ياپون پەرزەنت تەربىيەسى: ئاتا-ئانا بولغۇچىمۇ ئاددى بىر ئادەم! (خاتىمە)

7,826 قېتىم ئوقۇلدى

 

شۇ ھەقىقەتكى، ئاتا-ئانا بولغۇچىمۇ ئاددى بىر ئادەم. خاتالىقتىن، كەمچىللىكتىن، مەغلۇبىيەتتىن خالى بولالمىغان ھەم بولالمايدىغان، شۇنداقتىمۇ پەرزەنتلەرنى ھالا بۈگۈنگە يەتكۈزگەن، مۇشۇنچىلىك تەربىيلەپ چىقالىغان ئاددى ئىنسانلار!

 

 

  Remember me ― リメンバー ミー

 

ئىنكارلىقتىن-مۇئەييەنلەشتۈشكىچە

خاتىمە

 

 

ئۇشبۇ كىتابتا باشتىن-ئاخىرى بالىنى قانداق ماختاش، قانداق تەنقدىلەش ئۇسۇللىرى سۆزلەنگەن بولسىمۇ، كىتابتا دىيىلگەن ھەممە قائىدىلەرگە بويسۇنمىسىڭىز، دىيىلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلمىسىڭىز بالىڭىزنى ياخشى تەربىيلىيەلمەيسىز، ئىنسانى قەلبىنى يىتىلدۈرەلمەيسىز دىگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ.

ئەلۋەتتە، رىئاللىقتىكى پەرزەنت تەربىيەسى رەسىملىك كىتابلاردىكىدەك ئوڭۇشلۇق بولىۋىرىدىغان، كىتابتا ئېيتىلغان نەزىرىيە قېلىپلىرىغا چۈشۈپ كېتىدىغان ئىش يوق.

ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئۆزىگە خاس پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇلى بولىدۇ. شۇنداقلا، ئاتا-ئانا بولغۇچىمۇ رىئاللىق ئالدىدىكى تۈرلۈك تىڭىرقاشلىرى ئىچىدە پەرزەنتلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ، بالىلاردىكى ئىنسانى قەدىر – قىممەت تۇيغۇسى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچمۇ مۇشۇ جەرياندا يېتىلىپ ماڭىدۇ.

بۇ كىتابتا دىيىلگەنلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدىكى تىڭىرقاشلىرىڭىز ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ياردىمى تەگكەن بولسا مەمنۇن  بولغان بولىمەن.

ئاكې خاشى دايجى

 

***

«ھازىرقى ئاتا-ئانىلار…»،«مۇشۇ زاماننىڭ ئانىلىرىنىزە…» دىگەندەك گەپلەرنى كۆپ ئاڭلاپ قالىمىز.

شۇ ھەقىقەتكى، ئاتا-ئانا بولغۇچىمۇ ئاددى بىر ئادەم! خاتالىقتىن، كەمچىللىكتىن، مەغلۇبىيەتتىن خالى بولالمىغان ھەم بولالمايدىغان، شۇنداقتىمۇ بىزنى ھالا بۈگۈنگە يەتكۈزگەن، مۇشۇنچىلىك تەربىيلەپ چىقالىغان ئاددى ئىنسانلار!

بەلكىم، ئاتا-ئانىڭىزدىن ئاغرىنغان، قەلبىڭىزنىڭ تەگ – تەگلىرىدە قانداقتۇر نارازلىقىڭىزبولغان بولىشىمۇ مۇمكىن.

ئويلاپ بېقىڭ، قەلبىڭىزنىڭ چۇڭقۇر يەرلىرىدە نامەلۇم نارازىلىقلارغا سەۋەپ بولغان شۇ ئاتا – ئانىڭىز ئەمەلىيەتتە، شۇ چاغلاردا تۈرلۈك مۈشكۈلاتلاردا قالغان بولىشى مۇمكىن.

بەلكىم، سىز ئاغرىنغان شۇ ئاپىڭىز ئەينى چاغلاردا دادىڭىز ئاساسەن ئۆيدە بولمىغان، تۇرمۇشنىڭ ئېغىر- يىنىك ئىشلىرى بىر ئاپىڭىزغا يۈكلىنىپ قالغان بولىشى، چوڭ ئۆيدىكىلەرمۇ يارىدەم قىلالماي ئىقتىسادى جەھەتتىنمۇ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، كېچە – كۈندۈز بالىنىڭ بارچە ئېغىرلىقىنى بىر ئۆزى كۆتۈرۈپ، يۆلەنچۈكسىز، يالغۇزھالدا سىزنى تەربىيەلەپ چىققان بولىشى مۇمكىن.

سىز ئانچە ياقتۇرمايدىغان دادىڭىز بەلكىم، زاماننىڭ تەڭسىزلىكلىرىدىن بوينى قىسىلغان، يۈرىكى ئىزىلگەن، تېڭىرقىغان بولىشى مۇمكىن….

شۇڭا، پەرزەنت تەربىيلەۋاتقان ئاتا – ئانىلار ئۈچۈن رازىمەنلىك بىلەن رەھمەت ئېيتىش، ئۇلارنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان سۆزلەرنى قىلىش ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارايمەن!

«بەكلا تىرىشچانلىق كۆرسەتتىڭىز!»، «شۇنچىلىك قىيىنچىلىق ئىچىدە تۇرۇپمۇ، يەنە بالىنى يالغۇز تەربىيەلەپ چىقتىڭىز..!»، «ئەجرىڭىز بىلەن بالىمىز مۇشۇنداق ياخشى چوڭ بولدى!»، «ھىچقىسى يوق!» دىگەندەك سۆزلەر بىلەن پەرزەنت تەربىيەسى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرىۋاتقان ئانىلارغا، دادىلارغا ئىلھام بىرىپ تۇرۇڭ.

 

ئىنسان يىتىشتۈرۈش – ھەقىقەتەنمۇ بەكمۇ قىممەتلىك، مۇقەددەس ۋەزىپىدۇر.

بۇ مۇقەددەس ۋەزىپە پۈتكۈل جەمىئەت تەرىپىدىنمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى، قوللىشى، شۇنداقلا، ئاتا – ئانا بولغۇچىمۇ بۇ گۈزەل، مۇشەققەتلىك، ئۇلۇغ ۋەزىپىنى ئۆتەۋاتقىندىن پەخىرلىنىشى كېرەك!

پەرزەنت – ئەمەلىيەتتە پەقەت شۇ ئائىلىنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل جەمىئەتنىڭ، دۆلەتنىڭ پەرزەنتى.

قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ياردەم تەلەپ قىلىش كېرەك. يەنى، بالىنىڭ كاپالەتلەندۈرگۈچىسى يالغۇز ئاتا-ئانىلا بولماستىن، ھەر خىل مەسلىھەت بىرىش ئورۇنلىرى، ئائىللەرگە ياردەم قىلىش ئورۇنلىرى… قاتارلىق ھەر خىل   مۇلازىمەت ئورۇنلىرى بار.

ئۇنىڭدىن باشقا سىزنى چۈشىندىغان، سىزنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان، كۈچ بولالايدىغان بىرەر كىشىنىڭ بولىشىمۇ بەكلا مۇھىم.

ئىنكار قىلىشتىن كۆرە باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە يۈزلەنسەك،بالا تەربىيەلەش ئارقىلىق كىشىلىك دۇنيانى ئۆزگەرتسەك، بىز ياشاۋاتقان جەمىئەتمۇ تېخىمۇ ياشىماق راھەت بىر جەمىئەت بولىدۇ – ئەمەسمۇ؟!

ئاخىرىدا،  بۇ ئائىلىۋى يۇمۇر بىلەن كىتابىمىزنى تاماملايمىز.

-ئاپا، ئۆيىمىزدە دورائېمون (ماشىنا مۈشۈك دەمدۇق ئۇيغۇرچە؟)  بولغان بولسىچۇ ھە؟

– دورائېمون راستىنلا ئۆيدە بولغان بولسا نىمە تەلەپ قىلاتتىڭىز؟

-مەنچۇ ئاپا… ئاپامنى ئاچچىقلىمايدىغان ئاپا قىلىدىغان بىرەر نەرسە تەلەپ قىلاتتىم…

ئاپلا…مەن نەدە ئاچچىقلايمەن….

-داۋاملىق ئاچچىقلايسىزغۇ؟!😄

مەندىن:

 

مانا مۇشۇنداق بالىلار ئۆزىمىزگە بىلىنمىگەن خاتالىقلىرىمىزنى يۈزىمىزگە سېلىشتىن يانمايدۇ:-) ئاتا-بولۇش دىگەنلىك قەتئى خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىك، مۇكەممەل بولۇش دىگەنلىك ئەمەس. ھىچبىر ئىنسان مۇكەممەل بولالمىغاندەك ئاتا -ئانىمىزمۇ، بىزمۇ مۇكەممەل ئەمەس! بىز پەرزەنت تەربىيلەش جەريانىدا بالىلىرىمىزنىلا ئەمەس ئۆزىمىزنى ھەم تەربىيەلەپ ماڭىمىز.

 بالىلىرىمىز بىز ئۈچۈن قىممەتلىك سوۋغا بولغنىدەك، ئاتا – ئانىلىرىمىز بىز ئۈچۈن، بىز بالىلىرىمىز ئۈچۈن مۇكەممەلسىزلىكىمىز بىلەن گۈزەل سوۋغىلاردىن بىز!

ھايات بىر- بىرىمىزگە بولغان مىننەردارلىق ۋە مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ھەم قىممەتلىك.

 

كىتابىمىز تامام !

قەدىرلىك رەيھان، جاپا چەكتىڭىز~❤️

***********************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. رەيھانگۈل مۇئەللىمنى ئۈندىدار غا قانداق قوشقىلى بۇلا، م

  2. كىتاپ تۈگىدىمۇ رەيھان ؟ بەك ئىسىل بىر كىتاپنى بىزگە سۇندىڭىز ۋە ئورتاقلاشتىڭىز ،ھارمىغايسىز ! ئىشىنىمەن بارچە ئوقۇرمەنلەر سىزگە كۆپ رەھمەت ئىيتىدۇ . ئەمما بۇندىن كىيىنچۇ ؟ قەلىمىڭىزنىڭ توختاپ قالـماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن . سىز بولسىڭىزلا كىتاپ تۈگىسىمۇ نادىر ئەسەرلەر تۈگىمەيدۇ شۇنداقمۇ رەيھان ؟ ! ئامان بولۇڭ ،سالا مەت بولۇڭ. ئائىلىڭىز ۋە ئوماق پەرزەنتلىرىڭىزگە بەخت يار بولسۇن !

    • سىزدەك ئەزىزلەرنىڭ مەدەت بىرىشى بىلەن تۈگىتىۋالدۇق، كۆپ رەھمەت!
      كىچىكلەرنى بىز تەربىيلەپ ئۇلار بىزنى تەربىيلەپ دىگەندەك..بۇ يوللاردا بىللە بىز ! ☀️
      گۈزەل تىلەكلەر سىزگە ئارتۇقى بىلەن بولسۇن~❤️❤️

  3. رەيھان مۇئاللىمنى قانداق قۇشۋالغىل بولا

  4. كىچىكىپ بولسىمۇ ئىنىكاس قايتۇراي، رەھمەت، بىزدەك پەرزەنىت تەربىيسدە ئاڭگىراپ قىلۋاتىقان ياش ئانلارغا ئىسل مەزمۇنلارنى سۇنغنىڭىزغا،ھارمىغايسىز…تىنىڭىزگە سالامەت تىلەيمەن……

  5. باھار ئارقىلىق قۇشۇڭ دىگەن قانداق گەپ بولدى

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى