توكيو خاتىرىلىرى- مىتىرودىكى مۇنداق ۋەقە

1,197 قېتىم ئوقۇلدى

ئۇ ۋەقە بىرەر ئايلار بۇرۇنقى بۈگۈنكىدەك شەنبىدە مىتىرودا يۈز بەرگەن ئىدى. بۈگۈن بۇ بىر ئىستاكان قەھۋەنىڭ ئىلھامىدا تەھرىرلەپ يوللاپ قوياي~☕️

 

Teshima Aoi -明日への手紙

 

شەنبە كۈنى باشقا كۈنلەردىكىدىنمۇ چارچايدىغىنىمنى ئۆزۈم بىلىمەن. كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ شەنبە -يەكشەنبىدىمۇ ئادەملەربىلەن لىق تولىدىغان مىترودا شىنجىيۇكۇغا كەلگەندە ئورۇن تەگكەن بولسا كېرەك، قۇلقىمغا نائۇشنىكنى تېقىۋىلىپ قايسى بىر مۇزىكىنى ئاڭلاۋاتقانىدىم. تۇيۇقسىز بىرىنىڭ ≪Excuses me ≫ دىگەن سۆزى قۇلقىمغا كېرىپ قالدى، مۇزىكىنىڭ ئاۋازىنى پەسرەك قىلىپ دىققەت قىلدىم·
بىلمەيسىلەر بەلكىم، ياپوننىڭ مىتىرولىرى بەك جىمجىت، تېلىفۇنى يۇقىرى ئاۋازدا سايراپ قالسىمۇ غەيرىلىك ھېسابلىنىدىغان ماۋۇجەمىئەتتە مىتىرودىكى يات بىر ئادەمگە ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا ئېغىز ئاچمايدىغانلىقى ئۈچۈن بۇئاۋاز دىققىتىمنى تارتتى.
گەپ قىلغۇچى 50 ياشلاردىن ئاشقان سالاپەتلىك خانىم ئىدى، (مېنى ھەجەپ چوڭلارغا ئورۇن بوشىتىپ بەرمەپتۇ دەپ تىللاپ كەتمەڭلار، ماۋۇ زىمىندا50-60ياشلىقلار تېخى ئوتتۇرا ياش ھەتتا خېلى ياش ھېسابلىندۇ، ئۇلارغا ئورۇن بوشىتىدىغان ئالىيجانابلىقنى قىلغىلى بولمايدۇ 🤭)چىرايى ياپون بولسىمۇ ئىنگىلىز تىلىدا سۆزلەۋاتاتتى، ئىچىمدە چەتئەللەردە ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان ياپونلىقمىكىن دەپ پەرەز قىلدىم.
خانىم : بۇ دىگەن مىتىرو، ئاممىۋى سورۇندا گىرىم قىلسىڭىز بولمايدۇ.
بۇ خانىمنىڭ سۆزلەۋاتقىنى مەندىن بىر رەت نېرىدىكى يىگىرمە نەچچە ياشلاردىكى ياپونلۇق قىزچاق ئىدى.
شۇنداق قىلىپ قىزچاق ”چۈشەندىم“دىگەن قىياپەتتە ئارتۇق گەپ قىلماستىن قولىدىكى گىرىم بۇيۇملىرىنى يۇغۇشتۇردى·

قايسى كۈنكى بىر يازمامدا ئېيتقىنىمدەك يېڭى كەلگىنىمدە ھەيران قالغان ئۈچ ئىشىمنىڭ بىرى دەل مىتىرودا گىرىم قىلىش ئىدى، يېقىنقى يىللاردا ھازىرمۇ بۇ ئىشلار بارمۇ -يوق ئانچە دىققەتمۇ قىلمىغانكەنمەن.
كۆپنىڭ مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلا بولمىسا، يۈزىڭىزنى قارا بوياپ چىقامسىز، چىچىڭىزنىڭ كۆك -يېشىل رەڭدە قىلىۋالامسىز، زىمىستاندا ئاسما مايكا-ساپما كەش كىيەمسىز ھېچكىم بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق توكيودا 10 يىلدىن ئارتۇق ياشىغان ماڭا نېمىشقىدۇر ھېلىقى خانىمنىڭ قىلغىنى چىپىلغاقلىق تۇيۇلمىدى.

مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ياپونغا كەلدىم.
باشلانغۇچنى پۈتتۈرگىچە تىپىك ئۇيغۇر مەھەللىسىدە چوڭ بولدۇم. تىزىمىزدىن ئاشسىمۇ پاقالچاقلىرىمىز ئېچىلىپ قالدىغان يوپكىلارنى كىيىپ چىقساق ئائىلىدىكىلەرلا ئەمەس، مەھەللىدىكى ئاپاشلاردىن تارتىپ نەسىھەت قىلىدىغان موھىت ماڭا يات ئەمەس ئىدى.
توكيونىڭ ئەڭ مودا قىزلىرى بىلەن ئوقۇپ، ساۋاقداشلىرىمنىڭ كالتە ئىشتان-يوپكىلىرى خىيالىمغا كەلمىگەن مەن تېخى نەچچە يىل ئاۋۋاللا بارغىنىمدا يالاڭباش ئۆتۈشتىنمۇ ئەيمىنىدىغان كوچىلاردىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ توكيو- شىبۇيانىڭ قىزلىرىدىن ئېشىپ چۈشكىدەك دەرىجىدىكى ھەدىدىنى بىلمىگەن ≪ مودا ≫
تۇرىقىنى تورلاردا ئۇچىرىتىپ قالسام قانداقتۇر يىڭنە سانجىغان ئاغرىقلاردىن قىچىپ قۇتۇلالمىدىم· بۇمۇ بىزنىڭ تومۇرىمىزنىڭ تۇتاشلىقىدىن بولسا كېرەك.

ئەلۋەتتە، تاشقى دۇنيانىڭ، زاماننىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىماسلىق، بۇ زاماندا ئاماننىسا خېنىم، سەنەمجانلاردەك ياسىنىپ يۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.
لېكىن، زامانغىمۇ لايىق، ئۆزىگە خاسمۇ گۈزەل بولغىلى بولدىغۇ؟!

گېپىمىزگە كەلسەك، مومىلىرىمىز بوۋىلىرىمىزنىڭ، ئۆزىنىڭ ھالال جۈپتىنىڭ ئالدىدىمۇ ئوسما قويۇشتىن خېجىل بولىدىغانلاردىنكەن، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە شۇ ئانىلارنىڭ ئەۋلادلىرى نىكاھىغىمۇ ئۆتمىگەن يىگىتلىرىنىڭ ئالدىدا گىرىم قىلالايدۇ، يامان يېرى بۇنى ئېغىر ئالىدىغان يىگىتلەر، ھېلىقى مىتىرودىكى خانىمدەك كىشىلەر يوق…

يۇقارقى يازمام ۋەز-نەسىھەت ئەمەس، كىچىككىنە ئويلىرىم خالاس.
ھاياسىزلىقنى ≪گۈزەل ≫دەپ مەدىھيلەيدىغان تۆۋەن گۈزەللىك پەرۋانىلىرى كۆپ بولغاچقا، كىشىلىك قارىشى تېخى يېتىلىپ بولالمىغان ئۆسمۈرلەر، ئەمدى ياشلىق باسقۇچىغا قەدەم قويغانلار تىڭىرقاپ قىلىۋاتىدۇ.
بىزنىڭ ھېچكىمدىن تەپتارتماس بوپ كەتكەن ئاتالمىش ≪گۈزەللىك، سۆيگۈ ≫چولپانلىرىغا، ئەسلىدىكى گۈزەللىكنى ≪ئەركىنلىك≫ شۇئارى بىلەن چەيلەپ يايلاۋاتقانلارغا <كەچۈرۈڭ، بۇ يالغۇز سىزنىڭلا يايلىقىڭىز ئەمەس ! >دەيدىغانلار كېرەك ئىدى ئەسلى.

 

دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ ھەر خىل تىلدا، ھەرخىل رەڭ ۋە مەدەنىيەتتە يارىتىلغانلىقىنىڭ ھېكىمىتى بار.
زامان نېمە بولسا بولسۇن، مەيلى دۇنيانىڭ ئەڭ مودا شەھىرىدە ياشايلى ھەركىم ئەسلى يارالمىش ماھىيتى بىلەن گۈزەل.

بۇندىن كېيىن <توكيو خاتىرىلىرى> سەھىپىسى تەسىس قىلىنىپ كۈندىلىك تۇرمۇشۇمدىكى ھەقىقى ۋەقە ۋە تەسىراتلار خاتىرە شەكىلىدە يوللىنىدۇ. ئاز بولسىمۇ دائىم بىلوگىمنى زىيارەت قىلىپ تۇرىۋاتقان دوستلاربىلەن ھەقىقى ۋەقە، ھەقىقى تۇيغۇلاردىمۇ ئورتاقلاشماقچىمەن، ئامان بولۇڭلار~ 💌

*******

2019/10/26    رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. بەك ياقتۇردۇم بەك ئىسىل تىما بوپتۇ كۆڭلۈمدىكىدەكلا يىزىپسىز گۈزەل رەيھان

  2. ئەمىسە پات پات كىرىپ تۇراي

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

توكيو

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى