بىلىمەن، مېنى سۆيۈپ قالدىڭ!

888 قېتىم ئوقۇلدى

Journey-markeliyahu

 

 

سېنى دەسلەپ ئۇچراتقىنىمدا،

سەن بەكلا گۆدەك، گۈزەل، ئويچان، زىددىيەتلىك، سۆيۈشكە ھەم سۆيۈلۈشكە،ھاياتنىڭ ھەر بىر يېڭىلىقلىرىنى كۈتىۋىلىشقا تەييار بىرى ئىدىڭ.

بۇ يىللاردا سەن ئاجايىپ ئۆسۈپيېتىلدىڭكى، بۇلارنى ساڭا ساناپ بەرگۈم كەلدىئاڭلا.

***

 

بۇ يىللاردا

  ئۇچراتقانلىرىڭدىن ئاجايىپ بىر ھاياتلىق دەرسى ئالدىڭ.

ئۇلار ساڭا خۇشاللىقنى، ئۆزىدىكى قەدىرقىممەتنى بىراۋلاردىن ئىزدىمەسلىككە كۆندۈردى.

شۇنداق، بۇ تالاي كىتابلاردا، تالاي ئېغىزلاردا تولا چاينىلىپ تەمى كەتكەن سېغىز كەمپۈتتەك «ھېكىمەت» بولسىمۇ،ئەمما رىئاللىقتا ئىشقا ئاشۇرماق ئەڭ تەس ئىشتىن بىرى ئىدى.

توۋا..مۇبارەك بولسۇن قەدىرلىكىم،

سەن بۇنى قىلالىدىڭ!

***

ھەر خىل ئادەملەرنى ئۇچراتتىڭ.

ئۆزىنىڭ مەقسىتى ئۈچۈن ھەر خىل سەھنىلەردە يالغان پەرداز بىلەن ھەر خىل روللارغا چىقالايدىغانلارنىڭ ئويۇنلىرىغا مىيىقىڭدا كۈلۈپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىشنى ئۆگەندىڭ.

سېنى سەن كەبى قەدىرلىيەلمىگەنلەرگە «يول بولسۇندېيىشنى، ئۆزۈڭگە ماس كەلمىگەن كىيىمدىن ۋاز كىچەلىگىنىڭ كەبى ۋاز كېچىشنى ئۆگەندىڭ!

***

ھاياتلىقتا ئەڭ موھىم ئادىمىڭنىڭ كىملىكىنى قايتىدىن تونۇپ يەتتىڭ. ئۇلار بىلەن قىسقىغىنە ھاياتىڭدا ئەڭ تاتلىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇشنىڭ زۆرۆرىيتىنى بىلىپ يەتتىڭ.

بۇ يىللاردا ھاياتقا، ئادەملەرگە، ھەتتا ئۆزۈڭگە بەك يۇقىرى تەلەپ قويىۋالماسلىقنى، ھاياتنى ئادالەتسىزلىكى بىلەن،ئادەملەرنى پەسكەشلىكى بىلەن، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭدە بار كۆرۈمسىز تەرەپلىرىڭ بىلەن قوبۇل قىلىشنى، ئازاب ئىچىدىن ھېكىمەت، مۇكەممەلسىزلىك ئىچىدىنمۇ گۈزەللىك، يوق ئىچىدىن قانائەت تېپىشنى ئۆگەندىڭ!

***

13-14 ياش چاغلىرىڭدا ئەينەكتىكى يۇمران گۈزەللىكىڭدىن زوقلىنىپ ئەينەكتىكى ئۆزۈڭنى سۆيۈپ قويغىنىڭ ئېسىڭدىمۇ، قەدىرلىكىم؟

18 ياش چاغلىرىڭدا ھەممە ئۇيقىغا كەتكەن قىزلار ياتىقىدا شام يورۇقىدا ئەينەككە قاراپ، ئۆزۈڭدىكى ياشلىق گۈزەللىكنى قانغۇچە تاماششا قىلغاندىڭ ھەم ھېچكىم كۆرەلمەيدىغان خاتىرەڭگە بۇ گۈزەللىكنى خاتىرىلەپمۇ قويغانىدىڭ.

بۈگۈن سەھەرمۇ ئەينەكتىكى گىرىمسىز، ئاق ئالما قىزارغاندەك سۈزۈك تىرىلىرىڭ، گۈزەللىكىڭدىن زوقلاندىڭ.

قارا، يەنە يىللاردىن كېيىن  بۇ گۈزەللىككە قورۇق چۈشۈپ پۇرلانغاندىمۇ، ئىچ-ئىچىڭدىن چىقىدىغان، يېتىلگەن نۇرنىڭ ساڭا يەنە باشقىچە گۈزەللىك ۋە ھۆسۈن بېغىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

***

ئارىدىن يىللار ئۆتتى.

سەندىكى ماڭا قارىغاندىكى يىتىرقاشلار، بەزىدىكى خاتالىقلىرىمغا تېكىلگەن نەپرەتلىك كۆزلەر،ئەيىپلەشلەرئاللىقاياققىدۇر كېتىشكە باشلىدى. سەن ھەقىقى قىياپىتىمدىن ئۈركىمەيدىغان، ۋۇجۇدۇمدىكى گۈزەللىكتىن زوقلانغىڭدەك، ئۇنى قوبۇل قىلالىغىنىڭدەك سەت، كۆرۈمسىزلىكىمنىمۇ قوبۇل قىلىشنى ئۆگەندىڭ.

سەن دەسلەپتە سۆيۈشنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان چاغلىرىڭدا «سېنى سۆيىمەن» دېگەن بولساڭ، مېنى چۈشەنگەنسىرى، ماڭا يېقىنلاشقانسىرى، بىلگەنلىرىڭ كۆپەيگەنسىرى، ئادىمىيلىكىڭ بېىغانسىرى  ھەقىقى تۈردە سۆيۈشكە باشلىدىڭ

بىلىمەن قەدىرلىكىم،

سەن مېنى سۆيۈپ قالدىڭ!

2021.08.18     سەھەر (چارشەنبە)

تارقىتىڭ...
  1. بۇ بىر ھەپتىدىن بېرى يازمىلىرىڭىز ئارقىلىق مەنمۇ سىزنى سۆيۈپ قالدىم.
    بلوگىڭىزنى نەچە يىل ئىلگىرى زىيارەت قىلغىنىم يادىمدا. ھازىر ئويلاپ باقسام، بلوگىڭىز يېڭى ئېچىلغان ۋاقىتلار بولسا كېرەك. يېزىش ئۇسلۇبىڭىزنى بىر خىل ياقتۇرغان ئىدىم. ئەپسۇس، ئۇ كۈنلەردىكى ئېغىر ھايات، قەلبتىكى يارىلار ھېچنىمىدىن ھوزۇر ئالغۇدەك زېھنىمىزنى قويمىغان بولسا كېرەك. يارىلارغۇ ھېلىھەم بار، ئاللاغا شۈكرى، يارىلار بىلەن ياشاشنى ئەمدى ئۆگەنگەن ئوخشايمىز.
    مۇشۇ ھەپتە بارلىق يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم، ئاجايىپ ھوزۇرلاندىم، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم، سىز تەۋسىيە قىلغان كىتابلارنى ئوقۇش ئۈچۈن تاپالىغانلىرىمنى كۈتۈبخانىلاردىن، تاپالمىغانلىرىمنى توردىن زاكاس قىلىپ قويدۇم. ئۇ ئېغىر يىللارنى چۈشكۈنلۈك، كۆز ياشلىرى بىلەنلا ئۆتكۈزىۋەتكىنىمگە بىر ئاز ئۆكۈنۈپمۇ قالدىم….
    مول ھوسۇللۇق بىر ھەپتە بولدى.
    رەھمەت سىزگە رەيھان.

  2. يېقىندىن بېرى ئوقۇۋاتقان موگى كېن ئىچىرونىڭ «ئىكىگايى» دېگەن كىتابىدا ئېيتىلغىنىدەك، بىلوگىمدىكى يازمىلار باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنسىمۇ-قىلىنمىسىمۇ، ماختاشلارغا ئېرىشمىسىمۇ پەقەت ئۆز خۇشاللىقىم ئۈچۈنلا يېزىپ كەلگەنىدىم.
    بۈگۈن ئۇچۇرىڭىزنى كۆرۈپ يۈرەكتىن چىققان سۆزلەرنىڭ يەنىلا كۆپ ئىلھام بولدىغىنىنى، ئورتاق تۇيغۇلارغا ئەمەلىيەتتە ھەر قانداق ئادەمنىڭ، جۈملىدىن مېنىڭمۇ تولىمۇ ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىمنى يەنە بىر قېتىم بايقىدىم.
    سىزگە ھەم كۆڭۈلدىن چىققان سەمىمى تۇيغۇلىرىڭىزغا رەھمەت! ❤️

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بىلىمەن،

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى