بالىلار ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقى: دادا، خۇش كەلدىڭ! (ياپونچە – ئۇيغۇرچە)

5,674 قېتىم ئوقۇلدى

دادىنىڭ ئىشىكتىن كىرىپ كېلىشى  مۇھەببەتنىڭ، يۆلەنچۈكنىڭ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ، ئەڭ مۇھىمى  ئائىلىنىڭ ئىپتىخارى ۋە غورورىنىڭ كىرىپ كېلىشىدىن ئىبارەت  ھاياتلىقتىكى ئاددى ھەم مۇقەددەس بىر خۇشاللىق ئىدى.

ھالبۇكى، نۇرغۇنلىغان كۆڭۈللەر،  تالاي سەبى كۆزلەر كىچىككىنە جانىۋارلار، ئۇچار قاناتلاردىن تارتىپ  ئاتا قىلىنغان «قايتىش» دىن ئىبارەت قىممەتلىك دەملەرگە، دادىلىرىنىڭ «مەن كەلدىم!» دەپ ئىشىكتىن كىرىپ  كىلىشلىرىگە زار بولماقتا…

بۈگۈن بالىلىرىمىزدىن تۇمارىس بىلەن تۈركەنئاي بارچە دادسىنى سېغىنغان دىللار ئۈچۈن بۇ  تاتلىق ھىكايىنى سۇنۇش ئارقىلىق ھىكايىدىكى  بارچە جانىۋارلارغا ئوخشاش دادىلارنىڭمۇ بالىلىرىنىڭ يېنىغا تىزراق قايتىپ كېلىشىگە بولغان بالىلىق ئارزۇسىنى بىلدۈرىدۇ.

Turkenay & Reyhan & Tumaris

 

دادا، خۇش كەلدىڭ!

ئاپتۇرى : مارگارىت ۋايىز بىراۋىن

رەسسامى : سېتىۋىن سائۇج

ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە:  تۇمارىس ئەخمەت

مىكروفۇن ئالدىدا :

ئۇيغۇرچە : تۇمارىس ئەخمەت

ياپونچە: تۈركەنئاي ئەخمەت

 

おとうさん   おかえり

 

كەچ  بولدى، ئەمدى  ھەممە دادىلار ئۆيگە قايتىپ كېلىدىغان ۋاقىت بولدى.!

 بۇ چاغدا بېلىجانلارنىڭ دادىسى غۇي – غۇي ئۈزگىنىچە بېلىجانلىرىنىڭ يېنىغا كېلىدىكەن.

خانقىزلارنىڭ دادىسى ۋىڭ – ۋىڭ قىلىپ ئۇچقىنىچە قاقشال بولۇپ قالغان دەرەخنىڭ ئاسىتىنى ئۇۋا  قىلغان  بالىلىرىنىڭ يېنىغا كېلىدىكەن.

توشقانچاقلارنىڭ دادىسىمۇ دىك – دىك سەكرەپ – تاقلىغىنىچە بالىلىرىنىڭ يېنىغا كېلىدىكەن.

ئۆمۈچۈكنىڭ دادىسىمۇ بالىلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدىكەن.

كۈچۈكلەرنىڭ دادىسىمۇ بالىلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدىكەن.

قۇشلارنىڭ دادىسى ئاغزىدا قۇرۇت چىشلىگىنىچە بالىلىرىنىڭ يېىنغا قايتىپ كېلىپ، بالىلىرىغا چىرايلىق ناخشىلارنى ئېيتىپ بېرىدىكەن.

قۇلۇلىلەرنىڭ دادىسى ئاستا – ئاستا ئۆمۈلىگىنىچە بالىلىرىنىڭ يېنىغا كېلىدىكەن.

شىرنىڭ دادىسى ئۆزى يالغۇزلا ياشايدىغان بولغاچقا، غېرىپ ئۆيىگە قايتىدىكەن.

بېلىقچى دادا ئاخىرى كېمىدىن چۈشۈپ ئوغلىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدىكەن.

ۋوي! دادام كەپتۇ! نىمىدىگەن ياخشى! خۇش كەلدىڭ، دادا!!!

تامام

رەھمەت قىزلىرىم!😘

 

قانچىلىغان سەبى كۆزلەر دادىسىنىڭ ئىشىكتىن كىرىپ كېلىشىنى كۈتمەكتە…

قانچىلىغان يۈرەكلەر ھەر بىر بايرام، ھەر بىر گۇگۇم چۈشكەن دەملەردە  دادىسىنى سېغىنىپ ئۈنسىز يىغلىماقتا…

قانچىلىغان دادىلار سۆيۈملۈك پەرىشتىلىرىنى باغرىغا باسالماي  ئېغىر ھەسرەتتە…

ۋادەرخ! ھەر بىر مۈشكۈللۈكتىن كېيىن بىر ئاسانلىق باردۇر، بارچە سېغىنغان، ھىجراندىكى دادا – بالىلارغا ۋىسال شادلىقى نىسىپ بولغاي!

كىچىككىنە جانۇ – جانىۋارلارغا نېسىپ بولغان  «ۋوي، دادام قايتىپ كەپتۇ!» دىگەن خۇشاللىقلار بىزلەرگە، سەبىيلەرگە ھەم نىسىپ بولغاي!❤

 

 

تارقىتىڭ...
  1. نىمدىگەن ئاددىي تىل بىلەن ئىپادىلەنگەن دادا سىغىنىشى بۇ رەھمەت ئۇماق قۇزىلىرىمىزغا بەك سۇيۇندۇم .

    • سۆيۈنۈشلىرىڭىزنى يەتكۈزۈپ قويىمەن ئوماقلارغا، خۇش بوپكېتىدۇ جەزمەن(*☻-☻*)

      • ياخشىمۇسىز رەيھان خانىم مەن كىچىدىن بىرى بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ چىقىتىم بەك خۇش بولدۇم ئۆزۈمنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ تاپقاندەك بۇلدۇم رەخمەت سىزگە مىنىڭمۇ 6ياشقا كىرەي دەپ قالغان قىزىم 3:يىرىم ياشلىق ئوغلۇم با بالىلانى تەربىيەلەشتە نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن مەن قىزىم بەك تارتىچاق ئوغلۇم ئۇششۇق ھەر قانداق ئىش نى يىغلاپ ئۇختۇردۇ باللىرىمنىڭ ئۆزىگە بۇلغان ئىشەنچىسىنى قانداق يىتىلدۈرگىلى بۇلىدۇ مەسلەھەت كۆرسەتسىڭىز

        • ياخشىمۇسىز:
          پەرزەنت تەربىيەسىدە ھەر قانداق ئاتا – ئانا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدىغان ۋاقىتلار بولىدۇ.
          بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاز تەنقىد ، كۆپرەك ئارتۇقچىلىقىنى بايقاش ۋە تىلغا ئىلىش بىلەن يىتىلدۈرگىلى بولىدۇ، تەپسىلاتىنى بىلوگىمدىكى مەزمۇنلاردىن تېخىمۇ چۈشەنگىلى بولىدۇ.
          كۈنلىرىڭىزگە ئاسايشلىق بولغاي.

  2. رەھمەت ئۇماقلا بەك ياخشى ئۇقۇپ بەردىڭلا سىلەردىن بەك سۈيۈندۈم تېخىمۇ تىرشىڭلا ئۇماق قىزلا سىلەردىن پەخىرلىنىمىز

  3. يىللار بولدى، قىزىم بىلەن خوشلاشقاندا ئۇ تىخى تاتلىق ئۇيقۇدا ئىدى. چۈچۈك تىلى تېخى تولۇق چىقمىغان ئىدى. كىتابتىكى شىردەك تۇرار جايىمغا قايتىپ كەلگەندە مىنى نىمىدۇ بىر نەرسە قىينايدۇ، ئېسىغلىق تۇرغان قىزىمنىڭ كىيمىدىكى بوۋاق ھىدىنى بىر پۇرىۋىتىپ، شۈكۈرلەر ئېيتىپ يېتىپ قالىمەن. ساقلىۋالغان «دادا سىزنى سېغىندىم» دىگەن ئاۋازلىق ئۇچۇرىنى ھەر دائىم ئاڭلاپ بولغۇچە يۈرىكىم پۇچىلىنىپ كېتىدىغان، بېشىمدىن تولا ئۇچۇپ ئۆتىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ھەر كۆرسەم كۆز چانىقىم نەملىنىدىغان، تاللا بازاردا بالىسىنى ھارۋىغا سېلىپ نەرسە سېتىۋالغانلارنى كۆرسەم ئۇزاق قاراپ تۇرىدىغان، قىزىم ياخشى كۆرىدىغان پىرەنىكنىڭ يېنىدىن دائىم ئۆتسەم « دادا، سىز ئەۋەتكەن پىرەنىك بەك تەملىككەن» دىگەنلىرى يادىمغا يېتىپ ئارتۇقلۇق ھېس قىلـماي يەنە ئالىدىغان ئەسكى دادىمەن. ھەر قېتىم شۇنداق دەپ تەسەللىي تاپىمەن، « بەرداشلىق بېرەلـمىگەن بولساق بۇ كۈنلەر يۈز بەرمەس ئىدى، دىمەك بىز بەرداشلىق بېرەلەيمىز». ئامانلىقنى بەرسە قىزىممۇ چوڭ بولىدۇ، بىزمۇ ئەڭ گۈزەل تۇرار جايلاردا جەم بولىمىز. ئۈمىد بىزدىن قاچىمەن دىسە مەيلى، مەن يەنە يېڭى ئۈمىدنى ھاسىل قىلىمەن، چۈنكى بۈ كۈنلەردە بىزگە بەكرەك كۈچ بولىدىغىنى، بۈگۈنگە تەقسىمات قىلىپ بېرىلگەن سەۋرنى بۈگۈنگە ئورۇنلاشقان توسالغۇ قىيىنچىلىققىلا سەرپ قىلىپ ياشاش بولدى، كەلـمىگەن كۈندىكى قورقۇنۇشقا بۈگۈنكى بىر كۈنلۈك سەۋرنى ئىسراپ قىلساق جەم بولۇش دەقىقىلىرى كۆزىمىزدىن كەلمەس يەرگە ئۇچۇپ كېتىشى مۇمكىن.
    تەۋسىيەرىم: بالىلىرىمىزغا دادىلارنىڭ قانچىلىك سېغىنغانلىقىنى، ئۇلارنى «تاشلاپ» كەتمىگەنلىكىمىزنى بىلدۈرىدىغان ئامال سەۋەبلەرنى بالىلارنىڭ يېنىدا تۇرىۋاتقان ئانا، بوۋا، موما…. لار بىلدۈرۈپ تۇرىشى، ئۇلارنىڭ بۇلاق كەبى دىلىدا داغ قالـماسلىقى ئۈچۈن دائىم جەم بولۇش دەقىقىلىرىنى ئەسلىتىپ تۇرىشى، دادىسىنىڭ ئائىلە ئۈچۈن ھەر دادا قىلالـمايدىغان قۇربانلىقنى بېرىپ تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئەڭ مۇھىمى پەرزەنتىنى بەك بەك بەك سۆيىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرىشى لازىم.
    كونكىرت ئۇسۇللاردىن: دادىڭىز سالام دىدى بالام، دەپ دائىم يادىغا سەپ تۇرۇش؛ بۇنى دادىڭىز يىراقتىن ئەۋەتىپتۇ، دەپ بىرەر نەرسە ئەۋەتمىسمۇ شۇنداق دەپ بالىسىنى خوش قىلىپ تۇرۇش؛ بالىنىڭ قىلغان توغرا ئىشىنى ماختاپ ، دادىڭىز كۆرسە بەك خۇرسەن بولىدۇ دىيىش؛ ئارىلاپ بالىغا «دادىڭىزغا خەت يازايلى، رەسىم سىزىپ ئەۋەتەيلى » دىيىش ئارقىلىق بالىنىڭمۇ دىلىدىكىنى ئىپادىلىۋىلىشىغا ھەم بۇ خەت، رەسىملەرنىڭ سېغىنغان دادىسىنىڭ يېنىغا بارغاندىكى خوشاللىقتىن ھوزۇرلىنىشغا تۈرتكە بولۇش، چۈنكى خەت يېرىم دىداردۇر. ناۋادا دادىسىدىن خەت ئۇچۇر كېلىش قولايسىز بولسا، ئۆزى يەنى ئانىسى …. قاتارلىقلار بالىنىڭ دادىسى ئورنىدا بالىغا خەت يېزىپ بالىسىغا ئوقۇپ بېرىش، بالىنىڭ ئۈمىد، ئىشەنچ، ساپ ئەقىل ھەم پاكلىق بىلەن دوست بولۇپ چوڭ بولىشىنى، ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل دەقىقىلەردە دادىسىنىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى يېزىشى كېرەك….
    بۇقۇرلارنى ئوقىغان ئانىلارغا سەۋر، بالىلارغا سۆيگۈ ، دادىلارغا ئىشەنچ ھەم ئۈمىد تىلەيمەن. ھەمدە بارلىق گۈزەل تىلەكلەرنى بۇ ھېسنى چۈشەنگەن ھەر بىرەيلەنگە ئاتايمەن.

  4. خەيرىلىك كەچ
    ياپوننىڭ توپ مۇسابىقىسىنى تۈگىتىپ، ئۇخلاش ئالدىدا بۇ قۇرلارنى كۆرۈپ قالدىم، ھىسلىرىمنى ئەتىگە تاشلاپ قويۇشنى خالىمىدىم…
    مۇسابىقە ئىچىدىن بىردەم بولسىمۇ رىئاللىقنى ئۇنۇتقان كۆڭلۈم يەنە قايتىدىن رىئاللىققا قايتىپ كەلدى….
    سۆزلىرىڭىز يۈرىكىمنى ئىزىۋەتتى…ئۆزۈمنى خېلى غەيرەتلىك دەپ ئويلايتتىم، كۆزۈمدىن ياش قۇرۇماسلا بولدى…قايسى كۈنى ياپونچە مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ئوقۇپ خۇش بوپقالدىم. “ ئەڭ ئازاب دىگەنلىرىڭىز كۈتۈلمىگەن بىر چوڭ تەلەينىڭ بىشارىتى“ دەپ.
    شۇنداق، ئەڭ گۈزەل پەيتلەردە قىزىڭىزنى باغرىڭىزغا باسىسىز، دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك، تەلەيلىك دادا سىز بولىسىز….شۇ كۈنلىرىڭىزدە شۇ خۇشاللىقىڭىزدىن مىنىمۇ بەھرىمان قىلىشنى ئۇنۇتماڭ، سىزگە، تاتلىق قىزىڭىزغا، ھالال جۈپتىڭىزگە ، بارچە ھىجراندىكى ئەزىزلىرىمگە ئەڭ،ئەڭ ، ئەڭ گۈزەل ۋىسال دەملىرى نىسىپ بولغاي ھەم نىسىپ بولىدۇ، بىز كۆتۈرەلمەيدىغاننى بىزنى ئەڭ سۆيگەن ئىگىسى بەرمەيدۇ….
    ھەر بىر مۈشكۈللۈكتىن كىيىن بىر ئاسانلىق بار، بۇ گۈزەل دادىلىق مۇھەببىەت مۇكەممەل مۇھەببەت ئىگىسىنىڭ ۋىسال سوۋغىسى بىرىشى بىلەن نەتىجىلنىدۇ ھەم پات ئارىدا شۇنداق بولىشىنى تىلەيمەن.

  5. مەنمۇ شۇ تاپتا ئۆزۈمنىڭ يۈرىكىنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم ،غەيرەتلىك بۇلۇڭلار

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىلار

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى