دۇنياغا يەنە بىر رەت ھەقىقەتنى ئەسكەرتكەن- مەلىكە مېگان ماركول

1,688 قېتىم ئوقۇلدى

ئىنسان – مەيلى قايسى دۆلەت، قايسى ئېرق، قايسى مىللەت، قايسى قان سېستىمىسىدىن بولسۇن، رەڭگى، جىنسى، نېمە بولسۇن، ئۇ پەقەت ئىنسانىيلىقى بىلەن قىممەتلىك ھەم باراۋەر!

يۇقارقى ھەقىقەت – 1776-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامرىكىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ئەلباشى توماس جىفىرىسون ئۆز خەلقىگە ھەم پۈتۈن دۇنياغا جاكارلاشتىن بۇرۇنمۇ بار ئىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەم بولىدۇ!

تەڭرى پۈتكۈل كائىناتنى يارىتىپ ئۇنىڭغا ئىنساننى ئىززەت- ئېكرام بىلەن تىكلىگەن ۋە ئىنسانىيلىقتىن ئىبارەت مۇقەددەس ھوقوق ۋە شەرەپ بەرگەنلىكىدەك بۇ بۈيۈك ھەقىقەتكە ئىشىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، بۇ گۈزەل ھەقىقەتنى تېپىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش كېرەك.

بۈگۈن بۇ ھەقىقەتنى دۇنياغا يەنە بىر رەت ئەسكەرتكەن گۈزەل مەلىكە مېگان ماركولنىڭ كىچىككىنە بىرھاياتلىق ھىكايىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

 

SAKURA TEARS  –  Nigel Silin

 

ئاددى پۇخرانىڭ قىزلىرىغا ئۆيلىنىش بىلەن تېخىمۇ مەشھۇر بولىۋاتقان ئەنگىلىيە خان جەمەتىنىڭ بۇ يىل 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن كىچىك شاھزادىسى ھاررىينىڭ تويى يەنە بىر قېتىم پۈتۈن دۇنيانىڭ نەزىرىنى  تارتتى، بولۇپمۇ شاھزادە ھاررىينىڭ نېمىشقىدۇر ئۆزىدىن چوڭ، ۋۇجۇدىدا قارا تەنلىكنىڭ قېنى ئېقىۋاتقان، بىر قېتىم ئاجراشقان  ئايالنى مەلىكىلىككە تاللىشى پۈتكۈل دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىززىق نوقتىسى بوپقالدى.

ئوكېي،  ئۇلارنىڭ تونۇشۇش، مۇھەببەتلىك جەريانلىرى ئۇلارنىڭ پەقەت ئۆزلىرىلا ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان ئىككىسىگە تەئەللۇق شەخسىيتى، مېنىڭ بەكرەك دىققىتىمنى تارتقىنى مېگاننىڭ كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۈنۈشى ھەم 11 ياشلىق چېغىدىلا باراۋەرلىك ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى بولدى! گەرچە، مېگاننىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق بۇ ۋەقەنى بۇرۇنلا خەۋەرلەردىن بىلگەن بولساممۇ، قايسى كۈنى تاساددىپي  ئاڭلاپ قالغان نۇتىقى  بۈگۈنكى بۇ يازمىغا پىلتە بولدى.

 

11 ياشلىق مېگان ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنى

بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن مېگاننىڭ بالىلىقىدىكى بىر ۋەقە ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بىر قېتىملىق بۇرۇلۇش نوقتىسى بوپقالىدۇ.

مېگان باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان مەزگىلىدە، دەرس ۋاقتىدا كۆرسىتىلىۋاتقان بىر پىروگىراممىنىڭ ئوتتۇرىدا قاچا يۇيۇش ئېلانى چىقىپ قالىدۇ ھەم بۇ ئېلان سۆزىدە «ئامېرىكىدىكى بارچە ئاياللار قازان – قۇمۇچ بىلەن جەڭ قىلىدۇ» دىيىلىدۇ. مېگاننىڭ ئىككى ئوغۇل ساۋاقدىشىمۇ « دېمىسىمۇ ئاياللار ئەزەلدىن ئاشخانىغا تەئەللۇق!» دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىدۇ. شۇ چاغدا كىچىككىنە مېگان شۇنچىلىك چۆچۈيدۇ، ئاچچىقى كېلىدۇ، غورورى ئازار يەيدۇ! بۇ تەڭسىزلىك ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىدۇ.

شۇ كۈنى ئۆيگە قايتقىنىدا مەكتەپتە يولۇققان بۇ كۆڭۈلسىزلىكنى دادىسىغا ئېيتىدۇ.  دادىسى قىزىغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا خەت يېزىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. (يەنە شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، ئەگەر ئۇنىڭ دادىسى باشقىچە ئىنكاستا بولۇپ قىزىنىڭ بۇ ئويلىرىغا پەرۋاسىز قارىغان بولسا مېگاننىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى باشقىچە يېزىلغان بولاتتى، ئەلۋەتتە!)  11 ياشلىق كىچىككىنە قىزچاقنىڭ خېتىگە جاۋاپ قايتۇرىدىغان، پىكىرىنى ئىلىك ئالىدىغان ئادەم بارمۇ؟! شۇنداقتىمۇ ئۇ شۇ دەۋىرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك سانالغان ئادەملىرىگە يەنى، شۇ چاغدىكى بىرىنجى خانىم ھىلارى كېلىنتونغا، بالىلار خەۋىرى رىياسەتچىسى لىندا ئەللېربى، داڭلىق ئايال ئادۋۇكات گىلورىيە ئولرەدكە خەت يازىدۇ.

لىندا ئەللېربى ئۇنىڭ يازغان خېتىنى بالىلار پىروگراممىسغا چىقىرىدۇ. مېگان ھەتتا بۇ ئېلاننى ئىشلەتكۈزگەن سوپۇن ئىشلەپچىقارغان ئورۇنغىمۇ خەت يازىدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن ھىلارى خانىمنىڭ، لىندا ئەللېرى، گىلورىيە ئولرەدنىڭ مېگاننى ئىلھاملاندۇرۇپ يازغان خېتىنى تاپشۇرىۋالىدۇ، سوپۇن شىركىتى ئۇنى ئىزدەپ كېلىدۇ ھەمدە ئەسلىدىكى «بارچە ئامرىكا ئاياللىرى» دىگەن ئېلان سۆزىنى «پۈتكۈل ئامېرىكىلىقلار» دەپ ئۆزگەرتىدۇ!

11 ياشلىق قىز ئېلان سۆزىدىكى باراۋەرسىزلىكتىن سىقىلغان ئادىمىيلىكىنى جەمئىيەتكە جاكارلايدۇ، ئىنسانى قەدىر- قىممىتى ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرىدۇ! ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى جەمىئەتنىڭ، ھەقىقەتنىڭ  يۈزىنى يەنە بىر قېتىم يورۇتىدۇ!

 

مېگان ۋە ئۇنىڭ ئاتا -ئانىسى

مېگاننىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشىغا قارىسىڭىز، ئاپىسى ئافرىقا پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق، دادىسى گوللاندىيەلىك، ئۇمۇ ھەم بىر قېتىم ئاجراشقان ئايال! دۇنيادىكى كىشىلەر قانداق مىش – مىش پاراڭلاردا بولسۇن ئۇ شاھزادە ھاررى مەلىكىلىككە قوبۇل كۆرۈشتىن بۇرۇنلا ئۆزىنى «مەلىكە» بولۇشقا لايىق دەپ قارىيالىغان! باشقىلار ئۇنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشىنى تەھلىل قىلىۋاتقاندا، ئۇ ئۆزىنى ناھايتى قىممەتلىك، شاھزادە ھاررىيدىن قېلىشقۇسىز ئىنسانى قىممەتكە ئىگە دەپ تونۇپ بولغان.

شۇنداق! مېگان پۈتۈن دۇنياغا يالغۇز ئاياللار باراۋەرلىكىنىلا ئەمەس، دۆلەت، ئېرق، مىللەت ھالقىغان ئىنسانى باراۋەرلىكنى، ئىنساننىڭ  تەڭرى بەرگەن ئەسلى كىملىكى سەۋەبىدىن كەمسىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى، يارالمىشتىكى ئىنسانى قىممىتى بىلەن ھۆرمەتكە لايىق ئىكەنلىكىنى  يەنە بىر رەت ئەسكەرتتى!

 

***********************************

رەيھان ئابلەت

2018.10.27

تارقىتىڭ...
  1. رەھمەت رەيھان،،مىگاننىڭ بۇنداق بىر تارىخى بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن… 11ياش ۋاقتىدا بۇنى بايقىيالىشى ھەم ھەممىدىن بەك،دادىسىنىڭ ئۇنى رىغبەتلەندۈرىشى ھۆرمىتىمنى قوزغىدى. مىنىڭمۇ 11ياشلىق قىزىم،بار، ئۆزۈمدىن سوراب باقتىم. قىزىم مۇشۇنداق،بىر ئەھۋالغا ئۇچرىغان بولسا مەن نىمە دەر بولغىيتىم ؟؟؟

    • بەلكىم ، كۆپىنچىلىرىمىز بەك ئىرەنشىمىگەن ۋە ياكى بۇ ئىشلار بۇرۇندىن تارتىپ مۇشۇنداق بوپكەلگەن ، سەن بىلەن مەن ئۆزگەرتەلمەيمىز دەپلا تۈگىتىشىمىز مۇمكىن ئىدى.
      يېقىندىن بېرى تېخىمۇ ئويلايدىغان بوپقالدىم ، كىيىنكىلەر ئىنساندەك ياشىسۇن دىسەك بالىلىرىمىزنى ئاتا – ئانىلىرىمىز بىزنى تەربىيلىگەن ئۇسۇلدىن باشقىچىرەك تەربىيەلەشكە تىرىشمىساق بولمايدىكەن .

  2. ھەقىقەتەن تەسىرلىك ئىكەن، رەھمەت سىزگە.

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

دۇنياغا

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى