان يولدا ماڭغۇسى كەلمەيدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن باشقا ساۋاقداشلىرىدەك خىزمەت ئىزدىمەيدۇ،باشقىلارنىڭ قولىدا ئىشلەشنى خالىمايدۇ، باشقىچە يول تېپىشنى ئۈمىد قىلىدۇيۇ، مېڭىشقا تېگىشلىك يولىنى تاپالماي ئۆزىدىن ئۈمىدسىزلىنىپمۇ قالىدۇ. دەل مۇشۇنداق ھاياتلىق يولى قاراڭغۇلاشقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە  دوستىنىڭ «ھېندىستانغا ساياھەتكە بېرىپ باق، ھايات قارىشىڭ ئۆزگىرىپ قىلىشىڭ مۇمكىن» دېگەن تەكلىپى بىلەن ھندىستانغا بارىدۇ، بىراق، رىئاللىق ئۇنىڭغا مۇھىت ئۆزگەرسە ئادەمنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ناتايىنلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ.

«بىر كىتاب ئوقۇدۇم، شۇنىڭ بىلەن ھاياتىم ئۆزگەردى.»،«بىر كىنو بىلەن باشقىچە ئادەم بولدۇم»....دېگەنلەرنى شەخسەن مەنمۇ بەكمۇ چۈشەنمەيمەن. موكا  ئېيتقاندەك، ئادەم ئاددىيلا ئۆزگىرىدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇنىڭغا ۋاقىت كېرەك، شۇنداققۇ؟

گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، ھېندىستانغا بېرىپمۇ ھاياتىدا ئۆزگىرىش بولمىغان موكاكام بىر قېتىملىق تاسادىبى پۇرسەتتە بىر قىز بىلەن يەنى، ھازىرقى ئايالى بىلەن ئۇچىرىشىش ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىدۇ. قارىغاندا، مۇھەببەتنىڭ ئادەمنى ئۆزگەرتىدىغىنى راست ئوخشايدۇ.

يەنى، موكانىڭ  ئايالىنى بىلەن تۇنجى ئۇچراتقان  ۋاقتى ئۇنىڭ 25 ياش چاغلىرى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ  ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدىمىگىنىنى، ھاياتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھېندىستانغا بارغان بولسىمۇ ھېچنىمنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكى قاتارلىق باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى قىزغا ئېيىتپ بەرگىنىدە، قىزنىڭ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايدىل ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بۇندىن كېيىن نېمە قىلىش توغۇرلۇق بىرلىكتە باش قاتۇرۇشلىرى،  تەكلىپ بېرىشلىرى ئۇنى جەلپ قىلىدۇ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ ھەم تاكى ھازىرغىچە ئايالىنىڭ بۇ تەرىپىنى ئۇنىڭ ئەڭ  مۇھىم سىھرى كۈچى دەپ قارايدۇ ھەم «ئەگەر ، ئايالىمنى ئۇچراتمىغان بولسام ھېلىمۇ ھەم ئۆزۈمنى ئىزدەۋاتقان بۇرۇنقى مەن بولاتتىم» دەپ يازىدۇ موكاكام.

ئۇلار توي قىلىشنى ئويلاشقاندا، موكا ھاياتىدا تۇنجى قېتىم خىزمەت قىلىشنى راسمى قارار قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئەر خىزمەت تېپىپ، ئايالى چارچىغان خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىدۇ.

قانائەتلىنەرلىك ئەرئاياللىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى، بىربىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغماسلىق

گەرچە ئاساسلىق كۆزقاراشلار ئوخشاش بولسىمۇ، كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈنمۇ خاپا بولۇشۇپ قىلىش ئەرئايال ئوتتۇرىسىدا بولۇپ تۇرىدىغان ئىش. چۈنكى، ئەرئايال دىمەك،  يەنىلا باشقاباشقا ئادەم. شۇنداقلا ئۇلار ئوخشىمىغان ئائىلە، ئوخشىمىغان موھىتتا ياشىغان بولغاچ، بىر ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، تېزلا ناھايتى ياخشى ماسلىشىپ كېتىش تولىمۇ ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال،-دەپ ئېيتىدۇ موكا ئەپەندى.

ئۇلارمۇ توي قىلغاندىن كېيىن،  بۇ مۇساپىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. ئۇلار تېخىمۇ ئىناق ئۆتۈش ئۈچۈن ئائىلىدە ۋەزىپە بەلگىلەيدۇ. يەنى، موكا ئەپەندىنىڭ نەزىرىدە «ئايال كىشى دېگەن تاماق ئېتىشى كېرەك» ئىدى. چۈنكى، ئۇ چوڭ بولغان ئائىلىدە تاماقنى ئاپىسىلا ئىتەتتىكەن، ئۇ ئاپىسىنىڭ تاماق ئەتكىنىنى كۆرۈپ چوڭ بولغاچقا، تاماق ئېتىش ئايالنىڭ مەسئۇلىيىتى دەپ بىلەتتىكەن.

ئۇلار توي قىلغاندىن كېيىن تاماق ئېتىش ئايالىنىڭ مەسئۇلىيىتى بوپتۇ. ئايالىمۇ سائەتلىك خىزمەت قىلغاچقا، بەزى كۈنلىرى ئىشتىن ھېرىپ كەلگەندە تاماق يوق ياكى ئاددى تاماقلارنى كۆرگىنىدە نارازى بولغان چاغلىرىمۇ بوپتۇ.  ئايالىنىڭ «سىزمۇ ئەتسىڭىزبولمامدۇ؟» دېگەن گېپىدىن كېيىن بۇرۇندىن تاماق ئېتىشنى ياخشى كۆرىدىغان موكا ئەپەندىمۇ ئانچەمۇنچە تاماق ئېتىشنى باشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىدىكى بۇ نارازىلىق پەسەيگەن بوپتۇ.

موكانىڭ مۇنداق بىر سەت ئادىتى باركەن. يەنى،  پايپىقىنى مىھمانخانا ئۆيگە قالايمىقان تاشلايدىكەن. بۇنىڭغا چىدىمىغان ئايالى «پايپاقنى قالايمىقان تاشلىماسلىق»تۈزۈمىنى چىقىرىپتۇ. بىراق، موكاكام بۇ تۈزۈمگە ئانچە بويسۇنمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئايالى تۈزۈمگە بويسۇنمىغان دەپ تېخىمۇ ئاچچىقلىنىدىغان بوپكىتىپتۇ.

ئەنە شۇنداق  ئەسلىدە تېخىمۇ بەخىتلىك، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارزۇسىدا تۈزۈلگەن بىر قاتار تۈزۈلمىلەر  بۇ ئەرخوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يېرىكلەشتۈرۈپ قويۇپتۇ. ئاخىرى، ئۇلار ئائىلىدە تۈزۈم قىلماسلىقنى، ئۆزى خالاپ ئىش قىلىشنى قارار قىپتۇ. نەتىجىدە، ھازىر ئۇلار ئائىلە ئىشلىرىنى ئۆزى خالاپ قىلىدىكەن، بىر-بىرىگە ۋەزىپە يۈكلەنمىگەن تەبىئى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ئائىلە ئىشلىرى ئۇلارغا خۇشاللىق ئاتا قىپتۇ. 

قارشى تەرەپتىن ئۈمىد كۈتمىگەندە، مىننەتدارلىق پەيدا بولىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ قىلغىنى قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەس بەلكى ئالاھىدە ئىشتۇر. مەسلەن، قارشى تەرەپنىڭ تاماق ئېتىپ بېرىشى، ئەخلەت تۆكىشى، قاچا يۇيۇشى، ئۆي تازلىشىقىلىشقا تېگىشلىك بولماستىن، بىز مىننەتداربولۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدە ئىش.

ئىزچىللىق

بۇ كىتابتا ماڭا تەسىرقىلغان ئەڭ موھىم نوقتىدىن بىرى، ئىزچىللىق.

يەنى، موكانىڭ 15 يىلدىن بىرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن مۇنداق ئادىتى باركەن. بىرى،ئەتىگەنلىك مەدىتەيشىن، يەنە بىرى، سەھەر تۇرۇش ئادىتى.

يەنى، ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگىنى 5:00 دە ئورنىدىن تۇرىدكەن. ھەتتا، دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ سەھەر 5:00 دە ئورنىدىن تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، دەم ئېلىش كۈنلىرى كېيىن ئورنىدىن تۇرۇش كۈندىلىك رىتىمنى بۇزىۋىتىدكەن ھەم  ئادەمدە روھى بىسىم پەيدا قىلىدىكەن.

ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، ئەسلىدە 2022-يىلدىكى چوڭ پىلانىمدىن بىرى سەھەر تۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئىدى. ئەكسىچە، يىللاردىكىدىنمۇ ھورۇنلىشىپ كەتتىم، بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەبتىن بىرى، رىتىمنى بۇزىۋىتىپ قالدىم.  يېقىندا، قاسىمجاننىڭ «2023-يىلى يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك بەش ئادەت» ناملىق ۋىدىئوسىنى كۆرۈپ بۇ نوقتىنى تېخىمۇ بايقىدىم. كەچتە ئۇخلاش ھەم ئەتىگەندە ئويغىنىش ۋاقتى مۇقىم بولۇش، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن شۇ كۈندىن خۇلاسە چىقىرىش ھەقىقەتەن مۇھىمكەن.

يېڭى ياپونغا كەلگەن يىللىرىم 80 دىن ئاشقان بىر موماي خوشنام ئۆزىنىڭ ھەر كۈنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن  ئىشىدىن بىرىنى كۈندىلىك خاتىرە يېزىش دېگەنىدى. ھازىرمۇ پات-پات ئاشۇ مومايدىكى ئىزچىللىقنى ئويلاپ قالىمەن. سىزدىچۇ؟ سىزدە ئىزچىللىق بارمۇ؟ مەندىن سورىسىڭىز كۈندە بىر ئىستاكان قەھۋە ئېچىش. ئۇندىن باشقا، يېقىنقى بەش ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ھەر كۈنى چوقۇم ھازىرقى ئوقۇۋاتقان كىتابىمنىڭ شۇ كۈنلۈك بېتىنى ئوقۇش ھەم تەرجىمە قىلىش بولۇپ كەلدى. بۇ جەھەتتىن ئۆزۈمدىنمۇ شۇنداق خۇش بوپقالدىم دېسەم بولىدۇ.

بىر كۈنلۈك تۇرمۇش رىتىمى

بىز بىرەر ياپونلۇق ئەرنى تەسەۋۋۇر قىلساق، ئۇنى قاتۇرۇپ شىم-كاستىيۇمنى كېيىپ، خىزمەت بىلەنلا بولغان ھالىتى ئېسىمىزگە كېلىدۇ. موكاكامنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ئادەتتىكى ياپونلاردىن پەرقلىق.

يەنى، ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش تەرتىپى مۇنداق:

ئەتىگىنى 5:00 دە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدى بىلەن بىر ئىستاكان ئاقسىل ئىچىپ روھى ئۇرغىغاندىن كېيىن، مەدېتەيشىن قىلىدىكەن. ئاندىن يېقىنقى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، سائەت 6:00 لەردىن باشلاپ ئەتىگەنلىك ناشتا تەييارلايدىكەن.  ناشتا تەييار بولاي دېگەندە ئايالى ئويغىنىپ، ئەرخوتۇن بىللە ناشتا قىلغاندىن كېيىن، ئەر ئىشقا ماڭىدىكەن، ئايالى ئۆيدە قىلىپ ئۆي تازىلاش، نەرسە-كېرەك سېتىۋىلىش، ۋىدىئو تەھرىرلەش، چىنىقىش زالىغا بېرىش..دېگەندەكلەرنى قىلىدىكەن.

كەچتە ئەر ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، بىرەر سائەت چىنىقىش ئۆيىدە چىنىقىپ ئۆيگە قايتىدىكەن ھەم ئايالى تەييارلىغان كەچلىك تاماقنى بىللە يىيىشىدىكەن. بۇ ئائىلىدە ئائىلە ئىش تەقسىماتى يوق بولسىمۇ،كەچلىك تاماق تۈگىگەندىن كېيىن، موكا ئۆزلىكىدىن كەچلىك تاماقنىڭ دوستىخانلىرىنى يۇغۇشتۇرۇش، قاچا يۇيۇشلارغا يارىدەملىشدىكەن. 

ئۇلار ئۇخلاش مۇھىتىنىمۇ ئەستايدىل ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇخلاش ئۆيىگە غۇۋا چىراغ ئورنىتىپ، يوتقان، كارۋات كىرلىكى دېگەنلەرگىمۇ بەدەنگە يېقىشلىق ماتىريالى ساپ پاختىدىن تۈزۈلگەن كىرلىكلەرنى ئىشلىتىپ، سۈپەتلىك ئۇيقۇغا ئەھمىيەت بېرىدىكەن.

 ئۇندىن باشقا، ئۇ ھەر كۈنى قەھۋە دەملەشتىن ھوزۇر تاپىدۇ، باغچىدىكى گۈللىرى غۇنچە باغلىسا، ئېچىلغىنىنى كۆرسە شۇنچىلىك بەخىتلىك ھېس قىلىدۇ. بۇ ئەپەندىنىڭ بۇ تەرىپى بىلەن مەندە ئورتاقلىق باركەن.

خىزمەت مۇھىممۇ-ئائىلىمۇ؟

كۆپىنچە ئەرلەرنىڭ خىزمەتتىن بەخىت ئىزلەيدىغىنى، خىزمەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغىنى راست. ھالبۇكى،  ئۆلۈم ئالدىغا كەلگەندە«بۇنچىۋالا خىزمەتكە ئۆزۈمنى ئۇرمىسام بوپتىكەن،«ئائىلىدىكىلىرىمگە ياخشى مۇئامىلىدە بولسام بوپتىكەندېگەندەك پۇشايمان بىلەن كېتىپ قالىدىغىنىمۇ راست. موكا دەل مۇشۇنداق ھەسرەتتە  قالماسلىق ئۈچۈن ئائىلىنى، ئائىلە بەختىنى ھەممىدىن موھىم ئورۇنغا قويىدۇ. ھەتتا، ئۆزىنىڭ ساغلام ياشىشىنىڭ ئايالى بىلەن بىر كۈن بولسىمۇ ساغلام، بىللە ياشاش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، ئەرئايالنىڭ بىربىرىنى يوقىتىپ قويماسلىقىنىڭ ئۇلارنىڭ  ئەڭ چوڭ ئارزۇسى  ئىكەنلىكىنى، ئايالىدىن ئايرىلىپ قىلىش ئازابىنى تارتقاندىن كۆرە ئۆزىنىڭ ئايالىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى يازىدۇ، شۇنداقلا ھەربىر كۈنىنى ئۆز ئارزۇسىدەك ئۆتكۈزىدۇ.

جان تېكىپ پۇل تاپقاندىن كۆرە، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ياشاپ، كۆپرەك ۋاقىتنى ئائىلىگە سەرپ قىلغان تۈزۈك.

مانا بۇ موكانىڭ ياشاش پىرىنسىپى. ئۇ ئۆزىنىڭ ياشاش مەقسىتىنى خىزمەت دەپ قارىمايدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى كۆپرەك ۋاقتىنى قىممەتلىك ئائىلىسىگە بېغىشلىيالايدىغان بولۇش. شۇڭا، ئۇ مۇشۇ خىل  تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللايدۇ ھەم ئائىلىنى ئۆزىنىڭ بەختى دەپ قارايدۇ.

ئەرئايالنىڭ مىھر-مۇھەببەتلىك مۇناسىۋىتدە  ئالدى بىلەن قەلبىدە بىر راھەتلىك بولمىسا بولمايدۇ. پەرزەنت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە بالىنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلمىسا بولمايدۇ.

موكا ئەر-ئايالنىڭ پەقەت بىرلا ئوغلى بولۇپ، ئوغۇل تولۇق ئوتتۇرىنى ئارالنىڭ سىرتىدىكى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇشنى قارار قىلىدۇ ھەم ئۆيدىن كىچىكلا ئايرىلىدۇ. كۆز ئالدىدىكى چاغلاردا ئارتۇقچىلىقىدىن كۆپرەك كام تەرەپلىرىنىلا كۆرىدىغان، بالىسىغا توختىماي سۆزلەپ تۇرىدىغان دادا، ئوغلى  ئۆيدىن ئايرىلغاندىن كېيىنلا، ئۇنىڭمۇ ياخشى تەرەپلىرىنىڭ كۆپلىكىنى بايقايدۇ. موكانىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى مۇنۇ قارىشى ئويلىنىپ كۆرىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

مۇھەببەتنى ئارتۇق بېرىشنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن، بەرگەن مۇھەببىتىمىز ئۇ مۇھتاج بولغانچىلىك بولسۇن.

يېڭى تۇرمۇش ئۇسۇلى

 

失ったときにその価値に気づくと言いますが、あの悪習慣があったからこその今の新習慣です。どんな経験も無駄ではないですね。

20 ياش چاغلىرىدا ئادەم ساغلام بولغاچ ساغلاملىق توغۇرلۇق ئانچە ئويلاپ كەتمەيدۇ. ياش چوڭىيىپ مەلۇم كىسەل بىلەن ئاغرىغاندىن كېيىن، ئاندىن ساغلاملىقنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئېكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.

موكامۇ بىر قېتىملىق كىسەللىكتىن كېيىن، بۇرۇنقى ھاراقتاماكىدىن قول ئۈزىدۇ. ھەر كۈنلۈك تۇرمۇشىغا چىنىقىشنى كىرگۈزىدۇ. ياش چوڭايغانىسىرى تۇرمۇش دائىرىسىنى كىچىكلىتىپ بەدەنگە ئېغىر كېلىدىغان ھەر قانداق ئىشنى توختىدۇ.

 

يارىدەم قىلىشنىڭ ھەر خىل يولى بار

 

بىز ئائىلىمىزدىكىلەر ئۈچۈن ئۇلار ئامراق لەغمەننى ئېتىش ئۈچۈن، بۇغداي ئۆستۈرۈپ، ھەر بىر كۆكتاتنى ئۆزىمىز يېتىشتۈرۈپ، تۇز، گۆش قاتارلىق ھەر بىر كېرەكلىك ماتىرىيالنى ئۆزىمىز تەييارلايمىز دېسەك، بىر تەخسە لەغمەن ئۈچۈن ئايلار، يىللار كېتىشى ئېنىق.

ئوخشىمىغان يەرلەردە ئوخشىمغان خىزمەت قىلىۋاتقان  كىشىلەرئەمەلىيەتتە، بىزگە ۋاقتىنى بەرگەن كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. يەنى، بىزنىڭ بۈگۈنكى بىز بولىشىمىزنى  يەنىلا ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ، ئائىلىمىزنىڭ يارىدىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.  بىز مەۋجۇت بولىۋاتقان ئۇشبۇدۇنيادىكى بارچە مەۋجۇدات بىربىرى بىلەن باغلانغان بولىدۇ.

مۇشۇ مەنىدىن، بىزدىمۇ باشقىلار ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىش ئىستىكى بولىدۇ. موكا ئەپەندىدىمۇ دەل مۇشۇ خىل ئىستەك بولىدۇ. ئاشۇنداق كۈنلەردە ئايالى ئۇنىڭغا يۇتىيۇب قانىلى ئېچىش مەسلىھەتىنى بېرىدۇ.

گەرچە، موكا ئەپەندىدە مۇنداق ئىقتىدار ھەم كۆپ كىشلەرنى جەلپ قىلىغۇدەك ئىشەنچ بولمىسىمۇ، ئىش باشلاپ باقىدۇ. ئويلىمغان يەردىن بۇ بىر جۈپ ئەرئايالنىڭ ئۆزگىچە تۇرمۇشىغا قىزىقىدىغان، ئىلھام ئالىدىغان كىشىلەر كۆپ بولىدۇ. ئۇلارمۇ كىشىلەرنىڭ ئىلھامبەخش ئىنكاسلىرىدىن كۈچ ئالىدۇ. موكا ئۈمىدۋار، گۈزەل ياشاش ھەم بۇ ياشىغانلىرى  ۋە ئويلىرىنى ئورتاقلىشىش ئارقىلىقمۇ باشقىلارغا يارىدەم بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. دېمەك، يارىدەمنىڭ، بېغىشلاشنىڭ  يولى ھەر خىل بولىدۇ.

مۇشۇ يەردە ئۆزۈمنىڭ ھاياتىدىكى مۇنداق بىر نەرسىنى قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى.

2017-يىلى مىللەتنىڭ بېشىغا قارا كۈن كەلدى. شۇ يىللاردا مېنى ئەڭ قىينىغان سۇئالمەن ئۇلار ئۈچۈن نېمە ئىش قىلالايمەن؟» بولدى.

بەك چوڭ ئىشلارنى قىلالمايدىغىنىم ئېنىق ئىدى. شۇ چاغلاردا بىلوگىمنى يەنى، «توكيو خاتىرىلىرى» لىرىنى يېزىشقا، ئېلان قىلىشقا باشلىدىم. ياقتۇرۇپ ئوقۇغان بالىلار تەربىيەسىگە ئائىت كىتابنى ئەتىگەن سائەت 4:00 لەردە  ئورنۇمدىن تۇرۇپ ھەممە ئۇخلاۋاتقان سەھەر پەيتلىرىدە تەرجىمە قىلىشقا باشلىدىم ھەم بىلوگىمدا ئېلان قىلدىم. نۇرغۇنلىغان ياش ئاتئانىلارنىڭ ئىللىق ئىنكاسلىرىدىن كۈچ ئالدىم.

شۇ چاغلاردا مەن مۇشۇ خىل يول ئارقىلىق باشقىلارغا مەلۇم دەرىجىدە يارىدەم قىلالايمەن دەپ ئويلىغاندىم ھەم بۇ مەن قىلالايدىغان ئىشلاردىن بىرى ئىدى. كەينىمگە بۇرۇلۇپ بۇ يىللارغا قارىسام، بەلكىم مەن باشقىلارغا مەلۇم دەرىجىدە يارىدەم قىلغاندىمەن، بىراق، ئەڭ موھىمى بۇ ئېغىر يىللاردا مەن ئۆزۈمنى مۇشۇ يول ئارقىلىقمۇ قۇتقۇزۇۋاپتىمەن.

خوش، بۈگۈنكى بۇ يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى كىتابىمنىڭ تەسىراتى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشسۇن. يېڭى بىر يىل كېلىش ھارپىسىدا ھەممىمىزگە بىر-بىرىمىزگە ئىلھام بولغۇدەك گۈزەل ياشاش ئۇسۇلى ھەمراھ بولغاي دەپ تىلەيمەن.

************

رەيھان ئابلەت

2022.12.30     جۈمە-سەھەر

تارقىتىڭ...
  1. بۇ ئەسەرنى ئەستەيىدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم.ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز بىزگە راھەت -بەخىش بېرەلىدىمۇ دىگەنلەرنى ئويلاشقا مۇيەسسەر قىلدى،يېڭى يىللىق ئىجابى سۆغاتىڭىزدىن بەك خوش بولدۇم،رەھمەت

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

كىتاب:

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى