ماھىرە ئىلياس: تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇق ھەققىدە

1,053 قېتىم ئوقۇلدى

ماھىرە ئىلياس ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

 

ئاياللار كىسەللىكلىرى دوكتۇرى ماھىرە ئىلياس-شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋالاش كەسپىدە باكلاۋۇرلۇقنى پۈتتۈرۈپ، 2015-يىلى ياپونىيەدە ئاياللار كىسەللىكلىرى ۋە تۇغۇت  كەسپىگە قۇبۇل قىلىنىپ، تۆت يىل تولۇق ئوقوش مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇپ، 2019-يىلى دوكتۇرلۇق  ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۆزى ئوقۇغان ئۇنىۋېرستېتنىڭ ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە پىراففىسور ياردەمچىسى ۋە دوكتۇر ئاسپىرانتلار تەتقىقات يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

بۈگۈن بىز ياپونىيەدە ياشاۋاتقان، ئىككى پەرزەنتنىڭ ئاپسسى بولۇش بىلەن بىرگە  يەنە ئۆز كەسپى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان، ئىنسانىيەتنىڭ ئانىسى بولغان ئاياللارنىڭ ساغلاملىقى، جۈملىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە يارىدەم قىلىشتىن ئىبارەت گۈزەل ئارزۇنىڭ تۈرتكىسدە ئىزچىل تىرىشىپ كېلىۋاتقان دوستىمىز ماھىرەنىڭ ياپونىيەدىكىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇساپىرەتتە ئانا بولۇشنىڭ ئاچچىق ھەم تاتلىق دەملىرىگە شاھىت بولىۋاتقان، تۇغۇتتىن كېيىنكى تۈرلۈك روھى بىسىملاردا قىلىۋاتقان سۆيۈمۈك ئانىلار ئۈچۈن تەييارلىغان يۇقارقى مەنپەئەتلىك يازمىسىغا ئورتاقلىشىمىز. يۇقارقى يازمىدىن  يېڭى ئانا بولغان ياكى ئانا بولۇش ئالدىدىكى  خانىم-قىزلار ئاز-تولا مەنپەئەت تاپالىسا بۇنىڭدىن خۇشال بىز!

 

ماھىرە ئىلياس

 

Chris Spheeris – Juliette

تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇق  توغرىسىدا

 

ماھىرە ئىلياس

 

 

«تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇق» ئۇقۇمى دەسلەپتە 1968-يىلى ئەنگىلىيەدە روھى داۋالاش ژورنىلىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان.
يېقىنقى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە ،% 70-80% كە يېقىن ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە بەزى چۈشكۈنلۈك ئالامەتلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ دەپ قارالغان بولۇپ، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئۈچىنچى كۈندىن باشلاپ تەخمىنەن ئون كۈنگىچە كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىپ، ھارغىنلىق، ئاسان يىغلايدىغان بولۇپ قىلىش، تەشۋىشلىنىش قاتارلىق روھى ئالامەتلەر يۈز بېرىدۇ. ئادەتتە بۇ ئالامەتلەر بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ئاستا ئاستا يوقىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئىككى ھەپتىدىن ئىشپمۇ يېنىكلىمەستىن، ئەكسچە تەرەققىي قىلسا تۇغۇتتىن كىيىنكى خامۇشلۇق كىسىلى پەيدا بولىدۇ. ھەتتا، كىسەل تەرەققىي قىلسا بەزىبىر تىراگىدىيىلىك ئەھۋاللار يۈز بېرىشىمۇ مۇمكىن.
بۇ كسەل تۇغۇت مەزگىلىدىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان روھىي كسەللىكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىپ، ياپونىيىدە % 10 تىن% 15 كىچە ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە خامۇشلۇقنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرايدىغانلىقى 2006-يىلى kurachiتەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان. دېمەك، ياپونىيەدە ھەر 10 ئايالنىڭ بىرىدە تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇق كېسىلى كۆرۈلىدۇ دېگەن گەپ!

ئۇنداقتا بۇ كېسەل قانداق شەكىللىنىدۇ؟

 

ھورمۇن ئۆزگىرىشى 

 

بۇ كسەل ئانىلىق فىزىئولوگىيىسى، پىسخولوگىيە، موھىت،  گېن ۋە باشقا ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدە فىزىئوگىيىلىك ئامىل يەنى ئىچكى ئاجراتمىنىڭ ئۆزگىرىشى كۆپرەك سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
تۇخۇمدان ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ئېستروگېن(ئانىلىق ھورمون)ۋە پروگېستېرون(ھامىلدارلىق ھورمونى) ئاياللار بەدىنىدىكى چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك مۇھىم ھورمون بولۇپ،ئېستروگېن ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلايدۇ، بۇ خىل ھورموننىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى بالدۇر ھەيز كېسىلىش ، ھەيز كېسىلىش دەۋرى ، تۇخۇمداننىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پروگېستېرون ھامىلىدار بولۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، ھامىلىدارلىقنىڭ بىخەتەرداۋاملىشىشى يەنى، ھامىلىنى ۋە ئانىنى قوغداشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ بىخەتەر كۆچۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ئەگەر پروگېستېرون يېتەرلىك بولمىسا، بالا چۈشۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ ھورمۇنلار بالا تۇغقاندىن كېيىن، شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەچ ھەرخىل روھى تەڭپۇسزلىق يۈز بېرىدۇ. بۇھورمۇنلارئاستا-ئاستا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىدۇ.
‎ھامىلدارلىقنىڭ 10-ھەپتىسى ئەتراپىدا، بالاھەمرىيىنىڭ ئۆزى پروگېستېرون ۋە ئېستروگېن ھاسىل قىلىدۇ. ئىستىروگىننىڭ تىز ئۆرلشى،بۇھامىلدار ئاياللارنىڭ خوشال تۇرۇشىغا سەۋەپچى بولىدۇ. بىراق تۇغۇتتىن كېيىن بالا ھەمرىيى تەندىن ئايرىلغاچقا، بۇ ھورمۇنلارنىڭ تېز تۆۋەنلىشى تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

 

پىسخىكىلىق ئامىللار

 

‎پىسخىكا ئامىلنى مىسالغا ئالساق ئانىلارنىڭ ئانا بولۇشتىكى پىسخىكا تەييارلقنىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى تۇرمۇش ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالماسلىق، ھەددىدىن زىيادە تەشۋىشلىنىش بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەش، بوۋاقنى بېقىپ چوڭ قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرەش، باشقىلارغا ئىشەنمەسلىك، تۇغۇتتىن كېيىنكى بەدەن شەكلىنىڭ  ۋە تاشقى قىياپىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئۇيقۇسىزلىق، زىيادە چارچاش، ئاسان ئاچچىقلىنىش ۋەئاسان يىغلاش ئائىلە مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار. ئۇندىن باشقا يەنە جەمەتىدە ۋەياكى ھامىلداربولۇش ئالدىدا خامۇشلۇق كېسەللىك تارىخى بار ئاياللارتۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرىلاپ كېتىشى مۇمكىن. .بۇ ئاڭلىماققا ئاددىي كىسەلدەك بولغىنى بىلەن سەل قارىغىلى بولمايدىغان كىسەللىك بولۇپ، ئىغىرلىرىداھاياتىدىن ۋاز كېېچىدىغان، ئۆز بالىسىغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان تىراگىدىيەلەرمۇ يۈز بېرىپ قىلىشى مۇمكىن.

ئاسان يىغلاشقا ئائىت بىر ماقالە دىققىتىمنى تارتتى.  بۇ ماقالىدە  تۇغۇتتىن كېيىنكى روھىي توسالغۇلۇق يىغلاش ئالامىتى
بەدەندىكى نەملىكنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن بولىدۇ دەپ ئوتتۇرغا قويغان. قورساقنىڭ نەملىكى ئاشقانلىقتىن، چوڭ مېڭە سۇ بىلەن تولۇپ، كۆزنىڭ نەملىكى ئاشقاچقا ئىختىيارسىز ياش تۆكۈشى مۇمكىن دېيىلگەن.

 

ئۆزىگە زىيادە يۇقىرى تەلەپ قويىدىغانلار

 

يۇقارقىلاردىن باشقا، بەك مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدىغان، ئەستايىدىل، ئىنچىكە ،زىل خاراكتىردىكى ئاياللار ئاسان بۇكىسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى دەپ قارالغان. .
بىر قىتىم يىتەكچىم «ھەپتىدە ياكى ئايدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ بوۋىقىنى ئۆيدىكىلەرگە قويۇپ قويۇپ، كالائوكىيغا باردىغان، ئۆيدە بالىسى بارلىقىنى ئۇنتۇپ ئويناپ كېلەلەيدىغان ئايالدا بۇنداق كىسەلنى ھەرگىز ئۇچراتمايسەن. گەرچە، ئۇلاردىمۇ  ئۇيقۇسىزلىق،چارچاش دېگەنلەربولسىمۇ، پات- پات ھەممىنى ئۇنتۇپ ۋارقىراپ-جارقىراپ ناخشا ئېيىتىپ، ئويناپ كېلەلەيدۇ ئەمەسمۇ» دېگەنىدى.

 

چوڭ ياشلىق تۇغۇت

 

2017-يىلى ياپونىيە تۇغۇت ۋە ئاياللار كېسەللىكلىرى جەمئىيىتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا ، چوڭ ياشلىق تۇغۇتقا «35 ياشتىن يۇقىرى تۇنجى تۇققان ئايال»دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن. دۇنيا تۇغۇت ۋە ئاياللار كېسەللىكلىرى جەمئىيىتى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ «تۇنجى تۇغۇتى35 ياشتىن يۇقىرى، تۇغۇت تارىخى بار 40 ياشتىن يۇقىرى ئاياللارغا» قارىتىلىدۇ دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن.ھازىر خىزمەت ،جەمئىيەت بىسىمى ئېغىر بولغاچ كىچىكىپ توي قىلىش ،كىچىكىپ تۇغۇش كۆپەيمەكتە.
سەھىيە ، ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق مىنىستىرلىكىنىڭ 2019-يىلىدىكى ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا ياپۇندا 35ياشتا ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتا تۇغىدىغان ئاياللار تەخمىنەن% 29 نى ئىگىلىگەن.يەنى 3~4كىچە ئايالنىڭ بىرى چوڭ ياشلىق تۇققان ئايال بولغان.بۇ ياش تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارىمۇ،بەدەن ساپا جەھەتتىمۇ،ھورموننىڭ ئۆزگىرىشىمۇ 20~30ياش ۋاقىتقا ھەرگىز ئوخشىمايدۇ.
ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىدىكىدەك ئادەت كەلمىگىچە ۋاقىتلىق ھەيىز كىسىلش بولغاچ يۇقىرقى ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.

 

 تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇققا قانداق تاقابىل تۇرىمىز؟

 

بىز مۇھاجىرەتتە ئۇرۇق-تۇغقان، ئاتا-ئانىمىز يېنىمىزدا ئەمەس. بىر يەردە ياشاۋاتقان قېرىنداشلارمۇشۇ ئىنچىكە سەزگۈر ئۆتكەلدىن ئۆز-ئارا كۆيۈنۈشۈپ ئۆتىۋالمىساق، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ بىز ئويلاپ باقمىغان ئىشلار يۈز بەرمەيدۇ دىيەلمەيمىز.

كەيپىياتنى كونتىرۇل قىلىش

بۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش، داۋالاش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختالسام:
ئالدى بىلەن مۇنداق بىرئەمەلىي بولغان ئىشنى سىلەرگە سۆزلەپ بەرگۈم كەلدى.

يىتەكچىم بىلەن ئامبولاتورىيەگە چىققان كۈنىمىزئىدى. بىر بىمار ناھايىتىمۇ تۆكۈلۈپ-يىغلاپ تۇرۇپ، ئۆزىدىكى روھى تۇراقسىزلىقنى، يولدىشىنىڭ ياردەمدە بولالمايۋاتقىنىنى سۆزلەپ بەرگەندە، يىتەكچىم مۇنداق دېگەنىدى: «يولدىشىڭىزسىزگە يارىدەملىشىپ بوۋاققا قارىشىپ بېرەلمىسە، سىز ئۆزىڭىز ئۆزىڭىزگە ۋاقتىڭىزنى چىقىرىڭ. ھەر ھەپتىدە ئىككى-ئۈچ قېتىم بوۋىقىڭىز ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىڭىز تەسەۋۋۇر قىلغان تۇرمۇشنى قەغەزگە سىزسىڭىزمۇ، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ خىيالىڭىزدا سىزسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنى بىر قېتىمدىلا مۇكەممەل سىزىپ بولالمايسىز. كۈندىن- كۈنگە مۇكەممەللەشتۈرۈپ سىزىڭ، ھەتتا، دەسلەپكى ئويلىغىنىڭىزدىنمۇ نەچچە ھەسسە ياخشى سىزىپ بېرىڭ.» دېگەنىدى. مانا بۇمۇ بىرخىل پىسخىكىلىق داۋالاش.

 

ئەر-ئايال مۇناسىۋىتىنى كونترول قىلىش: ئەگەر ئۆزىمىزنى قوغدىماقچى بولساق، ئەسلىدىمۇ روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن چارچاش ئىغىر بولغان ئۆزىمىزنى توغۇتتىن كىيىن، كام دېگەندە بىر يىل قوغدىشىمىز كېرەك. بۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس،لىكىن چوڭلارنىڭ «يەكچەشمىنىڭ شەھرىگە بارساڭ بىركۆزۈڭنى قىسىۋال!»دەيدىغان گىپى بار. بۇنى ئۆيدىمۇ سىناپ باقساق زىيان تارتمايمىز.
بۇنىڭ كىچىك مىسالى، قىرىقىم ئىچىدە قېيىن ئاپام شۇنداق دېگەن: «مۇشۇ ۋاقتنى چىڭ تۇتۇپ دەم ئىلىۋېلىڭ، تۇغقانلار يىراقتا، بىردىنبىريۆلەنچۈكىڭىزيولدىشىڭىز. شۇڭا، نېمە ئېتىپ بەرسە، ئاشقا تۇز سالدىم دەپ باشقا تېتىتقۇ سەپ قويسىمۇ«بەك ئوخشاپتۇ» دەپ ماختاپ تۇرۇپ يەپ ئارام ئېلىۋىلىڭ. .ئۆيىڭىزنىڭ تورىسى جايىدا بولسىلا ھېچنىمىنى ئوڭشايمەن، تازلايمەن دىمەي كۆزىڭىزنى چىڭ يۇمۇپ يېتىۋىلىڭ. بۇ بىر يىل تىنىچ -ئامان ئۆتكۈزۋالسىڭىز، يولدىشىڭىز، بالىلىرىڭىزنىڭ  بىر ئۆمۈر خىزمىتىنى قىلىدىغانغا تىنىڭىز سالامەت بولمىسا قىلالمايسىز» دەپ.

ئاستا- ئاستا چۈشىنىپ يەتتىم. ئاپام نېمىدىگەن ئەقىللىق، بۇ مېنىلا ئەمەس ئوغلىنىمۇ ئاسرىغىنىكەن!
يولدۇشۇم توي قىلغاندىن بىرى، بىرقېتىممۇ خېمىر تۇتۇپ باققان ئەمەس. ئاددىيسى،  پىلتە قىلىپ قويۇپ، ئىككى-ئۈچ كۈنلۈك كاماندوروپكىغا كەتسەممۇ، ھېلىقى پىلتە قازانغا سېلىنماي قارىداپ كېتىدۇ. كىچىك ئوغلۇمنى تۇغۇپ ياتقاندا چوڭ ئوغلۇم لەغمەنگە بەك ئامراق بولغاچ، دادىسىغا «ئېتىپ بەردىسە »باشقا تاماق ئېتىپ خۇش قىلدى. مۇشۇ پۇرسەتتە قىلغۇزۇپ باقايچۇ- دەپ ئويلۇدۇم- يۇ،ۋاز كەچتىم. خېمىر تۇتمىغان بىلەن باشقا ئىشلارنى كۆڭۈلدىكىدەك قېلىدىغان بولغاچ، ئورۇنسىز كۆڭۈلسىزلىك تاپقۇم كەلمىدى. شۇ كۈنلەردە توققۇز ياشلىق ئوغلۇم خېمىر ماشىنىسىنىمۇ ئىشلەتمەي نۆلدىن باشلاپ لەغمەن ئېتىپ بەردى. شۇ چاغدا دۇنيادىكى ئەڭ تەملىك لەغمەن يىگەندەك بولدۇم.

 

 ئىقتىسادى جەھەتتە

ئىقتىسادى مەسىلە: بۇ كىسەلنىڭ يەنە بىر سەۋەپچىسى ئىقتىسادتىن چىقىدۇ. چۈنكى، ئايال ئۆيدە، پۇلنى ئەر تاپىدۇ. ئىقتىسادى جەھەتتە بەلكىم ئۆزىمىز ئويلىغاندەك بولماسلىقى مۇمكىن. ياپۇندا يەسلى قولاي، ئىشلىگەنلىك ئىسپاتى بولسىلا يەسلىگە ئالىدۇ. ياپۇندىكى ئانىلار ناھايىتىمۇ ئىلغار پىكىرلىك، بىلىملىك دەپ ئويلايمەن. چىقىپ ئىشلەيمەن دىسەكلا خىزمەت چىقىدۇ. بەلكىم، ئۆزىمىز ۋاقتىنچە كۆڭلىمىزدىكىدەك خىزمەتكە ئېرىشەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. بۇ چاغدا ئاساسلىقى زېھنىمىزنى چىچىپ سىرتقى مۇھىت بىلەن ئۇچرۇشۇش مەقسەت قىلساق بۇمۇ بۇلىدۇ.
ئەگەر كەيپىياتىمىزنى تەڭشىيەلىسەك، بالىنى كەم دېگەندىمۇ بىر ياشقىچە ئۆزىمىز باقساق بالىغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى دەپ قارايمەن. بۇ ئانا -بالا مۇھەببىتىگىمۇ، ئانىنىڭ سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگىمۇ پايدىلىق بولىدىكەن دەپ ئويلۇدۇم.

مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش

 

يوگا ئويناش: بۇنى ئۆيدىمۇ قىلالايمىز. بىلمىسەك ، تورلاردا نۆل سەۋىيەدىن باشلاپ ئۆگىتىدىغان قاناللىرى بار. يوگا ئانىنىڭ جىسمانى جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىشى ، ئۇيقۇسىزلىق ، ھورمون تەڭپۇڭسىزلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھېسسىيات ئۆزگىرىشى ۋەجىسمانىي ۋە پسىخولوگىيىلىك مەسىلىلىرىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقابەدەن ئېنېرگىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىمۇ ياردىمى بار.ھامىلىدار مەزگىلدە ھامىلىدارلارنىڭ جىسمانى جەھەتتىن چېكىنىشى سەۋەبىدىن ، تۇغۇتتىن كېيىن ھەمىشە جىسمانىي ئاجىزلىق ۋە ئېنېرگىيە كەمچىل بولىدۇ. يوگا مەشىقى بەدەن ئېنېرگىيىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق. تۇغۇتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىش بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىلا ئەمەس ، بەلكى بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

 

دورا بىلەن داۋالاش

ئۇنىڭدىن سىرت قولايلىق پىسخىكىلىق مەسلىھەت ئورۇنلىرىغا بېرىش. مۇمكىن بولسا، ئەتراپىدىكىلەر ئۆزئارا مەسلىھەت سورىساق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ.پىسخىك جەھەتتىن داۋالاشىنىڭ ئۈنۈم بولمىسا، ئېمتىشكە تەسىرى ئاز دورىلار بار،ھەممىسى رىتسىپلىق. كۆپرەك دوختۇرخانىدا نىرۋا كىسەللىكلەر بۆلىمىدىن يىزىپ بېرىدۇ.
‏SSRI تۈرىدىكى دورىلار بار بولۇپ، % 70 ئاياللارنى بىر يىل ئىچىدە داۋالىغىلى بولىدۇ. پەقەت ئاز بىرقىسىم كىشىلەربىر يىلدىن ئارتۇق، ھەتتا ئىككى يىلغىچە داۋاملىشىدۇ.

تۇغۇتتىن كېيىن خامۇشلۇق خەۋىپىگە دۇچ كېلىدىغان ئاياللارنى پەرقلەندۈرۈشتە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان تەكشۈرۈش ئۇسۇلى 1987-يىلى Cox تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان EPDSئۆلچەم قەغىزى بولۇپ، بۇ ئۆلچەملىك سۇئالنى بىزنىڭ دوختۇرخانىدا ھەپتىدە بىر، ئىككى ھەپتىدە بىر، ئايدا بىر قېتىم بولۇپ جەمئىي ئۈچ قىتىم تەكشۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، تەكشۈرۈش ئۇسۇلى دوختۇرخانىغا قاراپ ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. بىمارنىڭ جاۋابىدا بىكىتىلگەن نومۇر
0-9بولسا ئازراق دىققەت قىلسا داۋالاش كەتمەيدۇ،بىمار ئۆزى كونتىرول قىلسا بولىدۇ.
12دىن يۇقىرى بولسا روھى كىسەللىكلەر بۆلىمىگە تونۇشتۇرىدۇ.

يىغىنچاقلىسام، كەيپىياتنى كونتىرول قىلىش، كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇش، بەدەن ، پۇرسەت بولسىلا قېنىپ ئۇخلاش، ئائىلە ئەزالىرى ۋە دوستلارنىڭ قوللىشى، دورا بىلەن داۋالاش….قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق بۇخىل كىسەللىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش تامامەن مۇمكىن.

يۇقارقى مەزمۇنلاردىن يېڭى بوشانغان ئانىلار پايدىلانغۇدەك مەزمۇن چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. .
ھەممىڭلارنىڭ تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك،تىنىگە سالامەتلىك ،ئوقۇش ،خىزمەتلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن،رەھمەت!

 

رەيھاندىن:

نەچچە يىللىق مۇساپىرەتتىكى ھاياتىم، تىرىشچانلىقلىرىم مۇنداق بىر ئويلىنىشقا ئېلىپ باردى. باشقا دۆلەتلەردە قانداق بىلمىدىم. بىراق، ياپونىيەدەك نەچچە يىل ياشىساقمۇ بۇ زىېمىنغا، ياپونلۇقلارغا قېتىلىپ بولالمايدىغان بىزلەر ئۈچۈن،  بولۇپمۇ خانىم-قىزلار ئۈچۈن كۈچ ھەم ئېنىرگىيە بېغىشلايدىغان،  تىرىشچانلارنى، ئالغا ئىنتىلىپ تۇرغانلارنى بېسىش، يالغۇز قالدۇرۇش ئەمەس،  ئەكسىچە قوللاش، كۆتۈرۈش، ئىلھام بېرىش بىلەن بىرگە قول تۇتۇشۇپ  ئالغا ئىلگىرلەيدىغان، يېقىلغاندا يۆلەيدىغان بىر ساپالىق خانىم-قىزچاقلار قوشۇننىڭ بار بولۇشى بەك موھىمكەن دەپ قالدىم. شۇڭا، ماھىرەدەك تىرىشچان، ئالغا بىسىۋاتقان دوستلارنىڭ بىلگەنلىرىنى ئەتراپدىكىلەرگە يەتكۈزەلەيدىغان سەھنە ھازىرلاش، ئۆز-ئارا بىر-بىرىمىزگە ئىلھام ھەم كۈچ بولۇش مەقسىتدە «تىرىشچان گۈللىرىمىز» نامىدا مۇشۇنداق بىر سەھىپە تۇرغۇزۇشنى لايىق كۆردۈم. بۇ سەھىپىدە داۋاملىق تۈردە كۆپچىلىككە تىرىشچان خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ گۈزەل ئىددىيەسى، بىلىمىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش ئارقىلىق ئەتراپقا ئاكىتىپ ئېنىرگىيە، گۈزەل ھېد تارىتىش ئارقىلىق ھەممىمىزنىڭ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرلىشى مەقسەت قىلىنىدۇ.

ئاخىرىدا، دوستۇم ماھىرەنىڭ بۇندىن كېينكى بارچە ئىشلىرىغا بەرىكەت ۋە ئۇتۇق تىلەيمەن!

 

تارقىتىڭ...
  1. ماھىرە،رەيھانگۈل ،ئەجرىڭلار زىيادە بولغايرەھمەت سىلەرگە

  2. ياخشمۇسىز .مەن ماھىرەنىڭ تېببي مەكتەپتە بىللە ئوقغان ساۋاقدىشى گۈلـمىرە بولـمەن .ھازىر كورىيەدە . ماھىرە بىلەن بۇرۇن ئالاقە قىپ تۇراتتۇق ،ئارلقتا ئالاقمىز ئۇزۇلۇپ قالدى . مەن 11-ئايدا تېببي مۇھاكمە يېغنغا قاتنشش ئۇچۇن بارماقچى ئىدىم . ماھىرەنىڭ ئالاقلشش ئۇچۇرنى ئەۋەتىپ بېرەلەسىزمۇ ؟ ئۇنىڭدىن باشقا مەنمۇ سىزگە ئوخشاش بىر ئاناۋە چەت ئەل تۇرمۇشدا ياشاۋاتمەن . ئوزەمنىڭ سالۇنى بار ئىدى . سىزنىڭ يازملىرڭىزنى سالۇنمدا كۆچۇرۇپ تارقاتسام بولامدۇ ؟ ئەگەر رۇخسەت قىلسڭىز شۇنداق قىلاي دېگەن . رەھمەت .

    • سالام،
      سىزگە جاۋاب يېزىش ئۈچۈن مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا جاۋاپ قايتۇرۇشتىن باشقا ئامال بولمىدى…
      ماھىرەنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرىنى ئەۋەتسەم ھەممە ئادەم كۆرىدىغان ئاممىۋى سورۇنغا ئەۋەتكەن بوپقالىمەن.
      مەن ئۆزۈمنىڭ ئىنستىگرام ئادىرىسىمنى يوللاپ قوياي، مۇشۇ ئارقلىق مەن بىلەن ئالاقە قىلغايسىز، رەھمەت.

      Ins: reyhan-ablet

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ماھىرە

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى