بالىلارنى پۇل بىلەن مۇكاپاتلاش توغرىمۇ؟

5,276 قېتىم ئوقۇلدى

نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلاربالىلارياخشى ئىش قىلغاندا پۇل ياكى بىرەر ماددى بويۇم بىلەن مۇكاپاتلىسا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا گاڭگىرىشىدۇ. بۇ مەسىلە مۇشۇ يەردىكى دوستلار بىر يەرگە كەلسەكمۇ ئانچە-مۇنچە پاراڭلىرىمىزنىڭ تېمىسىمۇ بولۇپ قالىدۇ.

بۈگۈن كۆپچىلىكىمىزنى گاڭگىراتقان مۇشۇ مەسلىگە نىسبەتەن ياپوننىڭ بالىلار پىسخولوگىيە تەتقىقاتچىسى، بالىلار تەربىيسى يىتەكچىسى ئاكې خاشى ئەپەندىنىڭ بەرگەن جاۋابىنى ئاڭلاپ باقىمىز.

Brave – Touch The Sky

***

بالىلارنى پۇل ياكى ماددى بويۇملار بىلەن مۇكاپاتلاشتا دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

 

 ≫بالىلار ياخشى ئىش قىلغاندا پۇل ياكى ماددى بويۇملار بىلەن مۇكاپاتلىساق بولامدۇ؟≪ دىگەندەك سۇئاللارنى ئاڭلاپ قالىمەن.

ھەقىقەتەنمۇ بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ بالىلارنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى، تىرىشچانلىقلىرىنى ھەقىقەتەنمۇ بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ بالىلارنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى، تىرىشچانلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتەك ئىجابى تەرىپى بولسىمۇ، بۇخىل ئۇسۇل داۋاملاشقاندا، بالىلارپەقەت ۋە پەقەت  پۇل ۋە ياكى ماددى بويۇملارغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان بولۇپ قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئەكسىچە بىرەر نەرسىگە ئېرىشەلمىسە ھىچ ئىش قىلمايدىغان، قىلغۇسى كەلمەيدىغان ، بارلىق قىلغان –ئەتكەنلىرى پەقەت مەلۇم بىر ماددى بويۇمغا، پۇلغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا بولۇپ قىلىشى كىشىنى ئەنسىرىتىدىغان بىر ئەھۋال.

 بىزنىڭ ھەقىقى يېتىشتۈرمەكچى بولغىنىمىز- پۇل ياكى ماددى بويۇملاردىن ئەمەس،   قىلغان ياخشىلىقى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ خۇشال بولىشدىن، مىننەتدارلىقىدىن خۇشاللىق تاپالايدىغان ئىنسان يىتىلدۈرۈش.

 بالىلار ياخشى ئىش قىلغاندا، پۇل ياكى ماددى بويۇملاربىلەن ئەمەس خۇشاللىق بىلەن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ ”رەھمەت“ ئېيتىشنى ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.

يەنى، بۇ مەسلىنى بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ كونكىرىتراق چۈشەندۈرگەندە، باشلانغۇچنىڭ يۇقىرى سىنىپىغا چىققۇچە بولغان ياشتىكى بالىلارنى ئالاھىدە كۈنلەردىن باشقا ۋاقىتلاردا پۇل ياكى ماددى بويۇملار بىلەن مۇكاپاتلاش ھاجەتسىز.

ياشلىق باسقۇچىغا قەدەم قويغان بالىلارغا نىسبەتەن، بۇمەزگىل دەل ئۇلارنىڭ دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ماددى بويۇملارغا نىسبەتەن قىزىقىشى ۋە ئىھتىياجى شەكىللىنىدىغان مەزگىلى بولغاچقا، قۇرۇق“رەھمەت“ بىلەنلا كۆڭلىمىزنى ئىپادىلىيەلمەيدىغان ئىشلار بولىدۇ.شۇڭا، قىسمەن چاغلاردا، ئالاھىدە كۈنلەردە پۇل ياكى ماددى بويۇملارنى  مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىپ  ئانچە- مۇنچە كۆڭلىمىزنى ئىپادىلىسەك بولىدۇ.

يەنە بىر ئەسكەرتسەك،  باشلانغۇچىنىڭ يۇقىرى يېللىقىغىچە ياشتىكى بالىلارنى ئالاھىدە كۈنلىرىدىن(يەنى، ياپونلار يېڭى يىلدا  بالىلارغا خۇددى بىز ھېيت-ئايەملەردە پۇل بەرگەندەك پۇل بېرىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئالاھىدە بايرام، ھېيت-ئايەملەر دىمەكچى) باشقا ۋاقىتلاردا پۇل، ماددى بويۇملاربىلەن مۇكاپاتلاش ھاجەتسىز.

پەقەت ياشلىق باسقۇچىغا قەدەم قويغاندىن باشلاپ ئانچە-مۇنچە پۇل ھەم ماددى بويۇملار بىلەن مۇكاپاتلاش ئارقىلىق بالىلارغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى ئىپادىلىسەك بولىدۇ.

 

************************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

 

メリダとおそろしの森 – Brave

بۇ ھەپتىلىك تەۋسىيەلىك كارتۇن فىلىم «مېرىدا ۋە قورقۇنچلۇق ئورمان» ناملىق ئامېرىكىنىڭ 2012- يىلى ئېلان قىلغان كارتۇن فىلىمى. بۇ جاسارەتلىك قىزنىڭ كارتۇنىنى قىزلىرىمىز بىلەن بىللە كۆرۈپ قويىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

ياپونچىسى:  メリダとおそろしの森

ئىنگىلىزچىسى:  Brave

خەنزۇچىسى:  梅莉达

كارتۇن فىلىملەر بالىلىق ئەسلىملەرنىڭ  موھىم بىر قىسمى. مەزمۇنى ساغلام، ئېسىل بولغان كارتۇن فىلىمنى ھەپتە – ئون كۈنلەردە بىرەر قېتىم بالىلىرىمىز بىلەن بىللە كۆرۈش بالىلار بىلەن ھسىياتىمىزنى يېقىنلاشتۇرىدىغان يەنە بىر خىل ئۇسۇل بولسا كېرەك.

 

سەھەر مەنزىرىسى

 

ئىللىق كىشىلەرنىڭ گۈللىرىمۇ  كەچكۈز دىمەي ئېچىلىۋىرىمىش.
خوشنىمىزنىڭ گۈللىرى

كۈنلىرىمىز بىر ئائىلە جەم بولغان خۇشال  مىنۇتلار بىلەن بىزەلگەي~

 

 

تارقىتىڭ...
  1. بەك ئىسىل مەزمۇنلارنى يوللاپ تۇرىۋاتىسلەر،سىلەرگە مىڭ تەشەككۇرلەر بولسۇن،

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىلارنى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى