بالىلار ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقى: قار ياغقان كۈنىدىكى ئۆيگە قايتىش (ياپونچە-ئۇيغۇرچە)

3,051 قېتىم ئوقۇلدى

بۇ سەھەر يىللار ئىلگىرىكى بالىلىقىمدىكى بىر يېڭى يىل سەھىرىنى تۇيۇقسىز ئەسلەپ قالدىم.

شۇ سەھەر بالىلىق ئەسلىمەمدە كۆپرەك سالماقنى ئىگەللەيدىغان چوڭ ئاپاملارنىڭ ئۆيىدە قونغانىدۇق. كىچىك ئاكام ئورنىدىن تۇرۇپلا «مەن بىر يىل ھىچنىمە يىمەي قورسقۇم ئېچىپ كەتتى!» دىگىنىدە بۇ گەپنى تازا چۈشىنەلمىسەممۇ ئاچام، ئاكاملارغا قېتىلىپ مەنمۇ بەكلا كۈلگەنىدۇق. ئۇ چاغلاردا چوڭ داداممۇ ھايات، قېرىنداشلىرىم ھەممىمىز بىر يەردە ئىدۇق…

بۇ ھىكايىنى ئاڭلاۋېتىپ شۇنى ئويلاپ قالدىم، بالىلىقىڭىزدا ئۆيدىن يامانلاپ باققان تارىخىڭىز بارمۇ؟

مېنىڭ بار دەيمەن!🙋  ئۆيدىن يامانلاپ ماڭغانلىرىمدا بىچارە چوڭ ئاپامنىڭ ئارقامدىن كەلگەنلىرى، يامانلاپ تاماق يېگىلى ئۇنىمىسام ئانامنىڭ تاماققا زورلىغانلىرى ئېسىمگە كەپ «ھەجەپ ئەسكىكەنمەن! يەنە بىر تۇغۇلغان بولسام…» دەپمۇ قالدىم···😥

ۋادەرخ! يەنە شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ تەبىئەت مەن ياخشى كۆرىدىغان شادلىق قار گۈللىرىنى ياغدۇرغان بىركۈنىدە ئۆيگە قايتىشنى، ئانامنى چىڭ قۇچاقلاپ «سېنى بەك، بەك ياخشى  كۆرىمەن ئانا!» دېيىشنى، ھىجراندىكى بارچە ئانىلارنىڭ سېغىنغان يۈرەك پارىلىرىنى باغرىغا بېسىپ يۈرىكىدىن كۈلگەن،  ئانىلار يۈرىكىدىن كۈلگەن،  قېرىنداشلار قۇچاقلاشقان  دەملەرنى روھىمنىڭ باھارى ھەم يېڭى يىللىق ئەڭ چوڭ تىلىكىم دەپ بىلىمەن ھەم يەنە روھىمىزنىڭ شۇ باھارىنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن چىللايمەن!💚

ئەمدى دىققىتىڭلار ياپونىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئاكا – ئۇكا زۇليار بىلەن ئەنقەرنىڭ تۆۋەندىكى ھىكايىسىدە بولسۇن~

زۇليار & ئەنقەر

قار ياغقان كۈندىكى ئۆيگە قايتىش

رەسسامى ۋە ئاپتۇرى: مارۇياما ئاياكو

تەرجىمىدە: زۇليار خەلمەت

مىكروفۇن ئالدىدا:

زۇليار خەلمەت – ياپونچە

ئەنقەر خەلمەت – ئۇيغۇرچە

 

 

يېقىندىن بېرى مانانىڭ ئاپىسى سىڭلىسىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. مانا قىز بۈگۈنمۇ ئاپىسىغا «رەسىملىك كىتاپ ئوقۇپ بىرىڭە» دىگەنىدى، ئاپىسى «بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭ، ھازىر قولۇم بوش ئەمەس» دىدى. مانا قىز ئامالسىز قەغەز قاتلاپ ئويناشقا باشلىدى.

مانا بىردەم دىققەت قىلمىغان ئىدى، سىڭلىسى مانانىڭ قەغەزلىرىنى پۈرلەپ تاشلىدى. «ھەي بۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ!» دىگىنىچە ئالدىراپ كېلىپلا قەغەزلەرنى تارتىۋالغان ئىدى، سىڭلىسى يۈزلىرى قىزارغىنىچە يىغلاپ كەتتى. بۇ چاغدا ئاپىسى يىغلاۋاتقان سىڭلىسىنىڭ دۈمبىسىنى سىلاپ پەپىلىگەچ مانا قىزغا «سىز چوڭ بولغاندىن كېيىن، سىڭلىڭىزغا سىلىقىراق مۇئامىلە قىلسىڭىز بولمامدۇ،-ھە؟!» دەپ دوق قىلدى.

مانا قىز چىرايىنى ئۆزگەرتكىنىچە ئاغزىنى ئۈمچەيتتى، «ئاپام داۋاملىق سىڭلىمغىلا ۋاي دەيدۇ، خەپ! ئۆيدىن چىقىپ كەتمىسەم!»

مانا قىز ئاشخانا  ئۆيدىكى ئاپىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ «ئاپا قەغەز بېرىڭە؟» دەپ سورىدى، ئاندىن ئاپىسىغا كۆرسەتمەي «ئاپا، ئۆيدىن چىقىپ كېتىمەن، خەير- خوش!» دەپ خەت يازدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئامراق سومكىىسىنى تەييار قىلدى ھەم ئىچىگە قونچىقىنى، رەسىملىك كىتاپ، پارقىراق چاپلىما قەغەز، پۇراقلىق قول قەغىزى قاتارلىق مۇھىم نەرسىلىرىنى، يەنە ھەم ئازراق ئۇششاق يىمەكلىكلىرىنىمۇ سېلىۋالدى·

چاپىنى ۋە پايپىقىنى كەيدى، مامۇق پەلىيى بىلەن ئىسسىق بۆكىنى كېيىشنىمۇ ئۇنۇتمىدى، ئوكې، تەييارلىق پۈتتى!

سىرتتا لەپ-لەپ قار يېغىۋاتاتتى. مانا قىز يازغان خېتىنى دېرىزىگە چاپلىدى. ئۇ كارىدوردا ئايىغىنى كىيىۋېتىپ «ئاپا، سىرتقا قاراڭە، قار يېغىۋېتىپتۇ!» دەپ ۋارقىرىدى.

سىرتنى خېلى قېلىن قار قاپلىغان ئىدى.

غاچ، غاچ، غاچ…

قار ئۈستىدە مانا قىزنىڭ ئاياغ ئىزلىرى قالدى. «ئاپام خېتىمنى ئوقۇغانمىدۇ،-ھە؟!»

مانا قىز ھويلىنىڭ ئاشخانا ئۆي كۆرىنىپ تۇرىدىغان «مەن ئوننى ساناپ ماڭغۇچە، ئاپاممۇ بۇ تەرەپكە قاراپ كېلىپ قالارمىكىن» دەپ ئويلىدى. بىر، ئىككى، ئۈچ. مانا قىز تۆت، بەش ، ئالتە، يەتتە، سەككىز، توققۇز، ئون دەپ سانىغاچ ئاستا ماڭدى. ئاپىسى تېخى كەلمىگەن ئىدى.

بۇ قېتىم مانا قىز بايامقىدىنمۇ ئاستا ماڭدى. بىر، ئىككى، ئۈچ،  تۆت، بەش، ئالتە، يەتتە، سەككىز، توققۇز،  ئون
ئاپىسى تېخى كەلمىگەن ئىدى، مانا تېخىمۇ ئاستا مېڭىشقا باشلىدى.
بىر… ئىككى… ئۈچ… تۆت… بەش… ئالتە… يەتتە… سەككىز… توققۇز… ئون… مانا توختاپ قالاي دىگۈدەك مېڭىپ، ھويلىنىڭ چېتىگە كېلىپ قالدى.

«ئاپام نىمە قىلۋاتقاندۇ؟ سىڭلىمنى ئوينىتۋاتقانمىدۇ،-يە؟» دىگەنلەرنى ئويلىدى، ئۇنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچى توڭلاپ ئاغىرىشقا باشلىدى.

دەل شۇ چاغدا ياندىكى خوشنىلارنىڭ ئۆيىدىن: «ئاپا، قاراڭە! ماۋۇ كۈلۈپ تۇرغان قار ئادەمگە!» دىگەن كىچىك بالىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى·

 -نىمانداق پەيزى! مەنمۇ قار ئادەم ياسايچۇ ؟!
مانا قىز قولى بىلەن قارلارنى يىغىپ، پوملاشقا باشلىدى. قارلارنى پوملاپ، پوملاپ يۇملاق قار پومزىكى ياساۋاتقىنىدا كەينى تەرەپتىن ئاۋاز ئاڭلاندى·

-مانا قىز، تاماق پىشتى.
مانا قايرىلىپ قارىغان ئىدى، يېنىدا ئاپىسى تۇراتتى .
مانا پوملىغان قارنى قولىدا چىڭ سىقىمدىغىنىچە ئاپىسىغا ».
-بۈگۈن سىز ئامراق تاماقنى قىلدىم قىزىم.
مانانىڭ قورسىقى كوكراشقا باشلىدى.

-سىڭلىمغا بەك ئامراققۇ سىز؟! ئامراق ئادىمىڭىز بىلەن يەڭ!
مانا قىيدىغىنىچە ئىككى تال يۇملاق قار پومزىكىنى بىرلەشتۈردى…

-قىزىم، خاپا بولماڭ،-ھە؟ خېتىڭىزنى ئوقۇدۇم قىزىم، مېنىڭمۇ سىزگە بېرىدىغان نەرسەم بار

ئاپىسى شۇنداق دىگەچ  پەرتۇقىنىڭ يانچۇقىدىن قەغەزدە ياسالغان تۆت تال يۈرەكنى چىقىرىپ، مانانىڭ ئالقىنىغا تىزىپ تۇرۇپ: «ئاپىڭىزدىن سىزگە سوۋغات، يۈرەك توپلىمىسى» دىدى.

ئاندىن ئاپىسى خەت ئوقۇغان قىياپەتتە ئىككى قولىنى ئېچىپ تۇرۇپ مۇنداق دىدى:

-ئاپىڭىز سىزگە بەك ئامراق قىزىم، سىز دىگەن مېنىڭ تۇنجى بالام، ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىم سىز! ئۆيگە قايتايلى،-ھە قىزىم؟

مانامۇ يۈگۈرۈپ كېلىپ ئاپىسىنى قۇچاقلىغىنىچە: «ئاپا، سىزمۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك، مەنمۇ سىزگە بەك ئامراق!» دىدى .
ئاپىسىمۇ مانانى قۇچاقلاپ تۇرۇپ: «مەنمۇ سىزگە بەك ئامراق!» دىدى .

-ئۇنداق بولسا ئۆيگە قايتىپ تاماق يەيلىمۇ قىزىم؟

_ماقۇل ئاپا!
مانا قىزئاپىسىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتقىنىچە ئاپىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆيگە قايتتى .

ھىكايە تامام!

رەھمەت سىلەرگە يىگىتلەر~✨❤

 

شۇنداق قىلىپ بىر يىل بالىلار ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ ھەمكارلىقىدا بالىلار ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقىمىزنى غەلبىلىك تاماملىدۇق.  قارىماققا ئاددى بىلىنىدىغان ئۇشبۇ ئوقۇشلۇقلارنىڭ خېلى كۆپ ئەجىرلەر بىلەن ھازىرقى خېلى سۈپەتلىك ھالغا يەتكۈزۈشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ئاۋازلىق ئەسەر ئەۋەتىپ باققان ئاتا ـ ئانىلار تېخىمۇ بىلىپ يەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا تېخنىكىلىق ياردەمدە بولغانلارغىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن. 2018-يىللىق بارچە بالىلار ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقى مۇشۇنىڭ بىلەن تامام!

(😉ئەسەرنىڭ تەھلىلى ئوقۇرمەنلەرگە يېڭى يىللىق تاپشۇرۇق بولسۇن~)

 

تارقىتىڭ...
  1. سالام قەدىرلىكلەر ~
    بىر يىلدىن بېرى يازمىلار ئىچىدە ھەممىدىن قول تۇتقان، ۋاقىت ۋە زىھنىمنى سەرىپ قىلغىنىم ھەم بەكرەك خۇشاللىق تاپقىنىم بالىلار ئەسىرى بوپتۇ !
    ئەمدى بۇندىن كېيىن ھەر ئايدا بالىلار ئەسىرى ئېلان قىلىنىش توختايدۇ·
    ئاخىرقى قېتىملىق بۇ تاتلىق ھىكايىنىڭ تەھلىلىنى بالىلارغا ۋە ئوقۇرمەنلەرگە قالدۇردۇم! بالىلار ئۆزىنىڭ يارىلانمىغان قەلبى، ساپ تەپەككۇرى بويىچە تەھلىل قىلىپ باقسۇن ~
    چوڭلارمۇ بالىلىقىنى ئەسلىگەچ ھەم ئاتا -ئانىلىق نوقتىدىن تەھلىل قىلىپ باقسۇن ~
    شەخسەن مەن بەزىدە بەك توم -توم كىتابلاردىن ئالالمىغان روھى ئوزۇقنى مانا مۇشۇنداق بالىلار ھىكايىلىرىدىن ئەپقالىدىغانلاردىن ~
    ئاخىرىدا بىلوگىمنىڭ بارچە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ يېڭى بىر يىلىنى قۇتلۇقلايمەن ~❤️

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىلار

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى