ياپون پەرزەنت تەربىيەسى:ياپون ئانىلىرىنىڭ ئانىلىق تۇيغۇلىرى(11)

6,916 قېتىم ئوقۇلدى

مەندىن: بىرئايالدىن سوراڭ، ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ھاياجانلىق، ئېسىڭىزدىن مەڭگۈكۆتۈرۈلمىگۈدەك ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلىرىڭىز قايسى دەپ.

ئىشىنىمەنكى جاۋابى شۇ بولىدۇكى، ئانا بولغان  دەقىقىلەر.

مەن شۇنداق بىر سۆزنى ئاڭلىغان، سىزمۇ قەيەرلەردىندۇ ئوقۇغان, بەلكىم. بىر ئايال ئانا بولماي تۇرۇپ ھەقىقى ئايال بولالمايدۇ.

ياپون ئاياللىرى، بولۇپمۇ ياپون ئانىلىرى ھەم پەرزەنت تەربىيەسى ئۇيغۇرجەمئيىتى ئۈچۈن بىر قىززىق نوقتا بولسا كېرەك.

   بۈگۈن توختىلىدىغىنىمىز رىئاللىقتىكى ياپون ئانىلىرىنىڭ  قىسقىغىنە ئەمەلىي تۇرمۇش كارتىنىلىرىدىكى  ھەقىقى ئانىلىق تۇيغۇلىرى.

ئانىلىق تۇيغۇلار- مىللەت،دۆلەت،چىگرا،ئېرق… ئايرىمىسا كېرەك. بۇلاريالغۇز ياپون ئانىلىرىنىڭلا ئەمەس، ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭمۇ، سىزنىڭ ھەم مېنىڭمۇ قەلب سۆزلىرىم.

 

Chopin – Spring Waltz

 

ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى يۈرەكنى ئىللىتىدىغان  تۇرمۇش كارتىنىلىرى

ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسلىرى

كاناگاۋا ئۆلكىسىدىن 29 ياشلىق ئانا

 كىچىككىنە بىر ئىش. 2 ياشلىق ئوغلۇم يېقىندىن بېرى، گەرچە بىز ھىچقاچان ئۈگەتمىگەن بولساقمۇ ھەر قىتىملىق تاماق ياكى چايلاردىن  كىيىنكى قاچىلارنى ئاشخانا ئۆيگىچە  توشۇپ بېرىپ بىزنى ھەيران قالدۇردى. ھەممىدىن ھەيران قالارلىقى ئوغلۇمنىڭ قاچىلارنى يۇغۇشتۇرۇپ بولۇپ ، ئۆزىنىڭ بېشىنى سىيلاشلىرى بولدى.

يولدىشىم ئىككىمىز كۈلۈپ كىتەتتۇق  ھەم دەرھاللا“مېنىڭ قالتىس ئوغلۇم !“ دەپ بالىنىڭ  بېشىنى سىيلاپ كىتەتتۇق.

بالىنى جايىدا ماختاشنىمۇ، ئەيىپلەشنىمۇ قاملاشتۇرۇپ  كىتەلمەيدىغان مەن ئوغلۇمنىڭ بۇ تاتلىق قىلىقىدىن بالامنى قانداق ماختاشنى ئۆگەنگەندەك بولدۇم.

***

 خوككايدوئۆلكىسىدىن 36 ياشلىق ئانا

2 ياشلىق قىزىم تامىقىنى ئۆرىۋىتىپ قىلىۋىدى بىلىپ – بىلمەيلا ئەيىپلەپ كەتتىم،-دە، ئەرزىمەس ئىش ئۈچۈنمۇبالىغا قاتتىق تېگىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىپ ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالدىم ھەم قىزىمدىن “ قەستەن تۆكىۋەتمىگەنكىن ئامال يوق- ھە…يوقىلاڭ ئىشقا خاپا بولۇپ كەتتىم، خاپا بولماڭ قىزىم  “ دەپ قىزىمدىن كەچۈرۈم سورىدىم.

شۇ ئىش بولۇپ ئەتىسىلا ئۆزۈممۇ ئېچىۋاتقان ئىچىملىكنى ئىھتىياتسىزلىقتىن تۆكىۋىتىپ قالدىم. بۇ چاغدا قىزىمنىڭ«ئاپا، بوپتۇ ھىچقىسى يوق، سۈرىتىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ ئەمەسمۇ؟»دىگەنلىرىنى ئاڭلاپ بالىنىڭ كىچىككىنە سەۋەنلىكلىرى ئۈچۈن ئاچچىقلاپ كەتكەنلىرىمنى ئويلاپ پۇشايمان قىلىپ قالدىم.

***

چىبا ئۆلكىسىدىن 41 ياشلىق ئانا

بالىلارفىلىم فىستىۋالىغا كېچىكىپ قىلىش، سۇ ئۈزۈشكە بارغاندا سۇ ئۈزۈش كىيىمى يوق! نەرسە-كېرەك سېتىۋىلىشقا چىققاندا، پورىتمالنى ئۇنتۇپ قىلىش…

ئۇف! ھەمىشە مانا مۇشۇنداق غەلىتە ھاڭۋاقتى ئىشلارنى قىلىپلا يۈرىدىغان ماڭا “ بوپتۇ، ھىچقىسى يوق! مەنغۇ  قەتئى ئالدىرىمايمەن..“ دەپ ماڭا قاراپ  تاتلىق كۈلىدىغان 4 ياشلىق قىزىم.

ھەردائىم“ تېز بولۇڭ ، كېچىكىپ قالىمىز!“ دەپ قىزىمنى ئالدىرىتىپ ئەيىپلەيدىغان مەن ھەر كۈنى قىزىمنىڭ مانا مۇشۇنداق سۆزلىرى بىلەن قەلبىم ئىللىقلىققا تولىدۇ.

***

ئوكىناۋا ئۆلكىسىدىن 41 ياشلىق ئانا

ئاتا- ئانامنىڭ بىرەر  قىتىممۇ قاتتىق مۇئامىلە، ئاچچىقىلىنىشلىرىنى  ئەسلىيەلمەيدىغان مەن ھەر دائىم ئىللىق  قۇياش نۇرىدەك مىھرى بىلەن چوڭ قىلغان ئاتا- ئانامغا چىن يۈرۈكۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ھېلىمۇ ھەم بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى شۇنچىلىك ئىناق –ئىجىل.

ئالدىنقى ئاي قايتمىغىلى ئۇزۇن بولغان يۇرتۇمغا كەلگىنىمدە،  قىزىمنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا يۈگۈرۈپ يۈرگىنىگە ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي  نەچچە قىتىم “ خەتەرلىك، خەتەرلىك!!!“ دەپ يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ كېتىپتىمەن. قاتتىق توۋلىغان ئاۋازىمنى ئاڭلىغان ئانام –داداملار “ بالام، كىچىك بالا نېمىنىڭ خەتەر ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. بۇنداق چاغلاردا بالىنىڭ يېنىغا كىلىپ  قولىنى تۇتىۋالساقلا  كۇپايە.“ دېدى   ئىللىق كۈلۈمسىرەپ ھەم دەرھال قىزىمنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ كىچىككنە قولىنى تۇتىۋالدى.

 بالامنى يىراقتا تۇرىۋىلىپ “ خەتەرلىك!“ دەپ ئەيىپلەپ كەتكەن ئۆزۈمدىن خېجىل بولدۇم ھەم ئاتا-ئانامنىڭ مېنى ئېغىزدا ئەمەس ، “ قولۇمدىن تۇتۇپ تۇرۇپ “ يەنى ، ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن  چوڭ قىلىغانلىقىنى يەنە بىرقېتىم ھېس قىلدىم. ئېغىزدا ئەمەس ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن مېنى تەربىيلەپ چوڭ قىلغان ئانام-داداملاردىن بەكلا مىننەتدارمەن.

***

ئايچى ئۆلكىسىدىن 30 ياشلىق ئانا

يېقىندىن بېرى، دادىسىنى ماڭا ئوخشاش تەلەپپۇزدا ماختاپ، تەنقىدلەۋاتقان قىزىمغا قاراپ ياكى كۈلۈشۈمنى ياكى يىغلىشىمنى بىلەلمەي قىلىۋاتاتتىم.

ئالدىنقى كۈنى، پەقەتلا گېپىمنى ئاڭلىمايۋاتقان قىزىمغا نىمىشقىدۇر ئىختىيارسىزلا «ھەجەپ ئۆچ بولدۇم!» دەپ سالدىم. قىزىم ئەكسىچە «ئاپامنى ياخشى كۆرىمەن!» دەپ بوينۇمغا ئېسىلدى.

ئاچچىقىم لەپپىدە يىنىپ، پۇشايمانمۇ قىلىپ قالدىم. بەلكىم، بالىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىغاندا شەرتلىك بىرئانا بولۇپ بالامغا كۆيۈنىۋاتقان بولىشىم مۇمكىن ئىدى. شۇنداق ئويلىدىم، ئەمدى ھىسياتقا يېڭىلىپ بالىنى ئەيىپلەيدىغان ئانا بولمايمەن.

***

 كاناگاۋا ئۆلكىسىدىن 42 ياشلىق ئانا

پات ئارىدا 2  ياشقا كىرىدىغان ئىككىنجى ئوغلۇمنىڭ  نىمىلا دىسە«ياق!» دەيدىغان قارشىلىق مەزگىلى ئىدى. كىچىك ئوغلۇمنىڭ بۇ مەزگىلىدە ئامال بارتەمكىن-مۇلايىملىق ھەم مىھرىم  بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئويلايتتىم.

قايسى كۈنى ئەمدىلا 4 ياشقا كىرگەن ئوغلۇم ئارقامدا تۇرۇپ تۇيۇقسىزلا ئېيتقان «ئاپا، ماڭا ياخشىراق مۇئامىلە قىلساڭچۇ؟!» دېگەن گېپىدىن تۇرۇپلا قالدىم. ”ئۇكاڭنىڭ قولىنى كۆيدۈرۈپ قويدۇڭ!“دەپ ئەيىپلەپ، خاپا بولۇپ كەتكەنلىرىمنى، داۋاملىق بۇيرۇق ۋە ئەيىپلەش بىلەنلا مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقىنىمنى ئويلاپ قالدىم…كىچىككىنە 4 ياشلىق ئوغلۇمنىڭ ناھەق ئەيىپلىنىپ قالسىمۇ چىداپ كېلىۋاتقانلىقىنى چۇڭقۇرھېس قىلدىم..

«بالام، كەچۈرگىن!» دەپ داۋاملىق سەۋىر قىلىپ كىلىۋاتقان ئوغلۇمنى باغرىمغا باستىم… كۆز ياشلىرىمنى ھىچبىر توختىتالمايتتىم.

 

مەندىن:

بۇ كارتىنىلارنى سىزمۇ باشتىن كەچۈرۈپ باققاندەك تۇرامسىز؟

بىر ئايالنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى ئازاب ۋە ئاغرىقنىڭ يۇقىرى پەللىسى – تۇغۇت ئازابى بولغىنىدەك، ھاياتىنى ئالقىنىغا ئەپ قويۇپ تۆلىگەن بەدىلى ئۈچۈن ئېرىشىدىغىنمۇ ھىچنىمىگە تەڭداشسىز ئانىلىق مۇھەببەت، قەلىبتىكى چۇڭقۇرلۇق، قۇربانلىق بىرىشتىكى ھوزرۇر. يەنە ھەم ھەر كۈنى ھەر ۋاقىت يۈرەك پارىسىدىن ئېرىشىدىغان يۈرەكنى تىتىرىتىدىغان ھاياجانلىق مىنۇتلار، قەلىبنى ئىللىتىدىغان، سەگىتىدىغان، ئويلاندۇرىدىغان، ئىزدەندۈرىدىغان تۇيغۇلار بولسا كېرەك.

ئانىنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان ئىللىق باھارغا ئوخشايدۇ.بالىنىڭ قەلبىگە سالغان مۇھەببەت ئۇرۇقلىرى پۈتكۈل ھاياتىنى كەتمەس باھار كەبى ئىللىتىپ ئەۋلادتىن ـ ئەۋلادقا كۆچىدۇ.

ھالبۇكى، بىرئانىنىڭ بالىغا قالدۇرىدىغان ئەڭ قىممەتلىك مىراسى مېھىرـمۇھەببەت ھەم  ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىدىغان روھ بوپقالىدۇ.

 

*****************************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ئوقۇرمەنلەر ئىنكاسلىرى

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. مەنمۇ باللىرىمغا بەك تېزلا تەنبىھ بېرىپ كېتىمەن ،ئاخىرىدا پۇشمان قىلىمەن ،ھەجەپ تۈزىتىپ بولالـمىدىم بۇ مىجەزىمنى !

  2. دادىلارمۇ مىھرى مۇھەببىتىڭلارنى ئايىماڭلار

  3. بەك ياخشى يىزلىپتۇ.

  4. manmu bazida balilirimni ayiplap ketiman.kakxap bolup puxayman kiliman,qokum bu yahxi bolmigan pishikamni kontrol kiliman

  5. بۇنداق ئەھۋللارمۇ مىنىڭ تۇرمۇشۇمدا كۆپ ئۇچىرايدۇ ،بەزىدە قىزىمغا قاتتىق تەككىنىپ سالغىنىمدىن كۆڭلۈم شۇنچلىك يېرىم بۇلۇپ كىتىدۇ ،ئۈزۈمنى ئەيىپلەيمەن …

  6. راست مەنمۇ مۇشتاق ئەھۋاللارغا ئۇچرىغان ، يەنى بالىغا تەنبىھ بېرىپ بولۇپ قاتتىق پۇشايمان قىلىپ باغرىمغا باسىقانتىم ، بىلمەيمەن پەرزەنت ئوتى نېمانچە ھۇزۇر ھە ، كۈندە قانچە قېتىم قۇچاقلاپ قانچە قېتىم سۆيگىنىمنى ئۇقمايمەن ، ئانىلىق مېھرىگە قانسۇن دەپ ، دادام كىچىك ۋاقتىمدىلا ۋاپات بولۇپ كەتكەن ، ئانا مېھرىگىمۇ جىق قانمىغان بولغاچ ، كىچىك ۋاقتىمدىكى ئەڭ چوڭ ئېھتىياجىمنىڭ ئاتا ئانا مۇھەببىتى ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، بالىلىرىم بولسىمۇ شۇ مېھىردىن قانغىچە ھۇزۇرلانسۇن دەپ مېھرىمنى ئايىمايمەن ئەمما جىق قۇچاقلاشلار سەلبىي تەسىر ئەكەلمەس ھە !!!

  7. بالىلار تەربىيىسىدكى دادىلارنىڭ ئۇرنى ۋە رۇلى تۇغرىسىدىمۇ ياخشى تەسىراتلانى كۈتىمىز

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى