ئەجىبا، بۇ قىلمىشىڭىزمۇ بالىڭىزنى خورلىغانلىقمۇ؟

2,738 قېتىم ئوقۇلدى

بالىنى خورلاش دىگىنىمىز يالغۇز ئۇرۇش، يارىلاندۇرۇش، جىنسى جەھەتتىن خورلاش، يەنى جىسمانى جەھەتتىكى خورلاشنىلا كۆرسەتمەستىن تىللاش، سۆز ئارقىلىقمۇ يەتكۈزگەن روھى جەھەتتىكى ئازارنىڭمۇ خورلاش قاتارىغا كىرىدىغانلىقىنى كۆپ ئاتا – ئانىلار بىلمىسە كېرەك.

بالىلارنىڭ ساغلام، بەخىتلىك ئۆسۈپ – يېتىلىشى ئۈچۈن تۇرالغۇ جاي، يىمەك – ئىچمەك، مائارىپ دىگەنلەرنىڭ تەل بولىشىلا كۇپايە قىلمايدۇ. بۇ پەقەت كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ئەڭ تۆۋەن كاپالىتى ھېسابلىنىدۇ، بالىلارنىڭ ساغلام ۋە بەخىتلىك ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن يەنە «قەلىبنى تەربىيلەش» زۆرۈر.

جەمئىيىتىمىزدە بالىلارنى خورلاشتىن ئىبارەت بۇ رىئاللىقنىڭ مەۋجۇتلىقىغا كۆز يۇمالمايمىز،  ناۋادا بالىڭىزغا تۆۋەندىكىدەك ئىشلارنى قىلىۋاتقان ئاتا – ئانا بولسىڭىز، بۇ خەتەرلىك ھەركىتىڭىزنى دەرھال توختىتىڭ.

بۈگۈنكى مەزمۇندا بالىلارنى خورلاشنىڭ تۈرلىرى، سەۋەبى، بالىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى تونۇشتۇرىمىز.

 

Corazon de Nino – Child`s heart

 

بالىلارنى خورلاشنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە:

جىسمانى جەھەتتىن خورلاش

بۇ خىل خورلاش كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، بالىنى ئۇرۇش، تېپىش، يارىلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر خورلاش ئۇسۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا بالىلىرىنى خورلىغۇچىلار ھاراقكەش، چىكىمكەش، ئىقتىسادى ۋە ياكى روھى جەھەتتە توسالغۇغا ئۇچىرىغانلار بولىشى مۇمكىن. بالىلىق مەزگىلدىكى بۇ خىل جىسمانى خورلاشتىن قالغان قەلب يارىسى چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ يوقالمايدۇ!

روھى جەھەتتىن خورلاش

بۇ خىل خورلاشمۇ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان خورلاشنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇلار بالىنىڭ ئاتا – ئانىسى، بوۋا – مومىلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئارلىشىدىغان ئەتراپدىكىلىرى بولىدۇ. بۇ خىل خورلاشنىڭ ئىپادىسى شۇكى: تىللاش، قورقۇتۇش، مازاق قىلىش، بالىنىڭ كەمچىللىكلىرىنى تىلغا ئېلىپ كەمسىتىدىغان، ئەيىپلەيدىغان سۆزلەرنى قىلىش، پۇشايمان قىلدۇرىدىغان سۆزلەر، كاللىسىنى بۇرمىلاش قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇلدا بالىنىڭ تۇيغۇلىرىنى، قەلبىنى يارىلاندۇرىدۇ.

جىنسى جەھەتتىكى خورلاش

بۇ جەھەتتىكى خورلاش ئالدىنقى مەزمۇندا تىلغا ئالغىنىدەك ئۆز يېقىنلىرى، ئاتا – ئانىسى، تونۇش – بىلىشلەر… تەرىپىدىن بولىدۇ.

بۇ خىل خورلاشنىڭ روھى جەھەتتىكى زىيىنى بەكلا ئېغىر بولۇپ، روھى كېسەللىك، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش، زەھەرلىك چىكىملىك، ئىچىملىكلەرگە خۇمار بولۇپ قېلىش… قاتارلىق ئاقىۋەتلەرگە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.

بالىنى تاشلىۋېتىش

بۇ خىل خورلاشنىڭ ئىپادىلىرى شۇكى: يىمەك – ئىچمەكتىن قىسىدۇ ياكى بەرمەيدۇ، بالا ئاغرىپ قالسا داۋالاتمايدۇ، بالىنى ئۆيگە ياكى باشقا يەرگە يالغۇز تاشلاپ قويىدۇ، بالىنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغىدۇ.

بۇ خىل خورلاش بالىنىڭ نورمال ئۆسۈپ – يېتىلىشى، سالامەتلىكىگىلا ئەمەس، روھى جەھەتىتىنمۇ ئېغىر تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، خورلاشنىڭ قايسى تۈرى بولسۇن خورلۇققا ئۇچرىغان بالىلار جىسمانى، روھى جەھەتتىن زەخمىگە ئۇچراپلا قالماي، باشقىلار بىلەن ساغلام كىشىلىك مۇناسىۋەتتە بولىشىمۇ قىيىن بولىدۇ.

خورلۇققا ئۇچرايدىغان بالىلاردىكى ئالامەت شۇكى، بۇ خىل بالىلار ئۆزىنى ئەسكى، گۇناھكار دەپ ئويلايدۇ، ئۆزىدىن نۇمۇس قىلىدۇ.

ئۆزىڭىزدىن سەمىمىيلىك بىلەن سوراپ بېقىڭ، سىزنىڭ شۇنداقلا ئاچچىقىڭىزدا دىگەن «ھەجەپ ئۆچ بولدۇم!»، «قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ!»، «سېنى تۇغمىسام بوپتىكەن…» دىگەندەك سۆزلىرىڭىز خورلاشقا كىرەمدىكەن؟  شۇ تاپ سىز ئۆزىڭىزمۇ كەيپىياتنىڭ ئىسكەنجىسىدە بالىڭىزنى بىلىپ – بىلمەي خورلاۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن.

بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن سىزگە “ アタッチメント教育“ دەپ ئاتىلىدىغان پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇلى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. يەنى، بالىلارنى مۇھەببەت بىلەن يېتىلدۈرۈپ تەن جازاسى، زوراۋانلىق قاتارلىق خورلاشتىن ساقىلىنىش ئۇسۇلى.

بۇ يەردىكى مۇھەببەت بىلەن يېتىلدۈرۈش ئۇسۇلى دىگىنىمىز، ھەركۈنكى ئىشلىرىمىزغا دىققەت قىلىپ بالىلارنىڭ ئادىمىيلىكىگە ھۆرمەت قىلغان پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇلى. بۇ – جانلىقلارنىڭ تەرەققىياتى، پىسخولوگىيە، روھى ئانالىزچىلارنىڭ نەزىريەسىنى ئاساس قىلغان ئۇسۇل بولۇپ، بۇ خىل ئادىمىيلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ پەرزەنت يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلى ئەڭ مۇكەممەل بولغان پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇلى دەپمۇ ئېيتىلىدۇ.

كېلەر قېتىم بالىنى مۇھەببەت بىلەن تەربىيەلەش ئۇسۇلى توغۇرلۇق توختىلىمىز.

 

ئاخىرىدا، ھەربىر ئاتا – ئانىغا سەۋرىچانلىق ۋە ھەر بىر كۈنىگە ئاسايشلىق تىلەيمىز ~❤

 

***************************

پايدىلانغان مەنبە: مەن – ئانا تور بېتى (ياپونچە)

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. رەھمەت، ناھايىتى مۇھىم مەزمۇندىن بىرنى يەتكۈزۈپىسز،،، ئەجىرلىك بۇلۇڭ

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ئەجىبا،

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى