مۇنداق كىشىلىك مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟

1,058 قېتىم ئوقۇلدى

بەزىدە تۇرۇپلا ئەتراپىمىزدىكى تونۇش-بىلىشلەرنىڭ يىراقلاپ كەتكىنىنى، ئۇچۇرىمىزغىمۇ، تىلىفۇنىمىزغىمۇ جاۋاب قايتۇرماي جىمجىت بولىۋالغىنىنى بايقاپ قالىمىز. بۇ كىشىلەر بىلەن ياخشى ئۆتكىمىز بار-يۇ، ئۇلارنىڭ تۇيۇقسىز يېراقلاشقان سوغۇق ھالىتىگە قاراپ نېمە  قىلارىمىزنى، نېمىنى خاتا قىلغانلىقىمىزنى، قانداق «گۇناھ» ئۆتكۈزگىنىمىزنى بىلەلمەي تىڭىرقاپلا قالىمىز. مانا مۇشۇنداق كىشىلىك مۇناسىۋەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك؟

يېقىندا ئوقۇۋاتقان كىتابىمنى شۇنداق ياقتۇرۇپ قالدىمكى، كىشىنى چارچىتىدىغان بۇ خىل كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئاجايىپ ياخشى جاۋاب بېرىپتۇ. بۇنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشاي.

Johannes Linstead – Eleni

 

 

قىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەلۇم بىر داۋالاش ئورنىغا يېڭىدىن خىزمەتكە چۈشىدۇ. خىزمەتكە چۈشكەن تۇنجى كۈنى يېڭى موھىت ئىچىدە شۇنچىلىك جىددىيلىشىدۇ. بىراق، ياشقا چوڭراق خىزمەتدىشى ئوشىما خانىمنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسى ۋە يېقىنچىلىقىدىن كۆڭلى تەسكىن تاپىدۇ ھەم ئۇ خىزمەتدىشىنىڭ تەكلىپى بىلەن كەچلىك تاماقنى بىللە يېيىشىدۇ.

ئوشىما خانىم يولدىشى بىلەن ئاجىرىشىپ كەتكەن بويتاق بولۇپ، قىزى دادىسىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقتىن ئۆزى يالغۇز ياشايدۇ ھەم قىزنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ قىزىدەك كۆرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ، شۇنداق قىلىپ  بۇ ئىككىيلەن ياخشى خىزمەتداشلاردىن بوپقالىدۇ.

بىر مەزگىلدىن كېيىن شىركەتكەن يەنە بىر قىز يېڭىدىن ئىشقا چۈشۈپ، ئىككى قىزچاقنىڭ مىجەزى چىقىشىپ قالىدۇ ھەم ياخشى دوستلاردىن بوپقالىدۇ. نېمىشقىدۇر، شۇندىن كېيىن ھېلىقى ئوشىما خانىمنىڭ قىزغا بولغان پوزىتسىيەسى بىردىنلا سوغۇقلىشىۇ.

قىزنىڭ بۇنىڭدىن كۆڭلى يېرىم بولىدۇ ۋە ئوشىما خانىمغا بىرەر ئىشتىن رەنجىپ قالغان بولسا ئۇدۇل ئېيتىشىنى دەپ ئۇچۇر يازسىمۇ، ھەر دائىم ئۇچۇرلارنىڭ ۋاقتىدا كۆرۈپ جاۋاپ قايتۇرىدىغان ئوشىما خانىم بۇ قېتىملىق ئۇچۇرنى ئىككى كۈندىن كېيىن كۆرىدۇ ھەم جاۋاب قايتۇرمايدۇ. قىز بۇ ئىش ئۈچۈن بىئارام بولىدۇ ھەم پاراڭ ئارلىقىدا دوستىغا ئېيتىدۇ.  ياخشى يېرى شۇكى، بۇ دوستى خىزمەتدىنشىنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يىرىكلەشتۈرىۋەتمەيدۇ ھەم  تومىنىڭ مەسلىھەت بېرىش ئورنىغا بېرىپ مەسلىھەت سوراش تەكلىپىنى بېرىدۇ.

قىز شۇنداق قىلىپ تومىنىڭ مەسلىھەت بېرىش ئورنىغا بارىدۇ ھەم ئۆزىنى بىئارام قىلغان بۇ ئىشنىڭ جەريانىنى تومىغا تەپسىلى ئېيتىپ بېرىدۇ. تومى بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن سورايدۇ:

ئۇنداقتا، سىزنىڭ كۈتىۋاتقىنىڭىز نېمە؟

مېنىڭ ئوشىما خانىم بىلەن بۇرۇنقىدەك ياخشى ئۆتكۈم بار ئىدى

تەس بولارمكىن..چۈنكى، قارشى تەرەپنىڭ ئىشىنى پەقەت قارشى تەرەپ ئۆزى ئوڭشىيالايدۇ. مۇنداق ئىش:

باشقىلارغا تۇرۇپلا يېقىنچىلىق قىلىدىغان كىشى، تۇرۇپلا ئۆچمۇ بوپقالىدۇ. مۇنداق كىشىلەر دەسلەپتە دەسلەپتە قارشى تەرەپنى بەكلا غايىۋىلەشتۈرىۋىلىپ، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۈمىدسىزلىنىپ قالىدۇدە، ئۆچمەنلىك شەكىللىنىدۇ. قارشى تەرەپ باشقا بىرى بىلەن ياخشى ئۆتسە ئاچچىقى كېلىدۇ. مۇنداق ئادەملەرنىڭ ئۆزگىرىشچان مۇئامىلىسىگە بەك ئەستايدىل بوپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. مەلۇم ئارىلىق قالدۇرۇپ قويۇپ ئارلىشىپ قويسا بولىدۇ. ناۋادا، ئۇ ئادەمنىڭ مۇشۇ تەرىپىدىن ھالقىپ ئۆتەلىسە، ياخشى دوستلاردىن بوپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. ئەڭ موھىمى مۇنداق مۇناسىۋەتتە «مەن نېمىنى خاتا قىلغاندىمەن؟» دەپ ئۆزىنى گۇناھكار قىلىۋىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

急に好意を示してくる人は、急に嫌うもの。こういう人は最初相手を理想化しすぎて、途中幻滅でして嫌いになる。いわばお家芸のであまり振りまわされずに付き合っておいたほうがいい。それを乗り越える良い友達になることもある。

 تومىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قىزنىڭ ئۈسىتىدكى يۈك بىراقلا غۇلاپ چۈشكەندەك يىنىكلەپ قالىدۇ. ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن شىركەتكە يېقىن قەھۋەخانىدا دوستى بىلەن پاراڭلاشقىنىدا تومىنىڭ ئېيتقانلىرىنى دوستىغا سۆزلەپ بەرگىنىدە، دوستى بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ، ئوشىما خانىمنى خىزمەت ئورنىغا يېقىن بۇ قەھۋەخانىغا تەكلىپ قىلىپ ئۈچ خىزمەتداشنىڭ بىرلىكتە قەھۋە ئىچكەچ تەكلىۋىنى بېرىدۇ. كىم بىلىدۇ، ئوشىما خانىم ئۆزى يالغۇز ياشىغاچقا، يالغۇزلۇق ھېس قىپ قالغان بولىشى، شۇڭا ئاشۇنداق يېقىنچىلىق كۈتۈپ قالغان بولىشى مۇمكىن.

دەرۋەقە، قىز ئوشىما خانىم بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈۋىتىشتىن بۇرۇن مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ بېقىش ئۈچۈن ئاخىرىقى قېتىم تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بېقىش قارارىغا كېلىپ، خانىمنى قەھۋەخانىغا تەكلىپ قىلغىنىدا، ئۇمۇ بۇ تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ.

يەشمىسى:

دەرۋەقە، بەزى كىشىلەر قارشى تەرەپنى چۈشەنمەي تۇرۇپلا يېقىنچىلىق قىلىدۇ، يۇقىرى ئۈمىد كۈتىۋالىدۇ. قارشى تەرەپتىن ئويلىغىنىدەك مۇئامىلىگە ئېرىشەلمىسە ۋە ياكى باشقا بىرى بىلەن ياخشى ئۆتسە «ماڭا يۈزسىزلىك قىلدىغا چىقىرىۋىلىپ ئۆچ بوپقالىدۇ، سوغۇق مۇئامىلە قىلىشقا باشلايدۇ. مانا مۇشۇنداق كىشىلىك مۇناسىۋەتتە تىڭىرقاپ قالغان سىزگە ئېيتىدىغىنىم شۇكى:

بىرەرسى ھېچنىمىدىنھېچنىمە يوقلا گەپسۆزسىز سىزدىن ئۆزىنى تارتسا ۋە  ياكى سىزدىن يامانلىسا، ئەڭ موھىمى «مەن قايسى ئىشنى خاتا قىلغاندىمەن؟»دەپ كۆپ ئويلاپ كەتمەڭ. مۇنداق چاغدا ئەڭ موھىمى، ئۆزىڭىزدە خاتالىق يوقلىقىنى، مەسلىنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرسىڭىزكۇپايە.

گەپ قىلغۇڭىز كەلسە، گەپ قىلىڭ، ئارتۇق ئارىلاشقۇڭىز كەلمىسە، مۇناسىۋەتنى ئۈزىۋەتسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ. ئەلۋەتتە، «مۇنداق قىلسام قارشى تەرەپ ماڭا تېخىمۇ ئۆچ بوپقالمامدۇ؟» دەپ ئويلاپ قىلىشىڭىز مۇمكىن.

ئۇنداق بولمايدۇ. قارشى تەرەپنىڭ سىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى موھىم ئورۇنغا قويىۋالماڭ. چۈنكى، قارشى تەرەپنىڭ مەسلىسىنى پەقەت قارشى تەرەپ ئۆزىلا ھەل قىلالايدۇ.

خوش،كىتابنىڭ ئۇشبۇ بابىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، مەنمۇ تۇرۇپلا يېنىكلەپ قالغاندەك بولدۇم. ياشاپ ھازىرغا كەلگۈچە چوڭ بىر مەسىلىگە جاۋاب تاپقاندەكمۇ بولدۇم! سىزچۇ؟

**************

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

2022.2.17         گۈللۈك چايخانىدا يېزىلدى.

تارقىتىڭ...
  1. گۈزەل يازمىڭىز غا ئاپىرىن ،مەندىمۇ باشقىلاردىن ئۈزەمنى تارتىش پىسخىكىسى بار سەۋەبى چارچىغىنىمدىن مۇناسىۋەتنى توغرا ئۇسۇلدا داۋام قىلىشقا ئۈزەمنى كۈچۈم قالمىغاندەك ھىس قىلىمەن ،ۋە ياكى ئۈزەمدىكى گۇناھكارلىق تۇيغۇسىدىن قۇتۇلالمىغىنىمدىن بەلكى ئبۇنداق ئەھۋالدا باشقىلار بىزنى قىيداپ قالدى دەپ ئويلاپ قالىدۇ بەلكى ئەتراپتىكى كىشىلىك مۇناسىۋەت چەمبىرىكىنى دۇرۇسلاش ئۈچۈن بەزەن جىم تۇرۇپ ئويلىنىشقا ئىھتىياجىمىز باكەن

    • ئادەمنى بەزىدە كىشىلىك مۇناسىۋەت ھەقىقەتەن چارچىتىپ قويىدۇ. بولۇپمۇ بۇ قارا يىللاردا كۆڭۈللەر ناۇكلىشىپ ئانچىكىن ئىشلارنىمۇ كۆتۈرەلمەسمۇ بوپقالدۇق.
      بىراق، ئادەم بارغانسىرى مۇشۇنداق مۇرەككەپلىك ئىچىدە پىشىپ -يېتىلىدىكەن.

  2. مەن ھەمىشە مەسىلىنى ئۆزەمدىن ئىزدەپ ئاۋارە، ئەمدى تۇختايدىغان جايغا كەپتۇ .
    ئونىڭ ئۇستىگەھازىر بەكلام چارۋىدىم، مەنمۇ ئازراق ئۆزەمنى ئويلاپ قۇياي.
    رەھمەت سزگە!!!!

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

مۇنداق

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى