ئانىنىڭ بەختى

1,924 قېتىم ئوقۇلدى

Chopin – Spring Waltz

 

ئانامنىڭ قاقاقلاپ كۈلگەنلىرىنى كۆپ ئەسلىيەلمەيمەن. ئۇنىڭ مۇلايىم كۈلۈمسىرەشلىرى، ئېسىمنى بىلگەندىن تاكى ھازىرغىچە بىر كۈنمۇ نامسىز بارمىقىدىن چىقىرىپ باقمىغان، 16 يېشىدا دادامغا ياتلىق بولغان كۈنىدن تارتىپ ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ھالرەڭ كۆزلۈك تويلۇق ئۈزۈكى سېلىنغان نازۇك بارماقلىرىنى ئەسلىسەم كۆزلىرىمگە ياش كېلىدۇ.
ئۇ شۇنداق نازۇك ئىدى-يۇ، ئاياللىقنىڭ مۇشۇ قەدىمىگە كەلگۈچە، ئاشۇ نازۇكلۇقنىڭ ئىچىدىكى تىرەنلىكى بىلەن تالاي ئېغىرچىلىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىز ئالتە بالىنىڭ قەھرىمانى ئىدى.

ھېلىمۇ ئېسىمدە، بىر قانچە يىل بۇرۇن ئۇكام ئىككىمىز تەڭلا قايتقان، بىز قېرىنداشلار ھەممىمىز جەم بولغان كۈننىڭ ئەتىسى سەھەر ئانام ئۆزى ياقتۇرىدىغان سارغۇچ رەڭلىك ( ئانام سېرىق رەڭلىك ئەتىرگۈلنى، سېرىق رەڭنى ياخشى كۆرەتتى )كۆينەك كېيۋالغان ھالدا ئەتىگەنلىك ناشتا تەييارلاۋاتاتتى…
دادامنىڭ، ئەتراپدىكى ھەممىلا ئادەمنىڭ ئانامنى «چىرايلىق » دەپ ماختاشلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتىم. بىراق، ھاياتىمدا ئانامنى شۇ كۈنى سەھەردىكىدەك بۇ دەرىجىدە چىرايلىق ۋە خۇشال ھالەتتە كۆرگىنىم ئېسىمدە يوق ئىدى.
ئانچە گېرىم قىلمىسىمۇ تەبىئى چىرايلىق ئانامنىڭ چىرايى ئۇ كۈنى خۇشاللىقتىن تېخىمۇ چىرايلىقلىشىپ نۇرلىنىپ كەتكەنىدى.
ئەمدى ئويلاپ باقسام بىچارە ئانام نەچچە يىللاردىن بىرى بالىلىرىنىڭ ئۆز ئۆيىدە جەم بولغان ھالىتىنى كۆرمەي- كۆرمەي بۇ جەم بولۇشلاردىن شۇنچىلىك بەخىتلىك بوپكىتىپتىكەن…بۇ ئادەتتىن تاشقىرى بەخىت تۇيغۇلىرى ئۇنىڭ چىرايىنى نۇرلاندۇرىۋىتىپتىكەن..
بۇ يىللار ئانىنىڭ يۈرىكىنى تېخىمۇ تونۇتۇپ بەردىكى، بىر ئانىنىڭ ئەڭ بەخىتلىك ۋە خۇشال ۋاقتى بالىلىرىنى ئۆز ئۆيىدە ساغلام، خۇشال، جەم بولغان ھالىتىنى كۆرۈشكەن….

 ھەزىرتى مۇسانىڭ ئانىسىغا بوۋىقىنى دەرياغا تاشلاشقا ئىلھام بەرگەن، ئۇنىڭغا قايغۇرماسلىقنى، بالىسىنى چوقۇم بىر كۈنلەردە ئۆزىگە قايتۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ھەم ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ ياۋۇز پىرئەۋىننىڭ قولىدىن ئانىسغا قايتۇرغان جانابى ھەق ئانىسىدىن،بالىلىرىدىن بىمەھەل ئايرىلغانلارنى ئانىلىرىنىڭ باغرىغا، بالىلىرىنى يىللاردىن بىرى باغرىغا باسالمىغان ئەزىزلەرنى بالىلىرىنىڭ يېنىغا قايتۇرىدۇ.
يۈرىكى سېغىنىش، جۇدالىقلاردىن ياشلانغان ئانىلارغا بالىلىرى بىلەن جەم بولۇش بەختىنى بېرىدۇ..ھامان بېرىدۇ.

 

شۇ يىلدىكى ھەممىمىز جەم بولغاندىكى بىر قېتىملىق دوستىخان ئىدى. جەم بولۇش دوستىخىنىنى سېغىندۇق…يەنە سېغىندۇق…

 

*****************

2020.08.128 (چارشەنبە-سەھەر)

تارقىتىڭ...
  1. سىغىنش ھېسلىرىم كۈچىيىپ ئىچىم قارا ئۆنكۈرگە ئايلاندى. يەنە قانچىلىق بەرداشلىق بېرەمەن.

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ئانىنىڭ

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى