بەخىت چىللايلى

2,268 قېتىم ئوقۇلدى

君の詩

***

ھاياتنىڭ رەڭگى بەزىدە خىرەلىشىدۇ..ياق! بىز ئۆزىمىز مەنپىي رەڭلىك كۆزەينىكىمىزنى تاقىۋالىمىز،_ دە ، ھەممىدىن نارازى بولغۇمىز ، قاقشۇغىمىز كەپقالىدۇ…يامان يېرى دۇنيا سوغۇق..كىشىلىك مۇناسىۋەت ساختا..ئەتراپىمىزدا بىرمۇ سەمىمى ئادەم قالمىغاندەك..يەرشارىدىن باشقا بىر پىلانىتقا قېچىپ كەتكىمىزمۇ كەپقالىدۇ…

بوپتۇ ! ھاياتنىڭ بۇ خىل تەمسىز كۈنلىرىنىمۇ تېتىپ باققۇلۇق…خۇددى مۇشۇ كۈنلەرگىچە دېڭىز سۈيىنىڭ تۇزلۇق تەمىنى كىتابلاردىنلا ئوقۇپ،  دېڭىز مەنزىسىنىڭ گۈزەللىكىنى سىرىتتىنلا كۆرۈپ تۇيۇقسىز بىر كۈنى دېڭىز دولقۇنلىرىغا چۆمۈلگىنىڭىزدە ئاغزىڭىزغا كىرىپ كەتكەن قۇم ئارىلاش، بەتتام تەمنى “ ئەسلىدە مۇقداق تەمكەندە “ دەپ قالغىنڭىزدەك…

بۇنداق كۈنلەر ئۆز نۆۋىتىدە سىزگە ھايات توغۇرلۇق قايتا ئويلىنىش پۇرسىتىنى بىرىدۇ، تۇرمۇشىڭىزدىكى سەمىمى كىشىلىرىڭىزگە ئىشەنمىسڭىز بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
يەنە بەزىدە مانا مۇنداق « بەخىت چىللايدىغان » قۇرلارنىمۇ تەرجىمە قىلدۇرۋىتىدۇ…

***

ئاكىتىپ سۆزلەر ئاكىتىپ بولغان كەلگۈسىنى چاقىرىدۇ

 

ئويلاپ ـئويلىمايلا ئاغزىمىزدىن چىقىپ كەتكەن گەپ ـسۆزلەر ئاڭسىز ھالدا ھەرىكىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىپ ، تۇرمۇشىمىزنى ئۇيان ـبۇيان قىلىۋىتەلەيدۇ .
كەسكىن ھالدا « مەن قىلالايمەن » ، « مەن خۇشال » دىگەندەك ئاكىتىپ سۆزلەرنى ئۆزىمىزگە تەكرار دەپ بەرگىنىمىزدە بۇ خىل سۆزلەر يوشۇرۇن ئېڭىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ ئۆزىمىزدە بار بولغان يوشۇرۇن ئىنىرگىيەلەرنى تارتىپ چىقىدۇ .
يەنى ، ياخشى سۆز –  ئىنسانلارغا بەخىت ئېلىپ كىلىدىغان كۈچكە ئىگە دەيدىغان گەپمۇ بار .
ئەكسىچە ،داۋاملىق  ئاغزىمىزدىن چېقىپ كىتىدىغان  « مۇمكىن ئەمەس » ، « بەرىبىر قىلالمايمەن » دىگەندەك سۆزلەر كىلىۋاتقان ئامەتنى  توسۇپ قويىدۇ . شۇڭا ، ئاكىتىپ بولغان گەپ ـسۆزلەرنى ئىشلىتىشنى ئادەت قىلايلى .

تەكرار ئاغزىڭىزدىن چىقىۋاتقان گەپ ـسۆزلىرىڭىز ھاياتلىق يولىڭىزنى بەلگىلەيدۇ .

***

بەخىت ئەكىلىدىغان 8 جۈملە  سۆز

 ( 1 )

ئەتە 10 مىنۇت بالدۇر ئورنۇمدىن تۇرىمەن .

ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئەتە سەھەردىكى ناھايتى خۇشال ئورنىڭىزدىن تۇرغان ھالىتىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ ، ـ دە ، يۇقاردىكى گەپنى ئۆزىڭىز ئاڭلىيالىغۇدەك دەرىجىدە دەپ بېرىڭ . مۇشۇنداق قىلسىڭىز ئەتىسى ناھايتىمۇ يىنىك ھەم خۇشال ئورنىڭىزدىن تۇرالايسىز .

(2 )

مەن بەخىتلىك !

« بەخىتلىك بولغۇم بار ~ » ئەمەس « مەن بەخىتلىك ! » دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۆزىڭىزگە ئۈنلۈك دەپ بېرىڭ ، مۇشۇنداق قىلساق بەخىتنى يۇلۇپ ئەكىلەلەيدىكەنمىز !😜

( 3 )

ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن « بۈگۈنمۇ ھەجەپ بەخىتلىك بىر كۈن بولدى » دەپ ئۆزىمىز ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە دەپ بەرسەك ھەقىقەتەنمۇ بەخىتلىك كۈنلەردە ياشايمىز .
( ماۋۇ قۇرلارنى ئوقىۋىتىپ بۇرۇنقى ئۆزۈمنى ، يەنى ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن شۇ كۈنى قىلغان خاتالىقلىرىمنى ساناپ ، تۆۋە قىلىشلىرىمنى  ئويلاپ قالدىم …بىراق ، 4ـ5 يىل بۇرۇن « The secret » يەنى « مەخپىيەتلىك » ناملىق كىتابتىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قۇرلارنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئۆزۈمنى زىيادە ئازابلايدىغان ئۆزۈمگە قوللانغان  بۇ  رەھىمسىزلىكىمنى  ئۆزگەرتتىم ~ )

 

( 4)

بەك كۆڭۈللۈك

ھاياتنى « زېرىكىشلىك » دەپ ئاغرىنغاندىن كۆرە « نىمىدىگەن كۆڭۈللۈك » دەپ ئاكىتىپ سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلەپ بىرەيلى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك كۈنلەر نىسىپ بولىدۇ .

بۇ قۇرلارنى تەرجىمە قىلىۋىتىپ بىر ئوقۇتقۇچۇمنى ئەسلەپ قالدىم  ،  ئاۋىستىرالىيەلىك چاچلىرى ساپسىرىق ، كۆزلىرى كۆپكۆك ، ئادەمگە تىكىلىپ قارىسا پۈتۈن ئىچىدىكىنى  كۆرىۋالالايدىغاندەك …بۇ ئايال ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ھەر پەيشەنبە كۈنىدىكى   ئىككى سائەتلىك دەرسىنى ئاڭلىسام كىلەر پەيشەنبىگىچە ئاغزىم ئېچىلىپلا قالىدىغان …ئۇنىڭ ئاغزىدىن « life is so beautiful» دېگەن سۆز چۈشمەيتتى ..كۆزلىرى چاقناپ تۇرىدىغان ، ھاياتى كۈچكە تولغان ئوقۇتقۇچۇمنى بۇ قۇرلارنى يېزىۋىتىپ سېغىنىپ قالدىم ..بىر كۈنى ئۇچراشمىسام بولمىدى …

( 5 )

خىزمەتنى ياخشى قىلالايمەن !

خىزمىتىڭىز بەك ئوڭۇشلۇق بولمىغان كۈنلەردىمۇ ، مەغلۇبىيەت تۇيغۇلىرىغا بويسۇنماي ئۆزىڭىزگە يۇقارقىدەك سۆزلەرنى قىلىپ قەلبىڭىزنى يورۇقلۇققا تولدۇرۇڭ .

 

( 6 )
چوقۇم ئىشلار ياخشى بوپكىتىدۇ !

ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولماي قالغان چاغلاردىمۇ « چوقۇم ھەممە ئىشلار ياخشى بوپكىتىدۇ » دېيەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئىشلىرى چوقۇم ئوڭ بوپكىتىدۇ .

( 7 )
ھىچقىسى يوق !

باشقىلار قىيىنچىلىقتا قالغانلىرىدا « ھىچقىسى يوق » دەپ تەسەللىي بىرەلەيدىغان كىشىلەر مۇۋاپىقىيەت قازىنالايدىغان كىشىلەردۇر .

( 8 )
كۈنلەرنىڭ بېرىدە

يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەۋاتقان كىشى « ئۆزۈم قىلالايدىغان ئىشنى قىلىۋاتىمەن » دەپ قارايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇششاق ـچۈششەك ئىشلارغا بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ

 ***

ئۇف …تۈگدى …تۈنۈگۈن  كەيپىياتىمنى ئانچە ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايتتى …يۇقىرىدىكىلەرنى تەرجىمە قىلىۋىتىپ بىلىپ ـبىلمەي شۇنداق روھلىنىپ قالغانىدىم….يۇقاردىكى سۆزلەر راستمۇ نىمە ؟!
تېخىمۇ بەخىتلىك بولايلى ، ياق ! بىز تولىمۇ ، تولىمۇ بەخىتلىك !
ھەممىمىزگە بەخىتلىك كۈنلەر نىسىپ بولسۇن ، يەنە ياق ! نىسىپ بولىدۇ ~ 🌹

「もっと輝く自分になるシンプルな習慣」
ناملىق ژورنالدىن تەرجىمە قىلىندى .

ـ تەرجىمىدە رەيھان

 ( ھە-راست، بىلوگىمدىكى ساناقلىق دوستلار، بىلوگىمنى داۋاملىق رەتكە چۈشۈرىۋاتىمەن…تېخىمۇ قولايلىق شەكىلگە كىلىدۇ پات ئارىدا)

تارقىتىڭ...
  1. پىچەت جانىم .داۋاملىق تىرىشىڭ !

  2. داۋاملىق مۇشۇنداق يازمىلارنى ئوقۇپ تۇرغۇم بار ، رەيھان قىزىم

reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بەخىت

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى