كىتاب: «ئىكىگاي»ناملىق كىتابدىن ياپونلارغا نەزەر

503 قېتىم ئوقۇلدى

بۈگۈن 2023-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى پەيشەنبە

ئەتىگەن بىكەتكىچە ماشىنىلىق كېتىۋىتىپ، بىر نەچچە كۈندىلا يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا غۇچچىدە ئېچىلىپ كەتكەن ئاق رەڭلىك دەرەخ گۈللىرىگە قاراپ، بەكلا تۇيۇقسىزلا كەلگەن باھاردىن، تەبىئەتنىڭ  بۇ گۈزەللىكىدىن  ئىختىيارسىز قەلبىم ئىللىق سىزىمغا تولدى. باھار پەسلىنى، بولۇپمۇ ئانام تۇغۇلغان ھالرەڭللىك 3-ئاينى ياقتۇرىمەن. بۇ ئاي ئادەمگە ئەنە شۇنداق تۇيۇقسىز خۇشاللىقنى ئاتا قىلىدۇ. پەسىللەر تەكرارلىنىۋاتىدۇ…ھەر يىلى باھار كەلگەندە، چىرايلىق باھار گۈللىرى، نورۇز گۈللىرىنى كۆرگەندە ھاياتقا بولغان تەلپۈنۈش، قىزغىنلىق يەنە بىر قېتىم قوزغىلىدۇ..زۇلمەتتە قالغان قەلبلەر يەنە بىر رەت ئۈمىد نۇرلىرىدا يورۇيدۇ…

ئەتىگەنكى ئەنە شۇ«كىچىككىنە خۇشاللىق»دەل بۈگۈن مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان كىتابنىڭ ئاساسلىق دېمەكچى بولغىنى.

سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسى، بىر ئىستاكان ھورى چىقىپ تۇرغان قەھۋە، ئەتىگەنلىك قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرلىرى، كەچكى شەپەق، چىرايلىق گۈللەرنىڭ جىلۋىلىرى، بالىڭىزنىڭ تاتلىق سۆزلىرى، ماشىنىڭىزنى قىزىل چىراغدا توختاتقىنىڭىزدا، ماشىنا دەرىزىسىدىن كۆرۈنگەن ساكۇرا گۈللىرىمانا مۇشۇنداق كىچىككىنە گۈزەللىكلەرنى ھېس قىلالامسىز، خۇشال بولالامسىز؟

مانا مۇشۇنداق كىچىككىنە ئىشلاردىن گۈزەللىكنى بايقىيالايدىغان كىشىلەرلا«ئىكىگاي»دا ياشىيالايدۇ، ھوزۇرلىنالايدۇ،-دەپ يازىدۇ موگى كېن ئىچىرو ئۇشبۇ كىتابىدا. ئۇنداقتا «ئىكگاي»دېگەن نېمە؟

To Vals Tou Gamou

«ئىكىگاي»دېگەن نېمە؟

 

ئۆتكەن يىلىنىڭ  سەھەر ئورنۇمدىن تۇرۇش خوشياقمىغان مەلۇم  بىر پەيشەنبە كۈنىدە، كىتابخانىدا موگى كېن ئىچىرونىڭ «ئىكىگاي» ناملىق كىتابىنى ئۇچىرىتىپ قالدىم. بۇ كىتاب ھەققىدە توختىلىش ئۈچۈن ئەمدىلەتىن پۇرسەت بولغان ئوخشايدۇ.

«ئىكىگاي» بولسا ياشاشتىكى خۇشاللىق ۋە ھاياتنىڭ مەناسىنى نىشان قىلغان ياپونچە سۆز بولۇپ، بىزنىڭ تىلىمىزدا بىۋاستە تەرجىمە قىلساق«ياشاشنىڭ سەۋەبى» دېيىلىدۇ. مەن ئۇشبۇ يازمامدا بۇ سۆزنى ئەسلى ئاتىلىشى بىلەن ئالىمەن.

ئىكىگاي-سىز ئۆز كەسپىڭىزدە ئۇتۇق قازىنالمىغان بىرى بولسىڭىزمۇ بىمالال قوللىنالايدىغان، ھەر خىل ياشاش ئۇسۇلنى مەدىھلەيدىغان ناھايتىمۇ كەڭرى مەنىدىكى دىموكراتىك ئۇقۇم.

ئىكىگايدا ياشاۋاتقان ئادەمنىڭ ئۇتۇق قازىنالايدىغانلىقى ئەمەلىيەت بولسىمۇ، ئەمما مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىكىگايدا ياشاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئەمەس. ئۇ ھەر قانداق بىر ئادەم ئۈچۈن ئىچىۋىتىلگەن كەڭرى بىر ياشاش يولىدۇر

بۇ خىل ياشاش ئۇسۇلىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن «ئىكىگاي» دا ياشاشنىڭ بەش موھىم تۈۋرۈكى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى.

بىرىنجى تۈۋرۈك: كىچىك ئىشتىن باشلاش(Starting small)

ئىككىنجى تۈۋرۈك: ئۆزىنى ئازاد قىلىش.(Releasing yourself)

ئۈچىنجى تۈۋرۈك: داۋاملاشتۇرالايدىغان ھالەتكە تەڭشەش(Harmonie in sustainability)

تۆتىنجى تۈۋرۈك: كىچىككىچىك ئىشلاردىن خۇشاللىق تاپالايدىغان بولۇش.(The joy of little things)

بەشىنجى تۈۋرۈك: ھازىرنىڭ ئۆزىدە ياشاش.(Being in the here and now)

ئاپتۇر تويوتانىڭ زاۋۇتىغا بېرىپ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭمۇ، ھەتتا تولۇقسىزنى ئوقۇش تارىخىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ باراۋەر ھالدا ئۆزئارا تەكلىپپىكىرلەرنى بېرىشىپ ئۆز خىزمىتىنى خۇشاللىق بىلەن ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئويلىنىپ قالىدۇ. ھاياتتا ئۇتۇق قازانمىسا، ئۆزىدىن، تۇرمۇشىدىن رازى بولمايدىغان ھايات قارىشىنىڭ تولىمۇ بىر تەرەپلىمە ئېكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەستىقلايدۇ.

ياپونلۇقلارنىڭ ئۇتۇق قازىنالمىسىمۇ، باشقىلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىسىمۇ ئۆزىنىڭ خىزمىتىدىن خۇشاللىق تاپالايدىغىنىنى ياپونلارنىڭ ئەسلى ھاياتلىق قارىشى ئېكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ.

ئادەمنىڭ ئادىمىيلىك قىممىتى ھەم ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى مەلۇم نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بەلگىلىنىدىغان دۇنيادا، كىشىلەر مەلۇم جەھەتتە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە بىسىم قىلىشىدۇ. مەلۇم بىر نەتىجىنى ئۆزىنىڭ قەدىرقىممەت ئىسپاتى قىلىشىدۇ. ھالبۇكى،  ئۇنداق نەتىجىلەرنى ئىنسانى قەدىرقىممەت ئىسپاتى قىلمىسىمۇ، ئادەم تۇغۇلىشى بىلەنلا يىتەرلىك قەدىرقىممەتكە ئىگە. ئىكىگاي كىشىگە ياشاشنىڭ ئۆزىلا نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

موگى كىن ئىچىرو ئەپەندى يەنە شۇنداق دەيدۇكى:

ئىكىگاي يەنى، ياشاشنىڭ سەۋەبلىرى تۇرمۇشتىكى كىچىككىنە ئىشلاردىن خۇشاللىق ھەم مەنا تاپالايدىغان بولۇشتىن باشلىنىدۇ.

 

 

ياپونلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلى

 

ئادەم باشقىلارنى ئەينەك قىلىپ ئۆزىنى كۆرۈپ باقمىسا ئۆزئۆزىنى بىلمەيدۇ.

مۇشۇ مەنىدىن ياپونلار دۇنيانىڭ كۆزىدە قانداق مىللەت؟ موگى كېن ئىچىرو ئەپەندى ياپونلۇق تۇرۇپ ياپوندا ياشاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى تەبىئىتىنى بىلمەيدىغان ياپونلارنىڭ ئۆزىنى بىلىشى ئۈچۈن ياپوندىن ئايرىلىپ بېقىشىنى، سىرىتقى دۇنيادىن  ئۆزلىرىنى كۈزىتىپ بېقىشى كېرەك دەيدۇ ھەم ئۆز مىللىتى بولغان ياپونلارنى سىرىتىتىن كۈزىتىپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان ياپونلۇقلارنىڭ ياشاش سىرىنى يېشىپ بېرىش مەقسىتىدە  تۇنجى قېتىم ئىنگىلىز تىلىدا ئۇشبۇ كىتابىنى يازىدۇ ھەم  2017-يىلى9-ئايدا لوندوندا تۇنجى نەشىر قىلىنىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قاتارلىق 31دۆلەتتە 28خىل تىلدا نەشىر قىلىنىش قارار قىلىنىدۇ.

مۇشۇ يەردە كاللىمىزدا بىر سۇئال شەكىللىنىدۇ. ئۇنداقتا، بىز ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ كۆزىدە زادى قانداق بىر مىللەت؟

ئەلۋەتتە، يەككە بىر ئۇيغۇر بولۇش سالاھىيتىمدە مەنمۇ ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ھەققىدە قايتا ھەم يېڭى چۈشەنچىدە بولغان. پۇرسەت بولغاندا بۇ توغۇرلۇقمۇ توختىلارمىز. بىز يەنىلا كىتابقا قايتىپ كېلەيلى.

ياپونلار دۇنيا بويىچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى يۇقىرى دەپ قارىلىدىغان مىللەت. ئۇلاردا ئىكىگاي خۇددى ئاددىيلا بىر ئىشتەك ئوموملىشىپ كەتكەن. 100ياشتىن ئاشقان بىلىقچى بوۋاي ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ئۆيدىكلەر ئۈچۈن بىلىق تۇتۇپ بېرەلىگىنىدىن خۇش بولىدۇ. 100 ياشتىن ئاشقان بىر موماينىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقى نەۋرىسىنى باغرىغا بېسىشدېگەندەك كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئاددى، كىچىك خۇشاللىقلار، مۇۋاپىق غىزالىنىش، ئىتىقاد.. دېگەندەكلەر ئۇلارنىڭ ھاياتىنى خۇشاللىققا تولدۇرغان.

1990-يىللىرى ئاپتۇر كىنبۇرىج ئونۋىرىستىتىدا بىئولوگىيە تەتقىقات ئىشخانىسىدا دوكتۇرلۇق ئىلمىدە تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقان يىللاردا داڭلىق پىروفىسورىنىڭ ئۆيىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىكى ئۆيدە تۇرماقچى بولۇپ، پىروفىسورى ئۆينى كۆرسەتكەن چاغدا، ئۆيدىكى بىر ياغاچ ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ بالىلىق چاغلىرىدا دادسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياساپ بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىدۇ ھەم بۇنى سۆزلەۋاتقاندا  پىروفىسورنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كېتىدۇ. قارىماققا ئانچە ياخشى لاھىيلىنىپمۇ كەتمىگەن، بازارغا ئاچىقسا پۇلغىمۇ يارىمايدىغان بۇ ئاددى ئورۇندۇق پىروفىسورنىڭ قەلبىدە تولىمۇ قىممەتلىك ئەسلىمە سۈپىتىدە ئورۇن ئالغان.

ئەنە شۇ ئورۇندۇققا ئوخشاش ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە تولىمۇ موھىم دەپ بىلىدىغان، قىممەتلىك مەناغا ئېگە، ھەربىر تىلغا ئالغاندا خۇشاللىق ھەم ئىلھام بېغىشلايدىغان مەلۇم نەرسىلەر بولىدۇ. مانا بۇ دەل ئىكىگاي.

ئۇنداقتا سۇئال: يۈرۈكىڭىزدىكى سىز ئۈچۈن ئەڭ موھىم نەرسە نېمە؟ سىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلالايدىغان كىچىك ئىشلار قايسى؟

سەھەردە قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشىدىن ھوزۇرلىنىش نەقەدەر گۈزەل.

ئەتىگەنلىك قۇياشنى چوڭ بىلىدىغان ياپونلار

 

ياپون ئەتىگەنلىك قۇياشنى چوڭ بىلىدىغان، ياپونلار سەھەر ئورنىدىن تۇرۇشنى ئادىتىنى ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرغان دۆلەت. دۆلەت ئىسمىغا قارايدىغان بولساق ئەسلى ياپونچىدا«日本»دېگەن سۆز«قۇياشنىڭ مەنبەسى، قۇياش كۆتۈرۈلىدىغان ئورۇن»دېگەن مەنادا، شۇڭا ئۇلارنىڭ دۆلەت بايرىقىمۇ«قۇياش كۆتۈرۈلىدىغان دۆلەت»مەنىسىدە قۇياشنى سىمۋول قىلىنغان.

ياپونلارنىڭ سەھەر تۇرۇش ئادىتى ياپوننىڭ ئىقتىسادىغىمۇ چېتىلىدۇ. يەنى ياپون تارىخىغا قارايدىغان بولساق،توكۇكاۋا باكۇفۇ ئىدارە قىلغان ئېدو دەۋرىدە يەنى، 1603~1867يىللىرىدىكى ياپونلارنىڭ نوپوسىنىڭ 80% قىسمى دىھقانلار بولۇپ، دىھقانچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن سەھەر تۇرمىسا بولمايتتى. شۇ دەۋرلەردىن تارتىپ ئۇدۇم قالغان سەھەر تۇرۇش ئادىتى ھېلىمۇ ھەم داۋاملاشماقتا.

ياپونلار ھېلىمۇ ھەم كۆپىنچىلىرى يېڭى يىل سەھىرى ئەتىگەنلىك قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى، كەچتە فۇجى تېغىغا چىقىپ، كېچىنىڭ نۇرلىرىنى كۆرۈشىنى ياخشى كۆرۈشىدۇ. ھېلىمۇ ھەم ئادەم ئىسىملىرى (راست، مېنىڭ بىر قانچە ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئىسمى ئاساخى😄)پىۋە، گىزىت،تىلۋىزىيە ئىستانىسىسى ھەتتا، «ئوخايو نىپپون» قاتارلىق بەزى پىروگراممىلارغىچە ئەتىگەنلىك قۇياشنى تېما قىلغان.

«ناشتىدىن بۇرۇنقى ھەرىكەت» كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ياپون مەدەنىيىتى دېىيلسە «رادىئو گىمناستىكىسى»كۆپ تىلغا ئېلىنىدۇ. يەنى،1928-يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بۇ گىمناستىكا ئەتىگەندە ياشانغانلاردىن تارتىپ، مەكتەپلەرگىچە كېڭەيگەن ھەم بەزى بىتابلار ئائىلىدىمۇ تىلۋىزوردا بېرىلىدىغان ۋاقىتتا ئۆزى ئولتۇرۇپمۇ ئوينىيالايدۇ.

يېڭى ياپونغا كەلگەن چاغلاردا  يولدىشىم ئىككىمىز سەھەر 6:30 دە ئۆيىمىزنىڭ يېنىدىكى باغچىغا چىقىپ 20 نەچچە ياشلاردىكى ياشلىقىمىز بىلەن ياشانغانلارئىچىگە كىرىپ ئۇلاربىلەن  بىللە گىمناستىكا ئويناپ كېتەتتۇق.😅بىز ھازىر ئۇلار بىلەن گىمناستىكا ئوينىمايمىز. بىراق، مەيلى بىز بۇرۇن تۇرغان مەھەللە بولسۇن، مەيلى ھازىرقى مەھەللىلەردىكى باغچىلاردا بولسۇن ھەرسەھەر 6:30 دە يەنىلا گىمناستىكا ئوينىلىدۇ. ياپونلار ئەتىگەنلىك گىمناستىكىنى مەنىۋىتىنىڭ سىمۋولىغا ھەم ئىكىگاينىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان.

سەھەرنى چوڭ بىلىشنىڭ ئىلمى ئاساسىمۇ بار. بىر كېچىلىك ئۇيقىدىن كېيىن سەھەردە مېڭە يېڭى بىر كۈننى باشلاش ئۈچۈن تەييار ھالەتتە بولىدۇ. «ئوخايو» يەنى، مەلۇم ئادەم بىلەن كۆزلەر ئۇچىرىشىپ سالاملاشقاندا، مېڭە ھەرىكەتلىنىپ ھورمۇنلار تەڭشلىدۇ. يەنى،24سائەت ئىچىدىكى بەدەننىڭ سائىتىمۇ تەبىئەتنىڭ كېچەكۈندۈزلۈك ئالمىشىش قانۇنىىىتىگە ئۇيغۇن ھالدا تەڭشەلگەن.

***

خوش، ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرىشىڭىزدىكى مەقسەت نېمە؟ سىزمۇ بەزى ئەتىگەنلىرى ئويغىنىپ ئورنىڭىزدىن تۇرۇشقا سەۋەپ تاپالمايمۇ قالامسىز؟ سىزنىڭ ئىكىگايىڭىز يەنى، ياشاش سەۋەبىڭىز نېمە؟

ياپونلار ياشاش ئۈچۈن بەك ئۇلۇغۋار سەۋەبلەرنى كۆرسەتمەيدۇ. پەقەت  كۈندىلىك تۇرمۇش تەرتىپىگە كونكىرىت، كىچىك نىشانلارنى كىرگۈزىدۇ. سەھەر تۇرۇشقا بەزىدە كونكىرىت سەۋەب كۆرسىتىشمۇ سەھەر تۇرۇشقا يارىدەم بېرەلەيدۇ.

مەسلەن، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئاغزىغا تاتلىق بىرەر نەرسە سېلىش، مەسلەن، شاكىلات، قەھۋە دېگەندەكلەر بىلەن ئېغىزلانغاندا، مېڭە  دوپامىن قويۇپ بېرىدۇ، بىر كۈن خۇشاللىق بىلەن باشلىنىدۇ. تاتلىقلارغا ئامراق، لېكىن سەمىرىپ كېتىشتىن قورقىدىغانلار ئەتىگىنى ئۆزى ئامراق تاتلىقنى يەۋىلىش ئۈچۈن بالدۇر ئورنىدىن تۇرسىمۇ بولىدۇ دېگەندەك.

سەھەر تۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنى بىز دەسلەپتە تىلغا ئالغان ئىكىگاينىڭ بەش تۈۋرۈكىنىڭ «ئىشنى كىچىك ئىشتىن باشلاش»قا كىرىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. سەھەرتۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ياپوندا تۇغۇلۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەلۋەتتە. جاھاننىڭ قەيىرىدە ياشاۋاتقان بولايلى قۇياش ھامان چىقىدۇ، ھامان پاتىدۇ. سەھەر ئورنىدىن تۇرۇش ھەم سەھەردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئىكىگاينى تېپىش ھەم ھوزۇرلىنىش تۇرمۇشىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

مىسالغا ئۆزۈمنى ئالسام، سەھەردىكى جىمجىتلىقنى ياخشى كۆرىمەن. مەدىتەيشېن، پىيادە مېڭش، ئەتىگەنلىك قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشنى تاماششا قىلىش،قۇياش نۇرىدا يېنىك يوگا ھەركىتى ئىشلەش، تىنچ سەھەرلەرنىڭ پەقەت ماڭىلا تەئەللۇقتەك مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسىدىن، گۈللەردىن، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىدىن ھوزۇرلىنىش، سەھەرنىڭ قەلبىم ھەم كاللام ئوچۇق ۋاقتىدا مەسىللەر ئۈستىدە ئويلىنىش، قەلبىمدىكى يۈكلەردىن قۇتۇلۇشمانا بۇ مېنىڭ سەھەردە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلىرىم ھەم  ئىكىگايلىرىم.

سەھەردىكى گۈزەللىك

ھازىردا ياشاش

 

ياپوننىڭ كارتون فىلىملىرى دۇنياغا داڭلىق ئېكەنلكىنى بىلىمىز. ھالبۇكى، كارتون فىلىمچىلارنىڭ مائاشى باشقا كەسىپكە قارىغاندا تۆۋەن بولىشىغا قارىماي، يەنە نۇرغۇنلىغان ياشلار كارتون فىلىمچىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ.

كارتون فىلىم ئىشلەش جاپالىق بىر كەسىپ. بۇ ساھەدە «ئۆلمەس ئادەم»دەپ نام ئالغان، كۆپچىلىككە تونۇش بولغان خايائو مىيازاكى ئەپەندى ئۆز كەسىپىدىن خۇشاللىق تاپالايدۇ. ئۇنىڭ ئىشلىگەن كارتونلىرىنىڭ نەقەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىگە، زورلىمىسىمۇ ئۆزلىكىدىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ كۆرىدىغان بالىلار ئىسپات بولالايدۇ.

بالىلار ھازىردا ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى دەل ھازىرنىڭ ئۆزىدە بولىدۇ. گىبلى كارتونلىرىنى بالىلار شۇنچىلىك قىزىقىپ كۆرىدۇ. بۇ دەل مىيازاكى ھايائو ئەپەندىنىڭ بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى ۋە پىسخىكىسىنى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى، ئەڭ موھىمى مىيازاكى ئەپەندىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىمۇ بىر بالىنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مىيازاكى ئەپەندى بىر قېتىملىق زىيارىتىدە مۇنداق دەيدۇ:

بىر قېتىم سىتودىئوغا بەش ياشلىق بالا كېلىدۇ. ئۇلار قايتقاندا، مىيازاكى ئەپەندى ماشىنىسى بىلەن بالا ھەم ئاتائانىسىنى بىكەتكە ئاپىرىپ قويۇش يولىدا  ماشىنىسىنىڭ ئۈستىنى ئېچىپ بەرسە بالىنىڭ خۇش بولىدىغىنىنى ئويلايدۇيۇ، دەل شۇ چاغدا يىغىشقا باشلىغان ئۇششاق يامغۇرغا قاراپ ئۈستىنى ئېچىشتىن يالتىيىپ، يەنە  بىر قېتىملىق پۇرسەتتە بالىنى خۇش قىلىشنى ئويلايدۇ. بىراق، ئۇلارنى بىكەتكە ئەكىلىپ بولغاندىن كېيىن  پۇشايمان قىلىپ قالىدۇ. بىر بالىنىڭ بىر كۈنى پەقەت شۇ بىر كۈندە تۈگەيدۇ ھەم ئىككىنجى قايتلانمايدۇ. ئۇ بالا يەنە بىر يىلدىن كېيىن كەلگەندە، ماشىنىسىغا چىقىرىپ ماشىننىڭ ئۈستىنى ئېچىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، بۈگۈن ئۆتكۈزىۋەتكەن ھاياجانلىق، خۇشال پەيتلەر بالىنىڭ  بۇ ھاياتىدا ھەرگىز قايتىپ كەلمەيدۇ…

ئەگەر سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز بەخىت تۇيغۇلىرىڭىزنىڭ ئەڭ موھىم مەنبەسى ھېسابلانسا، ئۇنداقتا سىز ھاياتلىقنىڭ ئەڭ موھىم بىردەرسىلىكىدە مۇۋاپىقىيەت قازانغان ھېسابلىنىسىز.

ھېچكىم ئاڭلىمىسىمۇ مۇزىكا چىلىڭ.

ھېچكىم كۆرمىسىمۇ رەسىم سىزىڭ.

ھېچكىم ئوقۇمىسىمۇ قىسقا ھېكايىلەرنى يېزىڭ.

ھاياتىڭىز ئىچكى خۇشاللىق ھەم رازىمەنلىك تۇيغۇلىرىغا تولدى، شۇنداقمۇ؟

ھەقىقەتەن ئاشۇ نوقتىغا يەتكەن بولسىڭىز«ھازىردا ياشاش»نىڭ پەللىسىگە يەتكەن بولىسىز.

ياپوننىڭ ئەنئەنىۋى بىر مۇزىكا ئۇسلۇبىدا، ھېچكىم ئاڭلىمىسىمۇ مۇزىكا چالىدىغان ئەنئەنە باركەن. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇنىڭدىن تەخمىنەن تۆت يىل ئىلگىرى ئىشتىن چۈشكەن چاغدا بىكەتنىڭ ئالدىدا تاماششىبىنىسىز مۇزىكاچىلىۋاتقان(ئىسكىرىپكىغۇ دەيمەن ئىسىمدە قىلىشىچە)بىر مۇزىكانتنى ئۇچىرىتىپ قالدىم ھەم بىرئىككى مۇزىكىسىنى تىڭشىۋىتىپ قايتتىم.

ئەمدىلىكتە ئويلىسام، ئۆزۈممۇ مۇشۇ ئۇسلۇبتا ئىش قىلىۋىتىپتىمەن. ئالتە يىل بولاي دىدى. گەرچە بىلوگىمنىڭ قىزغىن ئوقۇرمەنلىرى ئۇنچە كۆپ بولمىسىمۇ بۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئىزچىل يېزىپ كەپتىمەن. بۇ يەرگەكەلگەندە، باشقىلارنىك ماختىشىمۇ، پەرۋاسىز قارىشىمۇ ئانچە موھىم ئەمەس نوقتىغا بېرىپتىمەن.

سىزنى ئۆلتۈرەلمىگەن ھەر قانداق نەرسە، سىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ

 

ئىكىگاينىڭ ئەڭ ياخشى تەرىپى شۇكى، ئۇ سىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ، يېقىلغاندا ئورنىڭىزدىن تۇرغىدەك كۈچ بېرەلەيدۇ. مانا بۇ ئىككى نەرسە ھاياتىڭىزدا مەلۇم پاجىئە يۈز بەرگەندىمۇ سىزگە ئەسقاتىدۇ.

ياپوننىڭ يېقىنقى تارىخىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، 2011-يىلى تەۋرىگەندە كېن ئىچىرو ئەپەندى توكيونىڭ يەر ئاستى پويىزىدىكەنتۇق. پويىزلار توختاپ ئۆيگە مېڭىپ  قايتىپتۇ.

ئۇ كۈنى مەن، شەھىدە بىلەن بىللە مىھراينىڭ ئۆيىدە ئۆپكەھېسىپ قۇيىمىز دەپ قازان بېشىدا ئىدۇق. شۇ چاغدا قاتتىق يەر تەۋرىدى. بىز نېمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق. مىھراينىڭ يولدىشى سىراجىدىن بىزنى سوغۇققانلىق بىلەن ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى كوچىغا ئېلىپ چىقتىشۇ كۈنى پۈتۈن پويىزلار توختىتىدى. يولدىشىم  شىركەتتىن ئۆيگە مېڭىپ قايتتى. شۇ كېچە شەھىدەلەر، مەن 3-4 ياشلاردىكى قىزىم تۇمارىس بىلەن مىھرايلارنىڭكىدە قونۇپ قالدۇق.

بۇ دەل ياپونغا كېلىپ بەش يىل بولغان ۋاقتىم بولۇپ، تېخىچە كۆنەلمەي ياپوندىنياپونلاردىن قاقشاپ يۈرىدىغان ۋاقتىم ئىدى. شۇ كۈندىن كېيىن خېلى كۈنلەرگىچە تۇيۇقسىز كېلىدىغان ئۆلۈم ۋەسىۋەسىدە خاتىرىجەم ئۇخلىيالمايدىغان كۈنلەرنى ئۆتكۈزدۈم. بىراق، بۇ ئاپەتلىك كۈنلەردىنمۇ مۇنداق ھاياتلىق دەرسىگە ئېرىشتىم.

ھاياتنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغىنىنى، ۋاقتى كەلگەندە ئەڭ ئاخىرىقى نەپسىمىزدە يېنىمىزدا كىمنىڭ بولدىغىنىنى ئالدىن بەلگىلىۋالالمايدىكەنمىز. ھەر بىر يېڭى چىققان قۇياش، ھەر بىر خاتىرىجەم ئۇخلىغان كېچىمۇ غەنىمەتكەنشۇندىن كېيىن ياپوندىن بەك قاقشقمايدىغان، ھاياتنىڭ ھەر بىر كۈنىدىن ھوزۇرلىنىشنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم.

ئۇشبۇ كىتابتىمۇ ئاپتۇر ياپونلارنىڭ قايتا ئورنىدىن تۇرۇش كۈچىنى سۆزلەپ ئۇشبۇ يەر تەۋرەش ۋەقەسىنى تىلغا ئالىدۇ ھەمدە ياپون دۆلىتىنىڭ پۇت تېرەپ تۇرىشىدا دېنى ئىتىقادنىڭ رولىنىمۇ موھىم ئورۇنغا قويىدۇ.

يەنى دۇنيانىڭ كۆزىدە قارىغاندا ياپونلار كۆپ خۇدالىق ئالاھىدە بىر دېنىغا ئىشىنىدۇ ھەم ئۇزۇن يىللىق بۇددا دىنىنىڭ مېيسو ئەنئەنىسىنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچىرىغان بولۇپ، ئالەمدە بارچە شەيئىنىڭ  بىربىرى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدىغانلىقىغا، ھېچقانداق نەرسىنىڭ  يەككە مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

كۆپلىگەن ياپونلار ئۆزلىرىنىڭ ئىتىقاد مەنبەسىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمىسىمۇ، تاغدىن تارتىپ كۈندىلىك كىچىك بويۇمغىچە ھەر بىر شەيئىنىڭ ئۆزىنىڭ خۇداسى بار دەپ چۈشىنىدۇ.ئۇلار بىرەر رىقابەتتە ئۇتىۋالسىمۇ، خۇشاللىقىنى ئۇنچە ئىپادىلەپ كەتمەيدۇ، چۈنكى يېڭىلگەن تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپمۇ ئويلايدۇ. مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مۇنداق بىر ئىشنى ئەسلەپ قالدىم.

ياپونغا كېلىپ ئۈچىنجى يىللىرى بولسا كېرەك، پىراۋ ئېلىش مەكتىپىگە كىردىم. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ياپونلار بىلەن بىر سىنىپتا دەرس ئىلىشىم ئىدى. نەزىرىيە دەرسىدە چەك تاللاش بولۇپ، بۇ چەك كىمگە چىقسا دىسنى باغچىسىنىڭ بىلىتى بېرىلەتتى. ئېسىمدە قىلىشىچە شۇ چاغدىكى مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك 20 نەچچە ياشلاردىكى بىر ئوغۇلغاچىقتى. شۇ چاغدىكى ھېلىقى ئوغۇلنىڭ چىراي ئىپادىسىدە قىلچە خۇشاللىق يوق ئىدى، شۇنداق سوغۇققانشۇ چاغدا «ھەجەپ سوغۇق مىللەت بۇ! ما بالاڭزىنىڭ ئورنىدا بىز بولغان بولساق خۇشال بولۇپ كىتەتتۇق، ھېچ بولمىسا ھەجەپ ياخشى دەپ كۈلەتتۇق» دەپ ئويلىغانىدىم. ھازىر ئويلىسام، بۇ مىللەتتىكى بىرەر نەرسىدە ئۇتسا بەك خۇش بوپكەتمەسلىكنىڭ يىلتىزى مۇشۇ بولسا كېرەك

ياپونلار يېڭى يىلدا بۇتخانىدا تاۋاپ قىلسا، مىلاد بايرىمى، روھلار بايرىمىنى سۆيگەن ئادىمى بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. توينى چىركاۋدائۆتكۈزىدۇيۇ، دەپنە مۇراسىمى بۇتخانىدا بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، ياپونلارنىڭ ئىتقادىدىكى مۇنداق زىيادە يۇمشاقلىق، ئۆز ئىتىقادىدا چىڭ تۇرماسلىقلار تەنقىدلىنىپ تۇرسىمۇ، ھازىرقى بىربىرىنىڭ دىنىغا ھۇجۇم قىلىش، تاجاۋۇز قىلىشلاردى مانا مۇشۇنداق يۇمشاقلىق، ھۆرمەت قىلىش كۆپ ياخشى ئەمەسمۇ دەپ قارايدۇ ئاپتۇر.

ئىكىگاي ۋە بەخىت

«كۆك قۇش» ناخشىسىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:

ئاكاسېڭىل مىچلىت بىلەن چىلچىل بەخىت ئىزدەپ سەپەرگە چىقىپتۇ. ئۇلار كۆپ رىيازەتلەر بىلەن كۆپ يەرلەرنى ئىزدەپ بەخىتنىڭ سىمۋولى بولغان كۆك قۇشنى ھېچيەردىن تاپالماپتۇ. ئۇلار ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆيگە قايتىشقىنىدا، كۆك قۇشنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيىدە شۇنچىلىك خۇش ئاۋازدا سايراۋاتقىنىنى كۆرۈپ ھەيران  قىلىشىپتۇ. ئەسلىدە بۇ بەخىت قۇشى باشتىلا ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكەنتۇق، ئۇلار بايقاشماي قاپتۇ.

ئەنە شۇنداق بىز ئىزدىگەن ھەر قانداق نەرسە ھەر قانداق يەردىن تېپىلمايدۇ. ئۇ پەقەت ئۆزىمىزدە، ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدە.

بەخىتنىڭ مۇقىم فورمۇلاسى يوقلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. توي قىلىپ بالىلىق بولسا بەخىتلىك بولىشىمۇ، بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. بويتاق ياشاش، ئالى مەكتەپكە بېرىش بەخىت بولىشىمۇ، ئالى مەكتەپكە بارماسلىقمۇ بەخىت بولىشى مۇمكىن. ئورۇق  ياكى سېمىز بولغانلىقى ئۈچۈن بەخىتلىك بولىدىغان ئىشمۇ يوق. ئىللىق، گۈزەل جايلاردا ياشاش ۋە ياكى سوغۇقلاردا ياشىسا بەخىتلىك بولىدۇ دەيدىغان گەپمۇ يوق.

ئىلمى تەتقىقاتلاردا ئىسپاتىلىنىشىچە بەخىتىلىك بولۇش ئۈچۈن چوقۇم كەم بولسا بولمايدىغان ئالدىنقى شەرت مەۋجۇت ئەمەسكەن. بار دېيىلسە-ئۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلىش ھېسابلىنىدىكەن.

ئۆزىنى قوبۇل قىلىش ھاياتىمىزدىكى تولىمۇ مۇھىم، يەشمەك تولىمۇقىيىن بولغان ھاياتلىق دەرسى ھېسابلىنىدۇ. ئۆزىمىزدىكى خاسلىقنى سۇنايدا توۋلاشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت ئۆزىمىز ئاڭلىغۇدەك ئۆزىمىزگە دەپ بەرسەك كۇپايە.

ئۆزىڭىزنى خۇددى يات بىرىنى كۈزەتكەندەك ئەينەكتە كۈزىتىپ بېقىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ كەمچىللىكلىرى، سەت يەرلىرىگە ئۇدۇل قاراپ بېقىڭ ھەم بۇ تەرەپلەر بىلەنمۇ چىقىشىپ ئۆتۈشنى ئۆگىنىڭ. «مۇنداق ئادەم بولغۇم بار»دەپ قەلبىڭىزگە سىزىۋالغان مەلۇم بىر ئوبرازنى چۆرۈپ تاشلاپ ھەقىقى ئۆزىڭىزنى كۆرۈڭ ھەم  قوبۇل قىلىڭ.

ئاخىرىدا ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سۇئالنى سوراپ بېقىڭ.

قەلبىتىن ئىبارەت بۇ چۇڭقۇر كۆلچىكىڭىزدە سىزنى قىيىنچىلقتىن ھالقىتىۋاتقان شۇ كىچىككىنە نەرسە زادى نېمە؟ ئەگەر تاپسىڭىز شۇ نەرسىگە دىققىتىڭىزنى بېرىڭ ھەم قەلبىڭىزدە چىڭ ساقلاڭكىچىك ئىشلاردىن ئۆزىڭىزنىڭ ئىكىگايىڭىزنى تېپىپ چىقىڭ. پەقەت سىزگىلا تەئەللۇق ھاياتلىق يولىڭىزدا ئۆزىڭىزگە خاس ئىكىگاينى تاپالامىسىز- يوق، بۇ ئۆزىڭىزگە باغلىق.

********

قەلەمدە: رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...
  1. «ئەمدى ئىككىنجى كىتاب تەرجىمە قىلمايمەن!» دېگۈزىۋەتكەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنە كىتاپ خاتېرىلىرىنى يېزىپ، ياخشى ياشاش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۆزلەشتۈرۈپ مېڭىۋاتىسىز.
    مۇمكىن بولسا، «پاسسىپ ياخشىدىن ئاكتىپ ياخشىغا» دېگەن كىتاپنىمۇ ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن.
    پاسسىپ ياخشىدىن ئاكتىپ ياخشىغا (مۇستافا ئىسلامئوغلى) https://elkitab.org/passip_yaxshidin_aktip_yaxshigha-mustapa_islamoghli/
    «پاسسىپ ياخشىدىن، ئاكتىپ ياخشىغا» ناملىق كىتابتىن تۇغۇلغان ھېسلار https://www.akademiye.org/ug/?p=8242

  2. بۇ كىتابنى بۇرۇن بىر يەردە كۆرگەن ئىدىم ، لىكىن باشقىلار ئوقۇش خاتىرسىنى ۋە چۈشەنچە يىشىملىرىنى كۆرسىتىپ بەرسە يەنە باشقىچە تۇيغۇ بېرىدىكەن ، قەلىمىڭىز ھارمىغاي

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

كىتاب:

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى