روھى بېسىملار سالامەتلىكىڭىزنى بۇزۇۋاتامدۇ؟

3,162 قېتىم ئوقۇلدى

يېقىندىن بېرى ئانچىكىن ئىشلارمۇ سىزنى يىغلىتالايدۇ، ئاسانلا ئاچچىقلىنىدىغان، باشقىلار بىلەن ئارلاشقۇڭىز كەلمەيدىغان، ھىچ ئىش خۇشياقمايدىغان بوپقېلىۋاتىسىز، ھەتتا، ئېغىرلىقىڭىزنىڭ ئېشىپ قالغانلىقىنىمۇ، تولا ئاغرىپ قېلىۋاتقانلىقىڭىزنى بايقاپمۇ قالدىڭىز شۇنداقمۇ؟

ئۆزۈممۇ ھەم سەل غەلىتە…. ئوشۇقراق گەپ قىلساممۇ، يول ماڭساممۇ، يىغلىساممۇ نەچچە كۈن پۇت – قولۇمدا جان يوق يېرىم جانلا بوپقېلىۋاتىمەن… شۇنىڭ بىلەن بۇ توغۇرلۇق ئەستايدىلراق ئويلاشمىسام بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ ماتىرىيال كۆرۈپ باقتىم.

پىسخولوگ بىرۇس ماكۇۋېن روھى بېسىمنىڭ سالامەتلىككە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرلىرىنى سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ:
دائىملىق روھى پەرىشانلىق، مەنپىي كەيپىيات سالامەتلىككە ئېغىر تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەندىن سرت، بىر كۈندىن ھالقىغۇدەك كۈچ-قۇۋۋەت، ئىنىرگىيەنىمۇ قويمايدۇ.

ئالدى بىلەن شۇنى بىلىپ باقايلى، روھى بېسىمنىڭ سالامەتلىككە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى قانچىلىك؟

 

 

Lemon – 米津玄師

 

ئالدى بىلەن مېڭىگە تەسىر قىلىپ ئەستە تۇتۇش، ئەقلى ئىقتىدارىنى چىكىندۈرىۋېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا دىۋەڭلىك كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ

روھى بېسىم – مېڭىنىڭ ھايفوزولىمىس (كەسپى ئاتالغۇنىڭ تەرجىمىسىنى بىلەلمىدىم) دىگەن يېرىدە كونتىرۇل قىلىنىدۇ. بۇ دەل مېڭىنىڭ ئەنسىرەش، قورقۇش قاتارلىق بېسىملارغا ئەڭ سەزگۈر ئورۇن ھىسابلىنىدۇ. سىزگە كەلگەن بارلىق ئۇچۇرلار ئالدى بىلەن بۇ ئورۇندا بىر تەرەپ قىلىنىپ ئاندىن بەدەنگە يەتكۈزۈلىدۇ، قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇ خىل قەنت كورتىزولىنىڭ ئاكىتىپ ۋە پاسسىپ تەرىپى بار بولۇپ، مەلۇم پەيت مەلۇم دەرىجىدە قويۇپ بېرىلگەندە ئۆزىمىزدىكى كۈچ – قۇۋۋەتنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ھەركەتكە كەلتۈرىشىمىزگە ياردەم قىلسىمۇ، ھەر كۈنى داۋاملىشىۋەرگەندە ئۇنىڭ زىيىنى كىشىنى چۆچۈتىدۇ.

يەنى، نورمال بېسىمنىڭ بولىشى بىزگە ھاياتى كۈچ بېغىشلايدۇ، ھالبۇكى، چەكتىن ئېشىپ كەتسىچۇ؟ بىزنى يىقىتىدۇ.

 

نەپەسلىنىش سېستىمىسى ۋە يۈرەككە تەسىر يەتكۈزىدۇ

نەپەس تىزلىشىش، يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قان نەيچىلىرى تارىيىپ يۈرەك ۋە مېڭىگە يەتكۈزۈلىدىغان ئوكىسگىن ۋە قۇۋۋەت يېتىشمەي قالىدۇ.

 

ھەزىم قىلىش سېستىمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

ئاشقازان ئاغرىش، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، ئىچى سۈرۈش ياكى قەۋزىيەت بولۇپ قېلىش، كۆڭلى ئېلىشىش… قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

جىگەردىكى گىلوكوزا مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ، نەتىجىدە قەنت كېسىلى بولۇش خەۋىپى يۇقىرىلايدۇ.

چوڭ ئۈچەي، كىچىك ئۈچەي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

ئېغىرلىقى ئارتىپ كېتىش ياكى زىيادە ئورۇقلاپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئادەملەرنىڭ روھى بېسىمغا بېرىدىغان ئىنكاسلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى كىشىلەر بېسىم كەلتۈرىۋاتقان روھى بېسىملارنى ھىسسي جەھەتتە بېسىش ئۈچۈن يۇقىرى كالورىيەلىك يىمەكلىكنى يېگۈسى كېلىدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا پۈتۈنلەي ئىشتىھاسىز بوپقالىدۇ.

چاچ چۈشۈش

قان تەركىبىدىكى كورتىزول (ماۋۇ كەسپى گەپنى تەرجىمە قىلىپ بېرىدىغانلارنى قارشى ئالىمەن ھە!) ئارتىپ، چاچ يىلتىزى ئاجىزلايدۇ،- دە، چاچ چۈشۈش ياكى تەڭگە شەكىللىك چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (ماۋۇ ئايدىڭباشلار روھى بېسىمىڭلار شۇنچە ئېغىرما؟!🤔)

 

ئىمۇنىتىت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ

ئۇزۇن مەزگىللىك پەرىشانلىق، روھى بېسىم ئىچىدە يۈرۈش بەدەننىڭ ئىمونىتىت سېستىمىسىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. يۇقۇملۇق زۇكام ۋە زۇكام، رىئاكسىيە كېسەللىكلىرى، رەڭگى رۇخسارىدىن كېتىش، يارىلار تەستە ئەسلىگە كېلىش ..قاتارلىقلار كۆرۈلگەندىن سىرت ئېغىر بولغاندا ھېلىقى يامان كېسەللىكلەرگە سەۋەپ بوپقالىدۇ.

 

ئاياللارنىڭ ئادىتىگە تەسىر قىلىدۇ

ئۇزۇن مەزگىللىك پەرىشانلىق، روھى بېسىم ئاياللىق ھورمۇنغىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاياللارنىڭ ئادىتىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدۇ. ئادەت كىچىكىش، ئادەت كەلمەسلىك، مىقدارى ئازىلاپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھازىرقى سۈرىيە… قاتارلىق ئۇرۇش ئىچىدىكى رايونلاردىلا ئەمەس، ئەتراپىمىزدىكى ئەمدىلا 20-30 ياشلاردىكى خانىم-قىزچاقلارنىڭ ئادىتىنىڭ توختاپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى مۇشۇ روھى بېسىمدىن.

 

يىغىپ ئېيقاندا، ئېغىر روھى بېسىم – ھاياتلىقنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىدىن بىرى. بۇ دۈشمەن بىزدىكى ئىنىرگىيە، ھاياتى كۈچنى ئەكىتىپلا قالماي سالامەتلىكىمىزنى بۇزىدۇ.

بېشىمىزغا كەلگەنلىرى ئالدىدا ئۆزىمىزنى يوقىتىش، روھى كۈچىمىزدىن ئايرىلىپ، تېنىمىزنى تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتىگە تاشلاپ بېرىش – كۈلپەتلەرگە ئۆزلىكىمىزدىن تەسلىم بولۇپ يېڭىلگەن بىلەن باراۋەر! يېڭىلمەسلىك ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىشنى ھاياتلىقتىكى ئەڭ چوڭ ۋەزىپىمىزدىن بىرى بولغان تەن ۋە روھىمىزنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراشتىن باشلاپ باقايلى-ھە؟!

(ۋاقتىم يار بەرگەندە سالامەتلىككە ئائىت يەنە مەزمۇنلارنى يوللايمەن)

 

تەن ۋە روھىمىز سالامەت بولسۇن ~ 🍀

 

****************************************

پايدىلانغان مەنبە:  ياپونچە «قەلب كېزىش» ناملىق  پىسخولوگىيە تور بىتى

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. ھەئە مەن دەل شۇندا بوپ قىلىۋاتىمەن بۇنىڭغا قارىتا ئۈنۈملۈك ئامال بامىدۇ؟

    • مەنچە سىزلا ئەمەس كۆپچىلىك كىشىلەردە بۇ خىل ئەھۋال بار ···
      ئۈنۈملۈك ئۇسۇلغا كەلسەك، بۇ مەن دەماللىققا جاۋاب بىرەلەيدىغان مەسىلە ئەمەس ···
      بىراق ، بىر ئادەمنىڭ بۇ ھاياتتا ، ھەر بىر كۈندە كۆتۈرەلەيدىغان يۈكى چەكلىك بولىدۇ ، ئۆزىمىز قىلالايدىغان ئىش ئەڭ ئاددى ئىش بولسىمۇ ئەڭ ياخشى تىرىشچانلىقىمىز بىلەن قىلساق ، ئۆزىمىزگە ئاراملىق بىرىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىساق بولامدىكىن دەيمەن·
      ئۆزىمىزنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ، بىزگە ھەمدەم ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچنىڭ بارلىقىنى ئەسكە ئالساق يىنىكلەپ قالىمىز ···بۇ توغۇرلۇق ياخشى پىكىرلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقايلى ·
      قەلبىڭىز ھەم جىسمىڭىزگە ئاراملىق تىلەيمەن ❤️

  2. تۇرۇپلا ھاياتتىن شۇنچىلىك چارچىغىنمىنى يەنە قەدەم ئالغۇدەك ، يەنە كۈلگۈدەك جاسارىتىممۇ قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم ! كاشكى ، ئادەم پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا كۈلۈپ ئۆزى ئۈچۈنلا يىغلىيالايدىغان بولسا ئىدى ···
    كاشكى ، ئىنسان كۆرۈنمەس يىپلار بىلەن باغلىنىپ تۇرغان شۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئاھلىرىنى سىزەلمەس بوپقالسا ئىدى ···
    شۇ مۇقەددەس سىزىشلەر ، بىلىشلەر تۈپەيلىدىن كۆزلەردىن ، يۈرەكلەردىن ياشلار توختىماي قىلىۋاتىدۇ ·
    شۇ مۇقەددەس يىپلار سەۋەبىدىن كۈلۈشمۇ ھارام بولىۋاتىدۇ !
    روھىم، تۈگەشمە !
    روھىم ، ئازابلانساڭمۇ چۈشكۈنلەشمە !
    روھىم ، ئۆزۈڭنى ئەڭ ئاجىز ھېس قىلغىنىڭدا ئۆزۈڭنى سېنى ياراتقان قۇدرەتكە تاپشۇر ، ئۇنىڭغا يۆلەن ، ئۇنىڭغا يۆلەن !!!

    – چۇقانلىرىم

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

روھى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى