«ياخشى ئادەم» لىك ماركىمىزنى ئېلىۋېتەمدۇق؟!

3,398 قېتىم ئوقۇلدى

ياپوننىڭ رىئالىستىك يازغۇچىسى شىئوناگى يوسىكې 20 يىلدىن بېرى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ياشاش ئۇسۇلى، كىشىلىك مۇناسىۋەت، سۆيگۈ – نىكاھ مەسىللىرىنى، يولۇققان تۈرلۈك ئاۋارىچىلىقلىرىنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق يەكۈن چىقىرىدۇ: كۆپ مەسىلىلەرنىڭ نىگىزى دەل دۇنيادا «ياخشى ئادەم» لەر نىڭ بەكرەك  كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدىن ئىكەن!🙄

ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئەتراپىدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن «ياخشى ئادەم» لىك ماركىسى چاپلانغان كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ روھىيەت دۇنياسى بۇ ماركىدىن ئازادىلىككە ئېرىشەلمىگەن، بولۇپمۇ ئاياللاردا بۇ خىل ھىسيات كۈچلۈكرەك بولغان. بۇ يەردىكى ئەڭ ياخشى تەكلىپ «ياخشى ئادەم» لىك ماركىسىنى يىرتىۋېتىش!

باشقىلارغا دەخلى قىلمايمەن، ئۇرۇشمايمەن، دىلىنى رەنجىتمەيمەن، ھەر ۋاقىت گۈزەل قەلىبلىك پەرىشتە بولىمەن دىيىش… بەلكىم بەك گۈزەلدۇر، كىشىلىك ھاياتتىكى بەك قىممەتلىك ئىشتۇر! بىراق، ھەر دائىم ھەر ۋاقىت كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياشاش، مانا مۇشۇنداق ئۆزگەرمەس قېلىپلار، تۆمۈر قائىدىلەر، باشقىلارنىڭ نەزىرى ياساپ بەرگەن كىملىك  ئىچىدە نەپسىڭىزنى قىسىش، ئۆزگىلەرنىڭ نەزىرىدە ئېسىل بولۇش بەدىلىگە ئەسلىدىكى ئۆزىڭىزنى تۇنجۇقتۇرۇش… ئەكسىچە تۇرمۇشىڭىزدىكى چىن خۇشاللىقلارنى، ھاياتنىڭ ئەسلى رەڭگىنى، قىممىتىنى، ئۆزىڭىزگە بولغان ھۆرمەت ۋە سۆيگۈنى يوقىتىدۇ، ئەرزىمدۇ؟!

 

Alan – 悲しみは雪に眠る

 

«ياخشى ئادەم» لەر نىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار ھېلىقى ياخشىلىق قالپىقى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاغزىدىن بىرەر خاتا گەپنىڭ چىقىپ كىتىشىدىن، بىرەر خاتا ئىش قىلىپ قويۇپ شۇ بىر خاتاسى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىشتىن تولىمۇ ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئەسلى قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىشتىن تولىمۇ ئەيمىنىدۇ، جۈرئەت قىلالمايدۇ.

راست، باشقىلارنى ئويلاش بەكمۇ گۈزەل ئەخلاق. بىراق، بۇنىڭ بەدىلىگە ئەسلىدىكى ئۆزىڭىز ئەمەس باشقا بىر كىملىكتە رول ئېلىش تەن ۋە يۈرىكىڭىز ئۈچۈن ئېغىر يۈك، شۇنداق ئەمەسمۇ؟!

ئالىي مەكتەپنىڭ دەسلەپكى يىللىرى كەمىنىمۇ «ئىزدىنىش» رومانى دىگەندەك قالتىس پەلسەپىۋى، ئادىمىيلىكنىڭ ئېسل خىسلىتى بايانلانغان رومانلارنى كۆپ ئوقۇۋېلىپ ئۆزۈمنى داۋاملىق ئاشۇ قىلىپلار ئىچىدە قىينايدىغان…

قىززىق يىرى، ھازىرقى ئۆزۈمدە ئۆتمۈشۈمدىكى ھېلىقى ئۆزىنى قاتتىق كونتىرۇل قىلىدىغان، ئۆزى ھەم كىتابلاردىكى پىرسوناژلار ياساپ بەرگەن قاتتىق پىرىنسىپلىق فۇرمۇلالار ئىچىدە ياشايدىغان كىتاب خالتىسى قىزنى بەزىدە ئۆزەممۇ تونۇيالماي قالىمەن ھەم  بۇرۇنقى خاتىرىلىرىمنى كۆرسەم  ئۆزۈمگە ئىچىممۇ ئاغرىپ قالىدۇ.

بۇ يىللاردىكى ئەڭ چوڭ مۇۋاپىقىيىتىم ئەسلىدىكى قىياپىتىمدە ياشاشنى ئۈگىنىش، نۇرلۇق تەرىپىمنىلا ئەمەس قاراڭغۇلۇقۇمنىمۇ قوبۇل قىلىش، بەك يېپىپ كەتمەسلىك بولسا كېرەك! لېكىن شۇنىمۇ ئىتىراپ قىلالماي تۇرالمايمەن، ئۆز ۋاقتىدىكى بەك رادىكال ئۆزۈم بولمىغان بولسام بۈگۈنكى ئۆزىگە  تېخىمۇ يېقىنلاشقان، يېقىنلىشىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان مەن بولالمايتتىم.

خىزمەت، ئائىلە، پەرزەنت تەربىيەسى… دىگەنلەردىن سىرت ھەر كۈنى ئازغىنە ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزىڭىزگە چۆكىدىغان، ھەممىنى ئۇنتۇپ ھاياتتىن ھوزۇرلىنىدىغان پۇرسەت بېرىڭ. باشقىلارنىڭ كۆزى، خاھىشلىرىدىن  ھالقىپ بارغۇڭىز كەلگەن يەرلەرگە بېرىپ بېقىڭ، يىگۈڭىز كەلگەننى يەپ كۆرۈڭ، كۆرۈشكىڭىز بار ئادەملەر بىلەن كۆرۈشۈڭ! يانچۇقىڭىزدىكى پورتمالىڭىز خىجىل بولۇپ قالمىسىلا كۆزىڭىز چۈشكەن سەتەڭ كۆينەكتىن بىرەرنى سېتىۋىلىڭ، بەدەن ۋە روھىڭىز ئارام تاپىدىغان تەنتەربىيە كۇلۇبلىرىغا بېرىپ تۇرۇڭ، ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان پەچەت كىنودىن بىرنى كۆرۈپ چىقىڭ…

مانا مۇشۇنداق «شەخسىيەتچىلىكىڭىز» بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلىرىڭىزنى تېخىمۇ بىلەلەيسز، ئۆزىڭىزگە بولغان ھۆرمەت ۋە سۆيگۈڭىز تېخىمۇ ئاشىدۇ. «مەن پەقەت مەن!» دىيەلەيدىغان بولىسىز.

تاڭسىڭ جاھاننىڭ غەۋغالىرىدىن مۇستەسنا  ئادەمسىز چۆللەردە ئەمەس، ئانچە – مۇنچە ئادىمىيلىك ئۇنتۇلغان ئادەملەر توپىدىمۇ، نەپسىنى سىنايدىغان رەڭگارەڭ چىراقلار ئاستىدىمۇ تەقۋادار، پاك – دىيانەتلىك تاڭسىڭ بولالىسا ھىساب!

 ھىچقانداق تاشقى دۇنيانىڭ كونتىرۇللۇقىسىز ئۆزىنى بىلگەن كونتىرۇللۇق، سىرتقى دۇنيانىڭ قانۇن – پىرىنسىپلىرىنىڭ چەكلىمىسىزمۇ قەلىپ پىرىنسىپىدىن چىقماسلىق – ئەخلاقنىڭ ئەينى يۈزى، ئادىمىيلىكنىڭ ئەسلى رەڭگى.

بۇ دۇنيادا دىگۈمىز بار يۈرىكىمىزدىكى گىپىمىزنى ئاڭلايدىغان، بىزنى يالغان رەڭ بېرىلمىگەن ئەسلى رەڭگىمىزدىمۇ سۆيەلەيدىغان،  ئەڭ ناچار تەرىپىمىزنى كۆرسىمۇ ۋاز كېچەلمەيدىغان، ئەڭ ئوسال تەرىپىمىزنى بىلسىمۇ يۈرىكىنى ئاچالايدىغانلار بار! ناۋادا، شۇنداق ئادەمنى تېخى ئۇچراتمىغان بولسىڭىز ئۇ ئادەم ئۆزىڭىز بولۇڭ. ئەسلىدىكى تولىمۇ ياخشى ھەم ئاجايىپ ئەسكى ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز سۆيۈڭ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ سۆيگۈگە جۆر بولىدىغانلار چوقۇم چىقىدۇ، ئىشىنەمسىز؟!

ئۆزىنىڭ ئەسلى ئورنىدا، ھەقىقىي ئۆزىدە ياشاش ئادەمنىڭ ئۆز – ئۆزىگە بولغان سۆيگۈسىنى ئاشۇرىدۇ، ئۆزى ۋە ئۆزگىگە تېخىمۇ ھەقىقىي مۇئامىلىدە بولالايدۇ.

***

Appear as you are, Be as you appear.

كۆرۈنگىنىڭچە بول، بولغىنىڭدەك كۆرۈن.

      – رۇمى

***********************

2018.08.04

رەيھان

 

تارقىتىڭ...
  1. مانا بۇ ئىنساننىڭ «ئۆزى» بولىشى . ساختا كىشىلىك ھەقىقەتەن ئۆزى ۋە ئۆزگىلەرنىمۇ ھاردۇرىدۇ . مەۋلانەنىڭ بىر گىپىبار ، ياكى كۆرۈنگىنىڭدەك ئادەم بول ،ياكى قانداق ئادەم بولساڭ شۇنداق كۆرۈن . ھارمىغايسىز گۈزەل رەيھان .

  2. مىنىڭچە بۇ بىر زىددىيەتلىك ئۇقۇم ئىكەن.چۈنكى ھەر بىر ئىنساننىڭ كەمچىلىكلىرى ئارتۇقچىلىقلىرى بۇلىدۇ، ئەگەر ئىنسان كەمچىلىكىنى تۇنۇپ مەن ئۆزەم بولۇپ ياشايمەن، مۇشۇ ھالەتتە ياشايمەن دەپ تۇرىۋالسا ئۇنىڭ ھالى قانداق بۇلار، ھاياتنىڭ ئۆزى كىشىنى بارا بارا ئۆزىنى مۈكەممەلللەشتۈرۈشكە ئىنتىلىشتۇر، ئىنسان گۈزەل ئەخلاقى پەزىلىتىنى ياشاش جەريانىدا ئاستا ئاستا يىتىلدۇرىدۇ…مەنچە بۇنى بالىلارغا تەدبىقلىساق ياخشى بۇلارمىكىن!چۈنكى ھەر نەرسە ئۆسمۈرلۈكتىن باشلىنىدۇ.ياسالمىلىق ھەقىقەتەن كىشىنى ھارغۇزىدۇ، لىكىن ياخشى كىشى بۇلۇشقا تىرىشىش ياسالمىلىق بۇلىشى ناتايىن.ياخشىلىق يامانلىقنى بېسىپ چۈشكەچكە، ياخشىلىق نۇرانە بولغاچقا ياخشى بۇلۇش ئۇنچە ئۇڭاي بىر جەريان بولماي قېلىۋاتىدۇ…

  3. ئەلۋەتتە، يازمامدىكى پېكىرلەرنىڭ ھەممىلا ئادەمگە توغرا بولىشى ناتايىن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈمگىمۇ ئايان ئىپادىلەش جەھەتتە بەك ياخشى ئىپادىلىيەلمەي قالغان يەرلەرمۇ كۆپ…
    ھەر ئادەمنىڭ چۈشەنچىسى ھەرخىل بولغىنىدەك، كام يەرلىرى بولسا ئەپۇ قىلىۋىتىپ، كۆڭلىڭىز راھەتلەنگۈدەك بىرەر قۇرنى ئۇچىرىتىپ قالسىڭىز شۇنىڭدىنمۇ مىننەتدارمەن.☕️☺️

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

«ياخشى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى