كۈلۈمسىرەڭ، ئېنىرگىيە كەلدى!!!

1,980 قېتىم ئوقۇلدى

ひとつ笑えたら、ひとつ幸せ

 ‏بىر قېتىملىق كۈلۈمسىرىشىڭىز، بىر قېتىم بەخىتكە ئىرىشكىنىڭىز!

 

Goran Karan – Stay With Me

***

‏بىر تەبەسسۇم ئىنساننىڭ بىر كۈنىنى ئۆزگەرتىۋىتەلەيدۇ.
‏بىر قاراش كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.
‏بىر يالغان ئىنساننىڭ ئىشەنچىنى سۇندۇرىۋىتەلەيدۇ.
‏بىر ئىنسان پۈتكۈل ھاياتنى ئۆزگەرتىۋىتەلەيدۇ.

***‏

‏ئۆزىڭىزدە بار بولغان ھەر بىر نەرسىدىن مىننەتدار بولۇڭ.
‏چۈنكى، دۇنيادا شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار سىزدە بار نەرسىلەرنىڭ ئۆزىدە بولۇشىنى كېچە-كۈندۈز ئارزۇ قىلىدۇ.

***

‏كۈنلىرىڭىزدىكى خۇش-خەۋەرلىرىڭىز ھەققىدە سۆزلەڭ.
‏سۆيگەنلىرىڭىز ئۈستىدە سۆزلەڭ.
‏ سۆيگەنلىرىڭىزنى ئۆزىڭىزگە تارتىپ ئەكىلىڭ…

‏ئىنساننىڭ تىلىكى، ئوي-پىكىرى قەيەردە بولسا، ئېرىشىدىغانلىرىمۇ ھەم شۇ يەردە.

***

ئۆچ-ئاداۋەت نۇرغۇنلىغان ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىدۇ.
‏ئۇلارنى كەچۈرىۋىتىڭ!
‏بۇ – ئۇلارنىڭ سىزنىڭ كەچۈرىۋىتىشىڭىزگە ئەرزىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.

***‏

تەڭرى  سىزگە ھاياتلىق بەردى.
‏ئۇنىڭغا قانداق رەڭ بېرىش ھەم قانداق گۈزەللەشتۈرۈش سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز!

***

ئاجىز كىشىلەر ئۆچ ئالىدۇ.
‏كۈچلۈك كىشىلەر كەچۈرىۋىتىدۇ.
‏ئەقىللىق كىشىلەر بولسا پەرۋا قىلمايدۇ!

***

خۇشاللىقنىڭ بىر ئىشىكى يېپىلغىنىدا، يەنە بىر ئىشكى ئېچىلىدۇ.
‏ھالبۇكى، بىز كۆپىنچە ھاللاردا دىققىتىمىزنى يېپىلغان شۇ ئىشىككىلا قارىتىۋالغانلىقىمىزدىن،
‏بىز ئۈچۈن ئېچىلغان يەنە بىر ئىشىكنى بايقىيالماي قالىمىز، خالاس!
‏ -Hellen Keller

***

‏تۈنۈگۈندىن ئىبرەت ئىلىپ،
بۈگۈن ئۈچۈن ياشاپ،
ئەتىگە ئۈمىد بىلەن باقايلى.
– ئالبىرىت ئېينىشتىيىن

***

 

نىمىشقىدۇر بۈگۈن مەندە مۇنداق كەيپىيات بار.
سىلەرگە خۇشاللىق تىلەپ قالدىم، خۇشاللىقىڭلارنى يۇقتۇرۇشۇڭلارنى  ئارزۇمۇ قىلىپ قالدىم… خىزمەتكە كىرىشنىڭ ئالدىدا ئالدىراپ بۇ يازمىنى يوللاپمۇ قالدىم… خۇشاللىقىڭلارنى، ھىچ بولـمىسا ئازابلىرىڭلاردىن ئىبارەت يۈرىكىڭلاردىكى ئېغىر يۈكنى تاشلىۋەتكىنىڭلارنى بىلگۈم كەلدى.

كۈلۈمسىرەش ئۈچۈن مۇرەككەپ سەۋەبلەر نەھاجەت؟!
بۇ كىچىككىنە قۇرلارنى ئوقۇغانلار كۈلۈمسىرەڭلار…

 

ひとつ笑えたら、ひとつ幸せ

‏بىر قېتىملىق كۈلۈمسىرىشىڭىز، بىر قېتىم بەخىتكە ئىرىشكىنىڭىز!

‏كۈلۈمسىرەڭ، ھەممىمىز بىرلىكتە بەخىتلىك بولايلى!

 

*****************

2017.09.28

 رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...

reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

كۈلۈمسىرەڭ،

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى