خەمىت: ھىكى ياپون تىلى مەكتىپى توغرىسىدا يېڭى ئۇچۇر

5,073 قېتىم ئوقۇلدى

ياپونىيەدىن ئىبارەت كەسكىن رىقابەت بىلەن تولغان، ئادىمىيلىك ساپا، بىلىم ساپاسىغا قويۇلغان تەلەپ يۇقىرى، ھاياتلىق ئۈچۈن سىزدىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى تىرىشچانلىق  تەلەپ قىلىدىغان بۇ دۆلەتكە 80 – يىللاردىن باشلاپ تۈركۈملەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئۆز تىرىشچانلىقى ھەم قىيىنچىلىقلارغا تىز پۈكمەس  روھى بىلەن مۇشۇ جەمئىيەتنىڭ كېمىدە ئوتتۇراھال سەۋىيەسىدە ياشاپ كەلدى ھەم مەلۇم نەتىجىلەرنى قازاندى.

 

Hiki Akademy Japanese Language school

Bond – Fuego

 

خەمىت ئابلىتىپ – 2002- يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا توكيوغا كەلگەن ياشلاردىن بىرى بولۇپ، توكيودا باكلاۋۇرلۇقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۆي – مۈلۈك شىركىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەپ كەلگەن. 2018-يىلى خەمىتنىڭ كۈچلۈك تەكلىپى ھەم بىر قوللۇق لاھىيەسى بىلەن «ھىكى ئاكادېمى ياپون تىلى مەكتىپى» قۇرۇش تەلىپى شىركەت ماقۇللىقىدىن ئۆتۈپ ھەمدە ياپون ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرخىل تەستىقلىرىدىن ئۆتۈپ 2019-يىلى 4-ئايدا مەكتەپ رەسمىي ئوقۇش باشلايدۇ . گەرچە نام ياپون شىركىتىنىڭ بولغان بىلەن بۇ – ھەقىقەتەنمۇ ياپونىيەدە تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇرنىڭ كۈچى بىلەن قۇرۇلغان مائارىپ ئورنى ھېسابلىنىدۇ.

 

تۆۋەندىكىسى خەمىت ئابلىتىپ  ۋە «ھىكى ئاكادېمى ياپون تىلى مەكتىپى» نىڭ  مەكتەپ ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇتۇش ئىشلىرى توغرىسىدا ياپونىيەدە بىلىم ئېلىش ئارزۇسى بار ھەر بىر ئىزدىنىشچان ياشقا دەيدىغانلىرى:

ھىكى ئاكادېمى ياپون تىلى مەكتىپى تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىچە ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە:

1. ياپون تىلى مەكتىپى ئورۇنلاشقان رايون قويۇق مائارىپ – مەدەنىيەت تۈسىگە تولغان.

يەنى، مېترو بىلەن 20 مىنۇتلۇق رايون ئىچىدىلا 7-8 گە يېقىن ئالى مەكتەپ جايلاشقان.

東京電気大学、大東文化大学、城西大学、 明海大学、埼玉医科大学、東京国際大学、
女子栄養大学、東洋大学工学部

بولۇپمۇ 東京電機大学دا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدا، شۇنداقلا ياپونىيەدە ئالدىنقى خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئەسلى بىلىم يۇرتى دىيىشكىمۇ بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ مەكتەپتە ئاسپىرانتلىق، دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز 10دىن ئاشىدۇ.

2. تىل سەۋىيىڭىزنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر خىزمەت تېپىش پۇرسىتىڭىز كەڭرى.

ياپون تىلى مەكتىپىمىز جايلاشقان شەھەردە ياپون- سايتاما رايونى بويىچە ئەڭ چوڭ زاۋۇت – كارخانا رايونى ئورۇنلاشقان بولۇپ، ماشىناسازلىقتىن تارتىپ يىمەكلىك ساھەسىگىچە بولغان ياپوننىڭ ھەر قايسى داڭلىق شىركەتلىرىنىڭ ئارقا بازىسلىق رولىنى ئۆتەيدۇ. بۇ ئۆز قەرەلىدە نۇرغۇن كىشىلەرنى خىزمەت پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ دىگەنلىك ھىسابلىنىدۇ.

شۇنداق بىر ئەمەلىيەتنى قوشۇپ قويساق، شەھەر ئەتراپىدىكى، ھەتتا توكيودىكى ياپون تىلى مەكتەپلىرى ۋە باشقا ئالى مەكتەپلەردىكى نۇرغۇنلىغان ھەر قايسى دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرى رايونىمىزدىكى مۇشۇ زاۋۇت – كارخانىلىرىدا ئىشلەيدۇ. تىل سەۋىيىڭىز قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، تىرىشسىڭىزلا ئەتراپىڭىزدىنلا كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالايسىز. شۇنداقلا، مەكتىپىمىز تۇرمۇش راسخوتلىرىڭىزنى تېپىشىڭىزغا ھەر تەرەپتىن ياردەم قىلىشقا كاپالەتلىك بېرىدۇ.

 

3. ياپون تىلى مەكتىپىمىز جايلاشقان رايوننىڭ تۇرمۇش ئەۋزەللىكى سىزنى مەمنۇن قىلىدۇ

بۇ رايوننىڭ يەنە بىر ئەۋزەللىكى، بۇ رايون توكيونىڭ مەركەزلىرىدىن بولغان ئىكېبۇكۇرو يەنى  池袋 غا مېترودا 50 مىنۇتتىلا مېتىرو ئالماشماي بارالايسىز.

سايتامانىڭ داڭلىق ساياھەت شەھىرى بولغان 川越市 غا بولسا 15مىنۇتتىلا كېلەلەيسىز! سودا – سېتىق، سەيلى – ساياھەت، قايناق شەھەر تۇرمۇشىدىن ھوزۇر ئالالايسىز.

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ رايوننى تۇرمۇشقا ناھايىتى قولاي دىيىشكە بولىدۇ. يەنى، سىزنى ئىستىمال سەۋىيەسى يۇقىرى ياپونىيەدە ئەڭ قىينايدىغان ئۆي ئىجارە ھەققىڭىز توكيونىڭكىدىن 2 ھەسسلا تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ بارلىق ئىشلىرىڭىزغا مەسئۇل كەمىنە خەمىتنىڭ ئەسلى خىزمىتىمۇ ئۆي – مۈلۈك شىركىتىگە تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن سىزنى تۇرالغۇ ئۆيگە دائىر ھەر قانداق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز. ئەڭ مۇھىم خۇشاللىنارلىق ئىشتىن بىرى، ياپونغا كىلىپلا ئۆگۈنۈش مۇھىتىغا ئۆتەلىشىڭىز ئۈچۈن، مەكتىپىمىز سىزنىڭ تاللىشىڭىز بويىچە يالغۇز كىشىلىك ياتاق ياكى قوش كىشىلىك ياتاقنى ئالدىن ھازىرلاپ بېرىمىز، ھەمدە ياتاقنىڭ شارائىتىنى ھەر قايسى جەھەتلەردىن سىزنىڭ كۈتكىنىڭزدەك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز.

توكيونىڭ تەننەرخى يۇقىرى، بىر ئېغىز ئۆيدە 3-4 ئوقۇغۇچى قىستىلىشىپ ياشايدىغان مۇھىتتىن باشقىچە راھەت ئۆگىنىش مۇھىتىڭىز بولىدۇ. ياتاقلار بىر تۇتاش ھەقسىز سىمسىز تور بىلەن تەمىنلىنىدۇ، توڭلاتقۇ، توكلۇق ئىسسىتقۇچ، گۈرۈچ دۈملىگۈچ، ھەتتا، يوتقان – كۆرپىلىرىڭىزدىن تارتىپ تەييار قىلىنغان ئۆيگە كىرەلەيسىز. سىز پەقەت كىيىم – كېچەك، ۋە ئۇششاق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەنلا كەلسىڭىز بولىدۇ، قالتىسمىكەن؟

 

4.ئوقۇتۇش قوشونى سەرخىل

كۆيچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن ھەرقايىسى ساھە، ھەر كەسىپلەردىن  شىركەت قۇرۇپ ھەممىمىزگە ئىلھام بولغان قېرىنداشلار كۆپىيىپ خۇشاللىنارلىق يۈزلىنىشلەر بولدى.  بۇ يۈزلىنىشلەرگە ياندىشىپ مەكتەپتىن ئىبارەت بوشلۇقمۇ تولۇقلانغۇسى. گەرچە مەكتىپىمىز ياپون شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان مەكتەپ بولسىمۇ، ئىشلىرى ھەممىسى ئۇيغۇرنىڭ قولى بىلەن ۋۇجۇتقا چىقتى. دىمەك، سىز مەكتەپلا ئەمەس، ھەر قانداق بىر ئىنسان يات ئەلدە دۇچ كېلىدىغان تۈرۈلۈك ئەندىشە ۋە مەسىللىرىڭىزنى بىمالال دىيەلەيدىغان قېرىنداشمۇ تاپىسىز!

ئۇنىڭدىن باشقا، مەكتىپىمىز ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇزۇن يىللىق ياپون مائارىپ ساھەسىدە يېتىشكەن ياپونلۇق ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەر قايسى داڭلىق مەكتەپلەردىن تاللاپ قوبۇل قىلىندى. سىزنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرلەپ ئوقۇشىڭىز، تىل سەۋيىڭىزنىڭ ئۆسۈشىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن يىتەكچىلىك قىلىمىز.

مەكتىپىمىزدە ياپونىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر قاتارلىق ھەر مىللەت خىزمەتچىلىرىمىزمۇ بار بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى، خەنزۇ تىلى، ئىنگىلىز تىلى، ۋېتنام تىلى قاتارلىق كۆپ تىللارغا بولغان ئىھتىياجىڭىزنىمۇ قاندۇرىمىز. مەكتەپ ئىچى – سىرتىدىكى تۇرمۇشىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈكلۈك ۋە ئالى مەكتەپ ئىزدەش ئىشلىرىڭىزنىڭ قولايلىق بولىشى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن كۈچ چىقىرىمىز.

 

 

 

 

مەكتىپىمىزنىڭ 3-قېتىملىق يەنى 2020-يىللىق 10-ئايلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىۋاتىمىز ، ۋاقتى بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرغىچە ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ ، بەلكىم كورونا سەۋەپلىك چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇيىڭىزدا ئارسالدە بولۇۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن، شۇنداق بولسا بىز بىلەن ئالاقە قىلىپ 2021-يىلى 4-ئايلىق ئوقۇشقا مەسلىھەت سورىسىڭىزمۇ قوبۇل قىلىمىز .

 

مەكتىپىمىزنىڭ ئالاقىلىشىش ۋاستىسى:

 ئادىرىسى: 埼玉県東松山市神明町2-2-2

E-mail: hiki-school@matsubori.co.jp

TEL: +81-0493814131 ,  070-6515-2706

FAX: +81-0493814132

 

ئۈندىداردا ئالاقىلاشماقچى بولسىڭز

شەرت شۇكى، 12 يىللىقتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىڭىز ھەم تىرىشچان، ئالغا ئىنتىلىدىغان روھىڭىز بولسۇن. ھىكى ئاكادېمى ياپون تىلى مەكتىۋىمىز سىزنى قارشى ئالىدۇ!

ھىكى ئاكادېمى ياپون تىل مەكتىپى

 

*********************

ئاخىرىدا، ئۇزۇن يىللىق دوستىمىز ۋە قېرىندىشىمىز خەمىتنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن باسقان قەدەملىرىگە بەرىكەت تىلەش بىلەن بىرگە  ياپونىيەدە ياشاۋاتقان بالىلىرىمىز ئۈچۈنمۇ ئۆزىمىزنىڭ مەكتەپلىرى قۇرۇلغان كۈنلەرنىڭ پات ئارىدا كېلىشگە تىلەكداشمىز ~🌻☀️

 

تارقىتىڭ...
  1. يارايسىز خەمىت سىزدىن پەخىرلىنىمىز

  2. خىكى ئاكادېمىي تىل مەكتىپىنىڭ خەۋىرىدىن بەك سۆيۈندۈم.

    مەنمۇ نەچچە كۈندىن بېرى N1 غا كۇرۇس ئىزدەپ خېلى ئاۋارە بولدۇم. ئىستانبۇلدا ياپۇن كۈلتۈر مەركىزىدە ئوقۇيدىغان بولدۇم.
    http://www.japonkultur.com

    ماڭغىمۇ ئىستانبۇلدا تىل مەكتىۋى قۇرۇش ئىشى نېسىپمۇ بولۇپ قالا.

    • دۇرۇس نىيەت دۇرۇس يوللارنى ئاچىدۇ، سىزنىڭمۇ ئۇزاققا قالمىغان يىللاردا مەكتەپ قۇرغان خۇشخەۋەرلىرىڭىزنى ئاڭلايمىز، كەمىنە گەرچە بەك بازارلىق بولمىسىمۇ بۇ سەمىمى بىلوگخانەمدە تەبرىكلەيمەن شۇ چاغدا مەكتىپىڭىزنى .:)✨

  3. قالتىس خەمىت يارايسىز سىزدىن پەخىرلىنمىز

  4. يولداش خەمىتجان ، سىزگە كەلگەن ئىنكاسلارغا بىر جاۋاب بېرىۋىتىڭ دەيمەن (๑>◡<๑)(^_-)

  5. ئەسسالامۇئەلەيكۇم ماڭا مەدەت بەرگەن قېرىنداشلىرىم…مەن خەمىت بولىمەن، سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار بىلەن ئىشلىرىمىز تېخىمۇ گۈللەنگۈسى.. مەسلىھەتلەر بولسا ئالاقىلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن..

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

خەمىت:

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى