ئاۋازلىق ئەسەر: ئېلىپ كەت

3,793 قېتىم ئوقۇلدى

يامغۇر ياغقان ئىيۇننىڭ ئاخىرقى كۈنى، قەھۋەخانىدا تەرجىمەمنى قېلىۋىتىپ ئۆزىچە شېئىرگە مەيلىم كەپ قالدى. ئادىرىئان مېچىلنىڭ سۆزى بويچە ئېيتقاندا ھەم ناھايتى سەممىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىلغاندا، مەن ئادەتتە شېئىر بىلەن شۇ كارى يوقلاردىن. خۇددى شېئىرلارنىڭمۇ مەن بىلەن كارى بولمىغىنىدەك … بىراق، بەزىلەردە شۇنداق بىر شېئىرلارنى ئۇچىرىتىپ قالىسىز… شۇ قەدەر گۈزەل! كارىم بولمىسۇن دېسىڭىزمۇ ئامالىڭىز يوق. تۇيغۇلىرىڭىزدىن تۇتۇپ ئەكىلىپ ئوقۇتىدىغان. ھەتتا، يېغلىتىدىغان…

تۆۋەندىكى شېئىرنى «كىملەرگىدۇر» ئەمەس ئۆزۈم ئۈچۈن يېزىپ ئۆزۈم ئۈچۈن ئوقۇپ بەرگەندەك … شۇنداق يىنىكلەپ قالدىم. ئوقۇرمەنلەر ئىچىدە «كىملەردۇر» چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس كارى بولىدىغان…

 

ئاۋازدا:  رەيھان ئابلەت

ئاۋاز ۋە قەلەمدە: رەيھان ئابلەت

 

 

ئېلىپ كەت

 

يېغىۋاتقان يامغۇردەك
كەلدى
تۆكۈلگۈم
چۈشكۈم
يامغۇر بولۇپ
يەرگە ئەمەس
ئادەملەرنىڭ ئايىقى تەگمەس
قولى يەتمەس
چىرايلىق گۈل بەرگىلىرىگە

***

شېئىر يازغۇم
كەلدى
مەيلى !
بەك چىرايلىق
بەك نەفىس
بولـمىسىمۇ
پۈتۈپ چىققان شېئىرنى
كەلدى
ھەم
كىملەرگىدۇ …
ئۈنلۈك قىلىپ ئوقۇپ بەرگۈم

 ***

يامغۇردەكمۇ تۆكۈلدۈم
گەرچە
يامغۇر بولۇپ چۈشەلـمىسەممۇ
شېئىرنىمۇ يېزىپ باقتىم
گەرچە
كىملەرگىدۇ…
ئوقۇپ بىرەلـمىسەممۇ

 ***

«ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن » دەك
ئەسىردىن ھالقىغان ئېيىۇن
كەت !
ھەممىنى ئېلىپ كەت !
بارچە ھەسرەتلەرنى
قاراڭغۇلۇقلارنى
سىقىلىشلارنى
ئېلىپ كەت !!!
ئېلىپ كەت!!!

 

سىرتتا ھېىلىمۇ ھەم يامغۇر يېغىۋاتىدۇ… بىراق، قەلبىمىزدە  قۇياش پارلىغان بىر كۈن، ياق ! ھەر كۈن بولغاي~

 

*******************************

 

رەيھان ئابلەت

2017.06.30

 

 

تارقىتىڭ...
  1. 特别的棒,很感动继续亲爱的但打开很困难

  2. Salam singlim qelimingizge beriket yar bolsun

  3. بىرنجىسنى كۆرمەپتىمەن. قايتا ئاڭلىدىم شۈنچىلىك چىريلىق تەبئى چىقىپتۇ ئاۋازىڭقزمۇ گۈزەل يىقىملىقكەن.. دەت بەرمىسۇن…☕️

  4. مېنىڭكىدە ئاۋاز نىمىشقا چىقمايدىغاندۇ

reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ئاۋازلىق

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى