ئايالنىڭ قانداق بولىشى ئەرگە باغلىق؟

3,473 قېتىم ئوقۇلدى

سەھەردە كىيمىمنى ئالماشتۇرۇپ ئىشىكنى ئاچقىنىمدا يامغۇر يېغىۋاتقانلىقىنى بىلدىم.
شۇنداقتىمۇ ئايلىنىشقا چىقتىم، كېچىدە كۆرگەن چۈشلىرىم ھەم ئويلىرىمنى يېزىپ قويۇشنىمۇ ئويلىدىم.
بەكمۇ كىچىك چاغلىرىمدا چوڭ داداملارنىڭ ھەممىلا ئادەم«روزى مەست» دەپ چاقىرىدىغان خوشنىسى بولىدىغان. بۇ ئادەم داۋاملىق ھاراق ئىچىدىغان بولغاچ، مۇشۇ نام سېڭىپ قالغان ئوخشايدىكەن، مەنمۇ بۈگۈنكى يازمامدا يەنىلا شۇنداق ئاتاشنى لايىق كۆردۈم.

دىمىسىمۇ ئېسىمنى بىلسەم ئۇ ئادەمنى مەست ھالەتتە كۆرەتتىم. بۇ ئائىلىدىن ۋارقىراش-جارقىراشلار،ئۇرۇش-جىدەلنىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئېسىمدە قىلىشىچە، رەھمەتلىك چوڭ دادام بىر قانچە قېتىم ئارىغا چۈشۈپ بۇ ئادەمگە نەسىھەتمۇ قىلغانىدى.
قىسقىسى، روزى مەستنىڭ مەن ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالغان ئايالىنىڭ قارىمۇتۇق چىرايىدىكى بىقۇۋۇللۇق ھەم مەيۈسلۈكنى غۇۋا ئەسلىيەلەيتتىم.
بۇ ئائىلىنىڭ قىزلىرىنىڭ شەخسى تۇرمۇشىنىڭمۇ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى ئاچىلىرىمنىڭ قىلىشقان پاراڭلىرىدىن بىلەتتىم.

قاق سەھەردە ئەزەلدىن ئېسىمگىمۇ كەپ قالمايدىغان، مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز بۇ كىشىلەرنىڭ گېپىنى قىلغىنىمغا، ئەڭ موھىمى ئۇلارنى ئەسكە سالغان چۈشۈمگە ھەيرانمەنمەن.

ئۆيگە بىر نەرسىگە چىقىپ ئىشىكنى ئىچىۋاتقىنىمدا، كارىدۇرنىڭ پەشتىقىدا قىيىداپ ئولتۇرغان ئايالىنىڭ پۇتىنىڭ توڭاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، روزى مەست قولىدىكى قەغەز چاغلىق نەرسىدە ئاۋايلاپ يۆگەپ قويۋاتقانمىش.

ئويغىنىپ ئويۇم شۇ بولدىكى؛
بىز سىرىتتىن مەست، ئەسكى، ھاراقكەش دەپ تونۇغان شۇ كىشىلەرنىڭ ئەسلى شۇ ھالغا كەپ قىلىشىنىڭمۇ مەلۇم سەۋەبى بار بولىشى، ئۇلارنىڭ بىز بىلمەيدىغان ئىچكى دۇنياسى بارلىقى ئېنىق ئىدى.
كىم بىلىدۇ، بۇ ئادەم ئايالىغا سۆيگەن مەشۇقى ئۈچۈن شېئىر توقۇيالايدىغان، تورلاردا سۆيگۈسىنى ئىزھارلاپ مەكتۇپ يازىدىغان ئاشىقلاردىن سادىقراق، كۆيىدىغان بولغىيتتى بەلكىم!
نېمىلا بولسۇن، ئادەمنىڭ تاشقى ھۆكۈمىدىن بەكرەك ئىچكى دۇنياسى، پەقەت ياراتقۇچىغىلا خاس ئىچكى ھۆكۈمى موھىم ئىدى. ئەمدى بۇ ئادەمنىڭ بىزنىڭ بۈگۈنكى تېمىمىز بىلەن نېمە ئالاقىسى باركىن؟

 

 

FRANCIS GOYA – ROMANCE DE AMOUR

 

بىز «ئەرنى ئەر قىلغان خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن» دەيدىغان گەپلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان. جەمىيىتىمىزدە ئاياللارغا قويىلىدىغان تەلەپ-مەجبۇرىيەتلەرمۇ خېلىلا يۇقىرى. بۈگۈن بىز باشقا بىر نوقتىدىن پىكىر يۈرگۈزۈپ باقايلى:

يەنى،ئايالنىڭ قانداق بولىشى ئەرگە باغلىق

ياق، مەن ئاياللارنىڭ ئەرگە، ئائىلىگە، جەمىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى، بىزدىكى بۇ ئەنئەنىۋى قاراشلارنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەسمەن.
قايسى كۈنى مەن ئارىلاپ تۇرىدىغان ياپونچە تور بەتتىكى ئەرنىڭ ئايالغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە ئائىت مەزمۇنلارنى ئوقىۋىتىپ ئاياللىق قەلبىم ۋە ئەقلىمدە يۇقارقى قاراشنى تەستىقلىدىم.

ئەمەلىيەتتە، ئايال- دىگەن تولىمۇ قوبۇل قىلىنىشچان بىر نازۇك دۇنيا. خۇددى چوڭلىرىمىز « ئايال كىشى دىگەن ئۆچكە يېغى» دەپ ئېيتقىنىدەك.
ئاياللار ئۆزىنىڭ سۆيۈلىۋاتقانلىقىنى سەزگىنىدە تېخىمۇ كۆپ ئاياللىق ھورمۇن ئاجىرىلىپ چىقىدىكەن.بۇ خىل ئاجىرىلىپ چىققان ئاياللىق ھورمۇن ئاياللارغا ياشلىق ۋە گۈزەللىك ئېلىپ كېلىدىكەن.

ئەكسىچە، سۆيۈلىۋاتقىنىنى ھېس قىلالمىغان ئاياللارنىڭ بەدىنىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كىسىلاتا ئېشىپ ھەم تېزلا قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

دېمىسىمۇ ئەتراپىڭىزدىكى ئاياللارنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ.بەزى ئاياللار يىللار ئۆتۈپ يېشى ئارتسىمۇ، قىزلاردەك گۈزەللىكى ۋە جەزبىدارلىقى يوقالمايدۇ.ئەكسىچە، بارغانسىرى ئېشىپ ماڭىدۇ.
ھەقىقەتكى، ئاياللار ئەرنىڭ سۆيگۈسى ۋە مۇھەببىتىدە بارغانسىرى گۈزەللىشىدۇ.

ئەكسىچە، تۇرمۇشتىن دىلى سۇ ئىچمىگەن ئايالنىڭ ئەسلىدىكى مۇلايىملىقى ۋە نازاكتىنىڭ ئورنىنى قوپاللىق، ئەسلىدىكى ئوتلۇق نىگاھنىڭ ئورنىنى سوغۇقلۇق، كۆيۈمچانلىقنىڭ ئورنىنى بىزارلىق ئالىدۇ.
قەلبىدە مۇھەببەت ئۆلگەن ئايالنىڭ ئائىلە ۋە پەرزەنتىگە بولغان مۇھەببىتى ھەم مەسئۇلىيىتىمۇ مەجرۇھ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ھاياتقا بولغان قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

 

 

قايسى كۈنى بىر قىزچاقنىڭ  يازمىسىدىكى كەلگۈسىدىكى يولدىشىنىڭ ئۆزىنى سۆيمىسىمۇ، قىزىنى سۆيىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، قىزلار ئۈچۈن دادىنىڭ مۇھەببىتىنىڭ بەك موھىملىقى توغرىسدىكى قۇرلارنى ئوقۇۋىتىپ ئويلىنىپ قالدىم.

مەن دەيمەنكى، بىر قىزنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ قالتىس مۇھەببەت تەربىيەسى دادىنىڭ ئاپىسىغا بولغان مۇھەببىتىدىن ئىبارەت.
« ئاپىڭىزدەك چىرايلىق قىز بولدىڭىز»،« ئاپىڭىزدەك تىرىشچان بولۇڭ»، « بۈگۈن ئاپاڭلار ھەجەپ چىرايلىق بوپ كېتىپتۇ»،« ئاپاڭلار سىلەرئۈچۈن ئازجاپا تارتمىدى..»دىگەندەك سۆزلەر، ئايالىغا مىھرلىك قاراشلار، ئاسىرىغان ھەرىكەتلەر، كەپسىز ئوغلىغا:« ئاپاڭنى خاپا قىلساڭ بولمايدۇ، ئاپاڭ ئاغرىپ قالسا قانداق قىلىمىز؟» ، « بۈگۈن ئاپاڭلارنىڭ كۆڭلى يېرىمكەن، ئاپاڭلارنى قانداق خۇش قىلساق بولار؟ » ، « ئالدى بىلەن ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار،- دېيىلگەن، ئاپاڭلارنى خۇش قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىڭلار» دىگەندەك گەپلەرنى قىلىش، ( دادام دەل مۇشۇنداقتى، ئانىمىزنى خاپا قىلىشىمىزنى پەقەت خالىمايتتى. ئالدىمىزدا ئانامنى  كۆتۈرىدىغان گەپلەرنى كۆپ قىلاتتى) كۆڭلىدىكى مۇھەببەتنى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە سۆزدە ئىپادىلەش قارىماققا ناھايتىمۇ كىچىك، ئەرزىمەستەك كۆرۈنسىمۇ بۇلارنىڭ ئەسلى تەبىئىيتى يۇمشاق، ھسياتقا باي ئايال ئۈچۈن ناھايتىمۇ موھىم مەناغا ئېگە.

ئەمەلىيەتتە، بۇلار قىلالمىغۇدەك سۆز، ئىشمۇ ئەمەس!
تۇرمۇشتىكى كىچىككىنە ئىش، كىچىككىنە سۆز ئايالىنىڭمۇ كۆڭلىنى ئىللىتىپ ئەرگە بولغان مۇھەببەت ۋەھۆرمەت، بالىلىرى ھەم ئائىلىگە بولغان مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىدۇ ھەم ئېنىرگىيە بولىدۇ.
بالىلار ئۈچۈنمۇ قىممەتلىك مۇھەببەت ۋە ئادىمىيلىك دەرسى بولىدۇ.مۇنداق دادىسى ئاپىسىنى سۆيگەن، ئاپىسى قەدىرلەنگەن ئائىلىنىڭ قىزلىرى قىزلىق لاتاپىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ئۆزىنى-ئۆزگىنى قەدىرلەيدىغان، ئوغۇللار بولسا قىزلارنى ئاسراشنى بىلىدىغان، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ يېتىلىدۇ.
سىز سېرىتتا قانچىلىك ئېسىل بولىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر، ئائىلىدە ئىللىقلىق ئاتا قىلىدىغان كىچىككىنە ھالقىلارغا دىققەت قىلالمىسىڭىز، سوغۇق ئادەم بولسىڭىز سىز بەربىر ھاياتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھارارەت ئالالمايسىز!
سىز سېرىتتا قانچىلىك ئۇتۇقلۇق بولىشىڭىزدىن ئەتئىنەزەر،
ئايالىڭىز ھەم بالىلىرىڭىزنىڭ مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قىلىشىڭىز، بالىلىرىڭىزنىڭ تەربىيەسىز قىلىشى سىزنى ئاقىۋەتتەھەممىدىن قۇرۇق قالدۇرىدۇ.
ئايالىغا مۇھەببەتتىن ھارارەت ۋە قۇۋۋەت بىرەلمىگەن بىر ئەر بالىلىرىنى مۇھەببەتلىك تەربىيەدىن، ئائىلىدىكى ئىللىقلىقتىن مەھرۇملايدۇ.
شۇڭا، ئائىلىسىگە مۇھەببەتلىك بولالىغان ئەر، دۇنياغىمۇ مۇھەببەتلىك بولالايدۇ.
ئايالىغا مۇھەببەتىتىن گۈزەللىك ۋە تىنچلىق ئاتا قىلالىغان ئەر ئۆز قەۋمىگە ھەم تىنچلىق ئەكىلەلەيدۇ.

 

ئاخىرىدا، دەسلەپكى ھېكايمىز ۋە مەزمۇنلىرىمىزنى يەكۈنلىسەك:
ئايال- مۇھەببەتنىڭ ئانىسى.
مۇھەببەتنىڭ مەنبەسى ھەم بۇلىقى!
ھالبۇكى، ئەرلەرنى تۇغقان، ئەرلەرگە مۇھەببەت بەرگەن ئايالنىڭ بۇ مۇھەببەتلىك ھارارىتى يەنىلا ئەرنىڭ مۇھەببىتى ۋە ئەمەلىي ھەركىتىنى ئۆلچەم قىلىدۇ.
ئۇ قانچىكى كۆپ ئېرىشسە، شۇنچىكى يالقۇنلۇق،ھارارەتلىك، قۇۋۋەتلىك ھەم گۈزەل بولىدۇ. ئاقىۋەت، بۇ ھارارەت ئائىلە ھەم پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە قايتىدۇ.

*************

2020.06.28

رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...
  1. سۈيۈملۈك رەيھانگۈل قەلىمىڭىزگە دەرد كەلمىسۇن ،ئەمىلىيەتتە مەنمۇ ئۇزۇن يىل مۇشۇ پىكىردە بولساممۇ بىزنىڭ ئەرلىرىمىزدە ھەتتا يۇقىرى ئۇنۋانلىقلاردا كىچىكىدە قالغان ئاسارەت ۋە جاھالەتنىڭ تەسىرىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈكلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلىمەن ،ھەتتا ئىنسان دىگەن ئۈيدىكىلەرگە ھامىنى مىھر بېرىۋالغىلى بۇلىدۇ ،تالادىكىلەر بىلەن ياخشى ئۈتمىسە ئەل جامائەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ دەپ پۈتۈن زىھنىنى ئىجتىمائى ئوبرازى ئۈچۈن ئاتىۋەتكەنلەرنىمۇ كۈردۈم پۈتۈن ۋاقتى زىھنى كەسپى بىلەن ئائىلە سىرتىدىكى قىياپىتىگىلا بېرىپ ئائىلىدە ۋەزخانلىق ،مۇشتۇمزورلۇق قىلىپ ئايال دىگەن ئانداق ،ئانا دىگەن مۇنداق دەپ تېتىقسىز فورمۇلا تۈزۈپ كوتۇلدايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ،،ئەمىلىيەتتە بىزدە بۇ مەسىلە بەك ئېغىر ،شۇنداق گۈزەل يازمىڭىزنى ئەرلەرنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرىۋەتكىلى بولسا ھە بەك ئەپسۇس ،دۇئالىرىمدا ئاسارەتتىكى ھەمشىرلىرىمنىڭ گۇناھلىرى بولسا تارتقان مۇساپىرلىقلىرى ېە ئەرزىيەتلىرى ئۈچۈن كەچۈرگەيلا دەپ دۇئا قىپ كىتىمەن

  2. بەك ياخشى مەزمۇنكەن، بولسا مۇشۇنداق ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا تەلەپنى قۇيىۋەرمەي،سەۋەپلەرنى مەسىلىلەرنى ئۆزىدىنمۇ ئىزدىنىپ بېقىشى توغۇرسىدىكى ئۆز مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تۇنۇشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى توغۇرسىدىكى مەزمۇنلار تېخىمۇ كۆپلەپ يوللانسا دىگەن ئۈمۈددىمەن… ئىنكاسىم مەخپى قالسۇن..

  3. ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. .بەكلا ياخشى مەزمۇن بوپتۇ. ..بىزدە بارلىق مەسئولىيەتنى ئايالغا ئارتىپ ‘ئەرلەرنى كۆتۈرۈش بەكلا ئېغىر. ..ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ باغچىنىڭ ‘ئەر -ئايالنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ پەرۋىش قىلىشىدىن تىخىمۇ گۈلزارلىققا تولىدىغانلىقىنى ھەر ئىككلى تەرەپ ھىس قىلىشى بەكمۇ زۆرۈر. ….شۇندىلا تەربىيلىنىپ چىققان ئەۋلاتلىرىمىزدىمۇ بىز ئويلاپ باقمىغان ياخشى نەتىجىلەر ئوتتۇرغا كىلىدۇ. ……

  4. نىمە دىگەن ئورۇنلۇق يىزىلغان يازما ،رەھمەت سىزگە .كاشكى ئاۋازلىق قىلىپ پۈتۈن ئەرلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا قۇيۇپ قويغىلى بولغان بولسا

  5. بەك ياخشى يازما بوپتۇ ، «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئەھلىگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلغانلاردۇر » دىگەن پەيغەمبىرىمىز ، دىگەندەك بىزنىڭ ئەرلەر ئايالغا بولغان ھىسسىياتىنى ئىپادىلەشتە قىينىلىدۇ ، پەرزەنت تەربىيسى ئانىنىڭ ئىشى دەپ خاتا ئويلايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئائىلىدە پەقەت ھۆكۈمران ئورنىدا تۇرۇپ قىلىپ ئائىلىدىكى ھىسسىيات ئالماشتۇرۇش ياخشى بولماي بەزى مەسىللەر كىلىپ چىقىدۇ ، بۇ جەھەتتە ھەممىمىز ئۈگىنىشكە مۇھتاج ، ئىنشائاللاھ ئەرلىرىمىزمۇ بۇلارنى تونۇپ يىتەر

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ئايالنىڭ

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى