ياپون پەرزەنت تەربىيەسى: بەخىتلىك ئىنساننى يېتىشتۈرۈشتە ھەممىدىن مۇھىمى(1)

2,148 قېتىم ئوقۇلدى

مەيلى قانچىلىك ئۆگىنىپ كەتكەن بولۇڭ، قانچىلىك پۇلدار بولۇپ كېتىڭ، ۋە ياكى قانچىلىك ئېسىل شىركەتلەردە خىزمەت قىلىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر، سىزدە  ئۆز ئىنسان قىممىتىڭىزگە  بولغان ئىشەنچىڭىز  تۆۋەن بولىدىكەن، سىز بەرىبىر تۇرمۇشىڭىزدا ھەقىقى خۇشاللىققا ئېرىشەلمەيسىز .پۇلدارلاردىن بولمىسىمۇ، يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بولمىسىمۇ، ئۆزىنى قىممەتلىك ئىنسان دەپ قارايدىغان كىشىلەر يەنىلا بەخىتلىك ياشىيالايدۇ، ھاياتىدا ھەقىقى خۇشاللىقنىڭ تەمىنى تېتىيالايدۇ.

ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئۆزىنى ھەم ئۆزگىلەرنى بەخىتلىك قىلالايدىغان بەخىتلىك ئىنساننى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت.
ئۇنداقتا، بۇنداق بەخىتلىك ئىنساننى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ھەممىدىن موھىمى نېمە؟

بۈگۈنكى ئۇشبۇ تېمىنى ئاتا-ئانىلارنىڭ، كەلگۈسىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بولمىش قىز-يىگىىتلەرنىڭ ئويلىنىشىغا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.

魔女の宅急便-めぐる季節

 

(1)

بالىنى بەخىتلىك بىر ئىنسان قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىمى- ئادەم بەك پۇلدارلاردىن بولۇپ كېتەلمىسىمۇ ۋە ياكى بەك يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بولمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭدا ئىنسانى قەدىر – قىممەت تۇيغۇسى بولىدىكەن، ھاياتىدا بەخىتنىڭ تەمىنى تېتىپ ياشىيالايدۇ.

ئىنسان ياشاش جەريانىدا ھەممىدىن مۇھىمى شۇكى، ئۆزىنىڭ ئىنسانى قەدىر – قىممىتىنى بىلىش ھەم مۇئەييەنلەشتۈرۈشتۇر.

يەنى، ئىنسانى قەدىر – قىممەت دىگىنىمىز – «مەن مەۋجۇت بولمىسام بولمايدىغان مۇھىم ئادەم!»، «مېنىڭ ياشاش قىممىتىم بار!»، «مەن بۇ دۇنياغا كېرەكلىك!» دەپ قارىيالايدىغان بولۇش، ئۆزىنىڭ يەر يۈزىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئىنسان ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش دىمەكلىكتۇر.

مەيلى قانچىلىك ئۆگىنىپ كەتكەن بولۇڭ، پۇلدارلاردىن بولۇپ كېتىڭ ۋە ياكى قانچىلىك ئېسىل شىركەتلەردە خىزمەت قىلىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر سىزدە ئۆز ئىنسانى قىممىتىڭىزگە بولغان ئىشەنچ تۆۋەن بولىدىكەن، سىز بەرىبىر تۇرمۇشىڭىزدا ھەقىقى خۇشاللىققا ئېرىشەلمەيسىز.

پۇلدارلاردىن بولمىسىمۇ، يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بولمىسىمۇ، ئۆزىنى قىممەتلىك ئىنسان دەپ قارايدىغان ئىنسانى قەدىر –قىممەت تۇيغۇسى يۇقىرى كىشىلەر يەنىلا بەخىتلىك ياشىيالايدۇ.

قسىقىسى، مەيلى بالىلار، چوڭلار ۋە ياكى ياشانغانلار بولسۇن ھەر بىر ئادەمنىڭ بىردىنبىر تەلىپى ۋە ئىھتىياجى – ئىنسانى قەدىر – قىممەت!

 

مانا مۇشۇنداق ھەممىدىن مۇھىم بولغان ئىنسانى قەدىر- قىممەت تۇيغۇسىنىڭ ھازىرقى ياپۇن بالىلىرىدا يۇقىرى بولماسلىقى ھەر خىل سىتاستىكىلاردا ئېنىقلانماقتا.

تۆۋەندىكى سىتاستىكا نەتىجىسىگە قاراپ باقايلى.

ئۆزىڭىزنى كېرەكسىز ئادەم دەپ قارامسىز؟» دىگەن سۇئالغا «شۇنداق» دەپ جاۋاپ بەرگەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچلىرىنىڭ ئىچىدە جۇڭگۇ 11.1%، ئامېرىكا 14.2%، ياپون بالىلىرى 56% بولغان.

ئەلۋەتتە، مىللىي خاراكتىر، مەدەنىيەت پەرىقلىرى مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق، ياپۇن بالىلىرىنىڭ كىشىلىك قەدىر- قىممەت تۇيغۇسى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنىڭ تۆۋەنلىكى ھەقىقەتەن ئېغىر مەسىلە بولغان.( ئۇنداققتا بىزنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىمىزدىچۇ؟)

ئۆزىنى باشقىلارغا، جەمىئەتكە كېرەكسىز، ئەتىۋارسىز بىر ئادەم دەپ قارايدىغان بالىدا قانداقمۇ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى، ئۆزلىكىدىن جەمىئەت تەرتىۋىنى ساقلىيالايدىغان ئىددىيە بولسۇن؟!

«ياشىغىنىمنىڭ ھېچبىر مەناسى ھەم قىممىتى يوق!» دەپ ئويلايدىغان بىر بالىدا قانداقمۇ ئۆز ھاياتىغا مەسئۇل بولۇپ، ئالغا ئىنتىلىدىغان روھ، ھاياتقا بولغان قىزغىنلىق ۋە سۆيگۈ تېپىلسۇن؟!

شۇڭا دەيمەن! ئىنسانى قەدىر – قىممەت بارچىنىڭ يىلتىزى ھەم ئاساسى.

مانا مۇشۇنداق ھاياتىمىزدا تولىمۇ مۇھىم بولغان ئىنسانى قەدىر – قىممەت تۇيغۇسى يەنىلا تالاي كىشىلەرنىڭ پەقەتلا يۈزەكى، بىر تەرەپلىمە چۈشىنىدىغانلىق بىز ئىنكار قىلالمايدىغان رىئاللىق.

تېخى قايسى كۈنكى لىكسىيەمنىڭ ئاخىرىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يەنى، بەزىلەر دىدىكى: «ھازىرقى بالىلاردا تۈرلۈك مەسىللەرنىڭ كۆرۈلۈشى ئاتا – ئانىلارنىڭ، بوۋا – مومىلىرىنىڭ زىيادە ئەتىۋارلاپ، مۇھىم ئورۇنغا قويىۋالغانلىقىدىن ئەمەسمۇ ؟! بىز زىيادە «ۋاي» دەپ بېشىمىزدا كۆتۈرگەچكە ھازىرقى بالىلار ئۆز بىشىمچى، شەخسىيەتچى بولۇپ چوڭ بولىۋاتىدۇ.

مانا مۇشۇنىڭدەك «بىز بالىلارنى بەك ئەتىۋارلىۋەتكەچكە، ئۇلار بارغانسىرى يوغىناپ، ئۆزىدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان، باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇپ كەتتى… «دىگەندەك پىكىردىكلەر ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس.

ئەگەر ھەممە ئادەم يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك بالىلىرىنى ئاشۇنداق ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلىۋاتقان بولسا، تەكشۈرۈش سىتاستىكىسىدىكى بالىلارنىڭ ئۆزىنى قەدىر – قىممەتسىز، كېرەكسىز ئادەم دەپ قارايدىغانلىقىدەك رىئاللىقنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟!

قىسقىسى، ھازىرقى ياپۇن جەمىيىتىدە قانداقلا بولمىسۇن بالىلاردىكى ئىنسانى قەدىر- قىممەت تۇيغۇسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولىۋاتقان ئامىللارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى راست!

 

بالىلاردىكى ئىنسانى قەدىر- قىممەت تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈش–نۆۋەتتىكى مائارىپ، پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى .

كىتاۋىمنىڭ تېمىسىنى «ماختاش ۋە تەنقىد ئۇسۇلى» دەپ قويۇشۇم يەنىلا ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان قەدىر –قىممەت تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، يەنى، ئەگەر بالىڭىزغا ياخشى بولسۇن دەپ ئۇنى تەنقىدلىگەنلىرىڭىز بالىڭىزنىڭ ئىززەت – نەپسىگە، قەدىر – قىممەت تۇيغۇسىغا زەربە بولىدىكەن، سەممىمى تەكلىۋىم شۇكى، ئەڭ ياخشىسى بۇنداق تەنقىدلىرىڭىزنى توختىتىڭ.

بالىلىرىمىزنىڭ قەدىر – قىممەت تۇيغۇسىنى كۆتۈرىدىغان تەنقىدلەش ئۇسۇللىرىمۇ بار !

يەنى، ماختاش ھەم تەنقىدلەش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتكىىمىزدە، بالىلارنىڭ ئىنسانى قەدىر-قىممەت تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈپ، ساغلام ۋە گۈزەل قەلىب يىتىشتۈرگىلى، بالىلارنىڭ خورلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ھەتتا، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش (ياپوندا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش مەسلىسىنىڭ ئېغىرلىقى كۆپچىلىككە ئايان)، ياشانغاندىكى ئونۋىرسال مەسىللەر… قاتارلىقلارنى ھەل قىلالايدۇ.

 

 

 

       *************

مەنبە: «مۇھەببىتىڭىزنى يەتكۈزەلەيدىغان ماختاش ۋە تەنقىدلەش ئۇسۇلى»ناملىق كىتابنىڭ مۇقەددىمىسى

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

 

ئەسكەرتمە: يېقىندا بۇ تەرجىمە كىتابىمنى ئىلكىتاب شەكلىدە تورغا قويۇش مەقسىتىدە قايتا تەھرىرلەۋاتقىىنىم ئۈچۈن مەزمۇنغا ئالدى-ئارقىدىكى چۈشەندۈرۈشتىن باشقا كۆپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىدىم ھەم ياپون بالىلىرى ئۈچۈن يېزىلغان ئۇشبۇ كىتابتىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك نېسىۋىلىرىنى ئالالايدىغانلىقىغا ئىشەندىم.

تارقىتىڭ...
  1. ئۈزەمنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتكەن مەن تېخى يېقىندىلا مىنىڭ مەۋجۇدلۇقۇم ۋە يوقلوقۇم ئۈچۈن قايغۇرۇپ ۋە خۇشاللىنىدىغانلىغىنى يۈرىكىم بىلەن ھىس قىلدىم ،،،ھەر بىرىمىز ئۈزىمىزنى پەدەزلىماي ئۈزىمىزنى تۇنۇپ يېتىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ھىس قىلدىم ،،،،ھىسلىرىمنى قەلەم ئارقىلىق كۆرگەندەك بولدۇم

    • ئۆزىمىزنى تونۇش، ئۆزىمىزنىڭ بۇ دۇنياغا سەۋەبلىك يارىتىلغىنىمىز ئۈچۈن ياشاشقا ھەم ئۆزىمىزگە مۇھەببەت ۋە ئىشەنچ بىلەن قاراشقا ھەقلىقمىز، يازمىنىڭ سىزگە يەنە بىر قېتىم ئئىشەنچ بەرگىنىدىن مەمنۇنمەن ❤️

  2. ھارمىغايسىز گۈزەل رەيھان ،ھەقىقەتەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىمۇ قەدىر قىممەت تۇيغۇسى بىلەن چوڭ بولۇش ھەققى بار ! ۋە تەربىيەنى شۇنداق بىرەلەيدىغدن بولۇش كىرەك. بۇ ئاتا ئانىلىقتىكى بىر ماھارەت .

    • ئاتا -ئانا بولۇشنىڭ قانچىلىك قىيىن ھەم بەدەل بىلەن بولىدىغىنىنى شۇ ئاتا -ئانا ئۆزى بىلىدۇ، بىز بالىلارنىلا ئەمەس ئۆزىمىزنىمۇ تەربىيلەش جەريانىدا يەنە بىر يولدىكى سەپداشلىرىمىز -دوستلىرىمىزنىڭ ئۆز -ئارا ئىلھام ۋە مەدەتلىرىگە مۇھتاجمىز.
      سىزدىن داۋاملىق مەدەت ئەپ كەلدىم، رەھمەت باھارىم، قىلىۋاتقان ئەمگىكىڭىز بىلەن تېخىمۇ بەرىكەتلىك ھەم ئەجىرىلىك بولۇڭ ❤️✨

  3. ئەسسلامۇ ئەليكۇم مۇئەللىم ئاللاھ رازى بوسۇن سىز يوللىغان بۇدەرىسلە ھەممىسى بىز نىڭ شارائتىمىز ھەم بىزدىكى ئللەتلەركەن تۇزۇتىشكە تىگىشلىك ئشلىرىمىز بەك جىقكەن ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن باشقا تىلگىرامما ئادىرىسلىرى يوللانغان دەرىسلىرى بوسا ئايرىم ياخشى بۇلاتتى

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، رەھمەت
      تىلگىرامما ئادىرىسلىرى دىگەننى چۈشىنەلمىدىم. ناۋادا ، دىمەكچى بولغىنىڭىز پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت مەزمۇن بولسا مۇشۇ ئادىرىس ئارقىلىق « پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت يازمىلىرىم»دىن تاپالايسىز.

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى