بالىنى ماھىرلىق بىلەن ئەدەبلەش ئۇسۇلى

3,752 قېتىم ئوقۇلدى

تېخى بايىلا سودا سارىيىدا قارىماققا 40 دىن ھالقىغان بىر ياپونلۇق دادىنىڭ ئىككى ياشلار چامىسىدىكى ئوغۇلنىڭ گېلىنى بوغىۋاتقانلىقىنى، كاسىسىغا ئۇرغانلىقىنى كۆرۈپ كۆزلىرىمنى چەكچەيتىپ تۇرۇپلا قالدىم، يېنىغا بارغۇم، بالىنى قولىدىن تارتىۋالغۇم كەلدى….لېكىن قىلالمىدىم. ئېيتىڭە، دادا نېمىنى خاتا قىلدى؟ ئەجىبا، بىر ~ئىككى ياشلىق بالىلاردا ئۆزىنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسى، غورۇر بولمامدۇ؟

دۇنيادا بىرمۇ خاپا قىلمايدىغان، چارچاتمايدىغان، خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان بالا بولمايدۇ، بىراق، بەزى بالىلار خاتالىقى سەۋەبلىك تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ، دۇنيانى مۇھەببەتلىك قەلبىدە تونۇيدۇ، يارالمىشىدىلا ۋۇجۇدىغا كۆمۈلگەن تالانت ۋە ياخشىلىقلارنى قېدىرىپ چىقىرىش پۇرسىتىگە ئېگە بولالايدۇ. ھالبۇكى، بەزى بالىلارغا بۇ خىل تەلەي نېسىپ بولمايدۇ. ئۇنداقتا، بالىنىڭ خاتالىقىنى قانداق تەنقىد قىلىش كېرەك؟ بۈگۈن ھەر بىرىمىز ئويلىنىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان بالىنى تەنقىدلەش ئۇسۇلى ھەققىدە توختىلىمىز.

Carring me – castle in the sky

 

بالىنى ماھىرلىق بىلەن ئەدەبلەش ئۇسۇلى

(1)

بالىنىڭ كىشىلىك خاراكتىرىنى، مەۋجۇتلىقىنى ئەمەس، ھەركىتىنى ئەيىپلەش كېرەك.

(2)

تەمكىنلىك بىلەن بېرىلگەن تەنبىھنى بالا يۈرەكتىن قوبۇل قىلىدۇ!

(3)

يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ – جارقىراش، تىللاشنى توختىتىڭ.

(4)

ئەيىپلىنىپ چوڭ بولغان بالا قورقۇنچاق بولۇپ يېتىلىدۇ.
ماختاش ئىچىدە چوڭ بولغان بالا ئاكىتىپ، ھاياتى كۈچكە تولۇپ چوڭ بولىدۇ.

(5)

ئاچچىقلاپلا قويسا بولمايدۇ.نېمىشقا بالىنىڭ قىلغىنىنىڭ خاتالىقىنى، نېمە ئۈچۈن ئاچچىقلاش سەۋەبىنى بالا بىلسۇن!

(6)

نېمە ئۈچۈن؟ دىگەن بۇ سۆز سېھر-كۈچكە ئىگە!
سۇئال سوراشنى بىلىدىغان بالىنىڭ يېتلىشىمۇ تېز بولىدۇ.

(7)

بالىڭىزنى داۋاملىق دۆت دەۋەرسىڭىز ھەقىقەتەنمۇ بىر دۆتكە ئايلىنىدۇ.

(8)

بالىڭىزنىڭ ئىسمىنى كۆپرەك چاقىرىپ بېرىڭ.
تۈز – ئېنىق ئېيتقان سۆزىڭىزنى بالىنىڭ چۈشىنىشى تىزراق بولىدۇ.

(9)

بىرلا قېتىمدا نەچچە ئىشنى بىراقلا بۇيرىسىڭىز، بىر ئىشنىمۇ ئەستە تۇتالمايدۇ.

(10)

بالىنى قىلغان ئىشىنىڭ خاتالىقىنى تونۇتۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى قاتتىق تەنبىھ بولماستىن، ئۇزۇنراق قېلىنغان سۈكۈتتۇر.

(11)

بالىغا كۆپنىڭ ئالدىدا تەنبىھ بەرمەسلىك كېرەك.

(12)

بالىغا سۆز قىلغاندا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ئوخشاش تەڭپۇڭلۇقتا كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ دىگەن سۆزىڭىزنىڭ ئۈنۈمى كۈچلۈك بولىدۇ!

(13)

بالىنىڭ ھەركىتىگە چەك قويغاندىن كۆرە، ھەركىتىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا سۆز قېلىڭ.

(14)

كىچىككىنە ئەسكەرتىش بولسا، بىر مىنۇتلۇق تۈزۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

(15)

”بولمايدۇ!“ دېگەندىن كۆرە “ بۇنداق قىلساڭ مۇنداق يامان ئىش بولىدۇ“ دىگەن تۈزۈك.

(16)

غەزەبلەنگەندە تەنبىھ بەرمەسلىك كېرەك.

(17)

مەيلى قانچىلىك قالتىس تەربىيە بولىشىدىن قەتئىنينەزەر تەن جازاسى بېرىشنى توختىتىڭ.

(18)

بالىڭىز تەنقىدلىگەن قىلىقىنى ئۆزگەرتكەن بولسا يۈرىكىڭىزدىن راسا ماختاڭ.

(19)

بالىڭىزنى تەنقىدلەشتىن بۇرۇن بالىنىڭ تۇيغۇلىرىغا ئورتاقلىشىڭ.

(20)

خاتالىق ئۆتكۈزگەندە كەچۈرۈم سوراش كېرەكلىكىنى ئالدى بىلەن ئاتا – ئانا بولغۇچى ئۈلگە بولۇپ كۆرسىتىڭ.

(21)

بالىڭىزنى تەنقىدلەپ بولغاندىن كېيىن، ھەرۋاقىتتىكىدىن كۆپرەك پاراڭلىشىپ بېرىڭ.

(22)

ئاپا بىلەن دادا بىراقلا  تەنقىدلىگەندە، بالا ئۆزىنى قاچۇرغىدەك بىرەر يەر تاپالمايدۇ، بالىغا كېلىدىغان زەربە ئېغىرلاپ كېتىدۇ.

بالىنى تەنقىدلەش قانداقتۇر بالىنى ئەيىپلەپ ئازابلاش ئەمەس، بەلكى، ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى بىردىن بىردىن ئۆگىتىپ چىقىش يولى. بالىنى تەنقىدلىگەندە بالىنىڭ ئەسلىدىكى ئىنسانى ئىززەت – نەپسىگە تەگمەستىن، بالىنىڭ ئۆزىنى قەدىرلەش تۇيغۇسىنى چۈشۈرىۋەتمەستىن تەنقىدلەش زۆرۈر. ھالبۇكى، بالىلارنىڭ بەزىدىكى ئەقىلگە سىغدۇرغۇسىز قەغىشلىكى، كىتابتىكى نەزىرىيەلەرگە چۈشمەيدىغان مەسىللىرى ئالدىدا مانا مۇشۇنداق تەنقىدلەشكە ماھىر ئاتا-ئانا بولۇشمۇ ئاسان ئەمەس،ئەلۋەتتە!بالا – بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغىندا ئاتا – ئانا بولغۇچىمۇ ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئاپىرىدە بولىدۇ، بالىسى بىلەن تەڭ ئۆسۈپ – يېتىلىدۇ، بالىنىڭ ساپ دۇنياسىدا ئادىمىيلىكنىڭ كىرلىرىنى تازىلايدۇ.ھەر كۈنى بالىسى بىلەن يېڭى بىر مەسىلىگە يولۇققىنىدا يېڭى بىر ئەقىلگە ئېرىشىدۇ، جۈملىدىن، ئاتا-ئانىلىقنىمۇ ئۆگىنىپ ماڭىدۇ.

 

**********************

ئەقلىيە سۆزلەر ياپونچە ”قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان سۆزلەر“ تور بېتىدىن تەرجىمە قىلىنىغان.

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

2019.09.01

تارقىتىڭ...
  1. مەن ئۆزۈم بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ،مەن ھازىر بىر ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن ،كەسپىمت كومپيۇتېر ،بۈگۈن مۇنداقلا bingدىن ئىزدىسەم سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى ئۇچۇرۇپ قالدىم ،ھازىرمۇ ئۇيغۇرچە بىلوگ باركەن دەپ ھەيرانلىقتا ئاچسام سىز توكيودىكەنسىز ،ھەمدە داۋاملىق ئۇيغۇرچە تىملارنى يوللاپ تۇردىكەنسىز ،سىز ئىشلىرىڭىزنىڭ كوڭلىڭىزدىكدەك بولشىنى ئۈمۈد قىلمەن

    • ياخشمۇ سز رەيھان . سزنىڭ گۈزەل يازمللىرڭىزنى بەك ياقتۇردۇم. بۇنڭدىن كينمۇ بۇ يازمللىرڭىزدىن داۋاملىق ھۇزۇر ئېلىشنى ياخشى كۈرىمەن. يازمللىرڭىزنىڭ تېخمۇ كوپ بۇلشنى ،ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلشنى، ھاياتڭىزنىڭ تېخمۇ مەنىلىك ئۈتۈشنى تىلەيمەن. گۈزەل تىلەكلەر سزبىلەن بىرگە بولسۇن

  2. بىلوگىمغا خۇش كەلدىڭىز ~✨
    ئادەتتە باشقا يەرلەردە دىيەلمىگەن گەپلىرىمنى مۇشۇ بىلوگىمغا ئانچە -مۇنچە دەۋالىمەن خۇددى يېقىن سىردىشىمدەك (^。^)
    رەھمەت، سىزنىڭمۇ ھەم ئوقۇش ۋە تۇرمۇشىڭىز مەنىلىك بولسۇن ~❤️

    • سىزگە ھەم سالاملىرىم بولسۇن ~
      ھەر قېتىم ئوقۇرمەن دوستلىرىمدىن مۇشۇنداق گۈزەل تىلەكلەرنى تاپشۇرىۋالغىنىمدا شۇنداق خۇش بولىمەن ھەم غايىبانە گۈزەل تىلەكلەردە بولىمەن. . .
      دادام داۋاملىق دەيدىغان ”بۇ روھلار ئالىمى ”دەپ .
      بىر -بىرلىرىمىزگە گۈزەل تىلەكلەر بىلەن بولسىمۇ مەدەت بولۇش نەقەدەر كۈچ، رەھمەت سىزگە ~☕️❤️

  3. سالام ، سۈيۈملۈك رەيھان! ئۆزىڭىزنى شۇنداق بىر چىرايلىق ، ماس كەلگەن ئىسىم قويۇلۇپتىكى ، ئەتراپىڭىزغا خۇشپۇراقلارنى تارقىتىۋاتىسىز ، ھەر بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ئالاھدىلىكىنى بايقاپ ، خۇشپۇراقلارنى چاچسا ، بۇ مۇھىتىتىن كىشىنىڭ ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ… دېمەككى ، سىز ، سىزگە ئوخشاش خۇشپۇراق تارقاتقۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى تىلەكلەرنى غايىبانە تىلەيمەن❣️❣️❣️

  4. سىزگە ھەم سالاملىرىم بولسۇن ~❤️
    رۇمىنىڭ سۆزى بويىچەائەسلىدىلا قەلبىڭىزدە گۈزەللىك بولغاچ ئاددىغىنە يازمىلىرىمدىن گۈزەللىك تاپالاپىسىز ،·
    رەھمەت، شۇ گۈزەل غايىبانە تىلەكلەر سىزگە ھەم ئارتۇقى بىلەن بولسۇن ~✨❤️

  5. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋاقىت چىقىرىپ مۇشۇنداق ياخشى مەزمۇنلار بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىڭىز ئۈچۈن رەھمەت

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىنى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى