روھىمغا سەپەر (ساياھەت خاتىرىسى)

671 قېتىم ئوقۇلدى

روھىمغا سەپەر

رەيھان ئابلەت

 

ئادەم بەزىدە ھېچۋاقىت ياشاپ باقمىغان بىر كۈندە ياشاپ باققۇسى كېلىدۇ.  يەنە بەزىلەردە ئەزەلدىن قىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىپ باققۇسى كېلىدۇ.

ياشاپ باققۇلۇق، قىلىپ باققۇلۇق!

چۈنكى، ھەش-پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كەتكەن يىللارغا قارىسام، ھايات دادام ئېيتقاندەك، ئاقىللىرىمىز ئېيتقاندەك ھەقىقەتەن قىسقا ئوخشايدۇ.

شۇنداق قىلىپ، ئەزەلدىن قىپ باقمىغان ئىشتىن بىرنى قىلىپ ھاياتىمدا تۇنجى رەت يالغۇز ساياھەتكە چىقتىم. بۇ قىسقا ساياھەت يېڭى بىر يېشىمدىكى ناھايتى ياخشى بىر خاتىرە ھەم ئۆزۈمگە  قىلىنغان  ئەڭ ئېسىل  سوۋغا بولدى!

 ئولتۇرۇپ خاتىرەمنى رەتلىگۈدەك تىنچقىنە ۋاقىت چىقماي ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ھېلىمۇ ھەم قەلبىمدە ئىللىق تۇيغۇلارنىڭ تەمى كەتمىگەن، ئاددى، بىراق مەن ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان  قىسقا سەپىرىمنى بىلوگىمدا خاتىرىلەپ قوياي. 

 

2022.08.18             پەيشەنبە-سەھەر

سەھەر سائەت 4:00 لەر بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەڭ گۈزەل تىلەكلەر بىلەن بىر كۈنۈمنى باشلىدىم.

قۇياشنى، بولۇپمۇ ئەتىگەنلىك قۇياشنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم.

ھاياتىمنىڭ يېڭى بىر بېتىنى دېڭىزدا ئەتىگەنلىك قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەللىكى بىلەن باشلاش ئارزۇيۇمدا كەلگىنمىگە، بۈگۈن ھاۋا تۇتۇق بولغاچ ئارزۇيۇم كۆپۈككە ئايلاندى.

بىراق، ياتىقىمدا دەملەپ چىققان قەھۋەرىمنى كۆتۈرۈپ، دېڭىزنىڭ بويىغا كەلگىنىمدە  دېڭىزنىڭ شاۋقۇنلىرى، دېڭىزنىڭ سەھەر قۇشلىرى مېنى ئوخشاشلا خۇش قىلالىدى.

سەھەردىن ھوزۇرلىنىش، سەھەردىكى جىمجىتلىق، ئۆزۈم ئۆزۈمگە قايتقان، ئۆزۈم بىلەن يالغۇز قالغان شۇ پەيتلەر ھاياتىمنىڭ ئۈزۈلۈپ قالاي دەپ قالغان ماغدۇرلىرىغا كۈچ بېغىشلايدۇ، ئۆچۈپ قالاي دېگەن ئۈمىد شاملىرىمغا قايتا نۇر بېرىدۇ.

سەھەردە ئۇچىرىغان ناتونۇش سەھەرخۇمارلار بىلەن سالاملىشىشمۇ ماڭا ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تىلى بولغان مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

سەھەردە مېنى ھەم كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسىغا، ئۆزۈمگە، ئاتائانام، قېرىنداشلىرىم، ئائىلەم ۋە دوستلىرىمغا بولغان سۆيگۈم ساپلىشىدۇ.

دەل مۇشۇنداق خاسىيەتلىك سەھەرنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈش ئۈچۈن بۇ قېتىملىق يېڭى بىر يېشىمنى ئۆزگىچە ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈشنى تاللىغانىدىم.

شۇنداق، مەقسەتدېڭىزدىن كۆتۈرۈلگەن يېڭى قۇياشنى كۈتىۋىلىش، بۇ گۈزەللىكتىن قانغۇچە ھوزۇر ئېلىش ئىدى.

ھەقىقەتەن كۆرەلىگەن بولسام ئەتىگەنلىك قۇياش شولىلىرى، ۋالىلداپ تۇرغان دېڭىز، ئاسمان بىلەن دېڭىز بىرلىشىپ كەتكەن كۆكلۈكمېنى نەقەدەر خۇش قىلار بولغىيتتى ھە؟!

سەمىيمىيلىك بىلەن دىسەم، تۇتۇق ھاۋادىن ئاغرىنغۇدەك كۆڭۈلمۇ بولماپتۇ. يەنىلا شۇنداق تىنچ ھەم گۈزەل بىر كۈننى باشلاپتىمەن.

چوڭ بولغان ئوخشايمەن!

بەك مۇكەممەللىك تەلەپ قىلمايدىغان، بارىدىن يىتەرلىك خۇشاللىق تاپىدىغان، ھەممىنى «كۆڭلۈمدىكىدەك بولشى كېرەك » دەپ ئۆزۈمنى قىينىمايدىغان!

دېڭىز كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ياتىقىمدىكى سەھەر پەيتى ۋە بىر ئىستاكان قەھۋە

سەھەر قۇشلىرى

خوشە، دېڭىز!

ئۆزۈمگە يېزىلغان مەكتۇپ

 

 

خەير-خوش چىيوشى

 

 

ياتاقتىن 9:30 لەردە خوشلاشتىم.  خىزمەتچى قىزچاق بىكەتكىچە ماشىنىلىق ئەكەپ قويۇپ، رەسىملەرگە تارتىپ قويدى ھەم گۈزەل تىلەكلەربىلەن خوشلاشتى.

پىلانىم بويىچە چىيوشىغا كەلدىم.

بۇ دەل مەن ئەڭ ئامراق ياپونىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق دىراممىسى «ۋاپادار ئايال» فىلىمى ئىشلەنگەن، كائورۇ، رىتسىكولار ياشىغان، دىراممىدا تەسۋىرلەنگەن شىيويۇ زاۋۇتىنىڭ دەسلەپتە بارلىققا كەلگەن ئورنى ئىدى.

بىكەتكە چۈشكىنىمدە يامغۇر خېلىلا ئەدەپ قالدى. نېمە قىلىشىم كېرەك؟ بۇ شەھەردىن نېمە كۆرىمەن؟ مۇنداق پىلانسىز ئىش قىلىدىغان ھاڭۋاقتىمەندە!

بىكەتكە قويۇلغان چۈشەندۈرۈشلەرگە بىرەر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن يەنىلا تورغا ئىلتىجا قىلدىم

ئاتايىن ئاشۇ دىراممىدىكى ۋەقەلىك ئىشلەنگەن ئورۇنلارنى كۆرگىلى كەلگەندىكىن شىيويۇ زاۋۇتى كۆرگەزمىخانىسىدىن بىرەرنى كۆرۈپ كېتەي.

ياخشى ئاپتاپتىن ساقلىنىش كۈنلۈكۈم باركەن. ئۇنى كۆتۈرۈپ ماڭساممۇ، يېڭى كەيگەن كىيمىم تازا ھۆللەندى. بىر چاغدا قارىسام پايپىقممۇ تىشىلىپتۇ 😆بىكەتكە ئەڭ يېقىن شىيويۇ كۆرگەزمە دۇككىنىنى ئاخىرى تاپتىم.

70ياشلاردىن ئاشقان ئىللىق بوۋاي ياپوننىڭ دىراممىسى سەۋەبلىك بۇ يەرلەرنى كۆرگىلى كەلگىنىمنى ئاڭلاپ، ھەقىقەتەنمۇ دىراممىدا چىققان شەخسلەر ئەنە شۇ ئىسىمدا رىئاللىقتا ياشاپ ئۆتكەن بولمىسىمۇ،بىراق ئۇنىڭدىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ چىن ئىكەنلىكىنى، ھەقىقەتەنمۇ 400 يىل ئىلگىرى باشلانغان ياپون شىيويۇ ياساش ئەنئەنىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ساقلىنىپ كەلگەنلىكىنى، 2-دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدە  پۈتۈن زاۋۇتلارنىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكى، ئۇرۇش تۈگىگەندىن كېيىن قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى  سۆزلەپ بەردى.

بوۋاينىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، تارىخى يىلنامىلەرنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلىگەنلىرى مېنى ھەيران قالدۇردى. بوۋاينىڭ مۇشۇ دۇككىنىمۇ 1640-يىللاردا شىيويۇ تىجارىتىنى باشلاپ، ئۆزىنىڭمۇ ئاتابوۋىلىرىنىڭ بۇ ئاتامىراس تۆت ئەسىرلىك دۇككاننىڭ ۋارىسكەن.

يۈكتاقىمنى ئېغىرلاشتۇرۇشنى خالىمىساممۇ، پەقەت بوۋاينىڭلا دۇككىنىدا سېتىلىدىغان شىيويۇدىن بىرنى سېتىۋالدىم ھەم بوۋاينىڭ تەكلىپى بىلەن دۇككاندىن بىرئىككى يۈز مېتىر يېراقلىقتا كۆرۈنۈپ تۇرغان دەريا تەرەپكە قاراپ يولغا ئالدىم.

بۇ ئاساسلىق بىلىقچىلىق رايونى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كېمىلەر تۇرۇپتۇ. كىنودا تەسۋىرلەنگەن توكاۋادىكى بىلىقچىلاركېيىنكى دەۋىرلەردە بىلىقچىلىقىنى چىيوشى شەھىرىگىچە كىڭەيتكەن بولىشى ئېنىق.

يامغۇرلۇق چىيوشى & كىنو تەسۋىرلەنگەن شىيويۇ دۇككانلىرىنىڭ يولى

400 يىللىق شىيويۇ دۇككىنىڭ خوجايىنى

 

بىلىقچىلىق كېمىلىرى

دەريادىن يانغىنىمدا يامغۇر ئازراق پەسەيگەن، ۋاقىتمۇ 12:00 لەردىن ئېشىپ چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولغانىدى. تۈزۈكرەك ئاشخانا كۆزۈمگە چىلىقمدى. خام بىلىق دېگەندەكلەرگە رايىم يوق.

بىكەتكە يېقىن جايدىكى چىرايلىققىنە، كىچىككىنە قەھۋەخانىغا كۆزۈم چۈشتى، تەۋەككۇل دەپ كىردىم.

قەھۋەدىن باشقىچىرەك بىرەر نەرسە ئىچىپ باققۇم كەلدى ھەم خوجايىننىڭ تەكلىپى بىلەن بىر ئىچىملىك بىلەن ساندىۋىچ بۇيرىتىپ، بۈگۈنكى تۇغۇلغان كۈنۈم خاتىرىسى ئۈچۈن بىر پارچە رەسىم تارتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدىم.

ساندىۋىچنىڭ مىقدارى بەك كۆپ بولغاچ، يېرىمىنى ئەكىتىشىنى ئېيتتىم، تاماق تۈگەپ چىقىپ كېتەي دەپ تۇرىشىمغا شۇنداق چىرايلىق بىزەلگەن تۇغۇلغان كۈن تورتى ئېلىپ كەلدى!

شۇنچىلىك خۇش بوپكەتتىم. رەھمەت ئېيتىپ بۇ چىرايلىق كۆڭۈلنى ئاخىرىغىچە يەۋەتتىم.

ھەق تۆلەيىدىغان ۋاقىتتا ساندىۋىچنىڭ يېرىمنى يىمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئەسلىدىكى 1300 يېننىڭ پەقەتلا 1000 يېنىنىلا بەرسەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئاخىرىقى تۇغۇلغان كۈن تورتىنىڭ پۇلىنىمۇ بېرەي دېسەم ئالغىلى ئۇنىماي مىڭ يېن بىلەن بولدى قىلدى ھىم چىرايلىق تىلەكلەر بىلەن ئۇزىتىپ قويدى. قەلبىمدە گۈزەل، ئىللىق سىزىم قالدى…

چىيوشىدىكى ئوماق قەھۋەخانا

 

تۇيۇقسىز سوۋغا

ئەسلىمەمدىكى ئىنۇبوسا

 

كەچتە بىر قانچە دوستلار ۋە ئائىلەمدىكلەر ئوتتۇرا يولدىكى بىر رىستوراندا يېغىلماقچى ئىدۇق.

يەنە ۋاقتىم بار. يامغۇر بىلەن بېرىشتىن ۋاز كەچكەن ئىنۇبوساغا ئەمدى بېرىشنى قارار قىلدىم.

ياپوننىڭ كارتون ۋە فىلىملىرىدا كۆپ كۆزگە چىلىقىدىغان «銚子鉄道» تىرامۋايغا ئولتۇرۇپ ئوماق، قىسقا سەپەردىن كېيىن، ئەسلىمەمدىكى ئىنۇبوساغا يېتىپ كەلدىم.

بۇ يەرگە يېڭى ياپونغا كەلگەن چاغلاردا كەلگەنچە ئارىدىن يىللار ئۆتكەندە قايتا كېلىشىم بوپتۇ.تۇنجى كۆپكۆك دېڭىزنى، دېڭىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مۇشۇ يەردە كۆرگەنىدىم.

يېقىندا «ۋاپادار ئايال» نى كۆرىۋىتىپ، بۇ فىلىم ئىشلەنگەن، كائورۇ بىلەن سوكوچىنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى باشلانغان جاينىڭ مۇشۇ ئېكەنلىكىنى  بىلگەنىدىم.

سەھرا يوللىرى، يوللارغا تۇتاشقان  دېڭىزنىڭ مەنزىرسىنى تاماششا قىلغاچ پىيادە ئاق مۇنارغا كەلدىم. تۇنجى قېتىم كەلگەندە چىقىپ باقمىغان مۇنارغا بۇقېتىم چىقتىم ھەم ئېگىز پەشتاقلاردىن چىقىپ بولغۇچە ئۆپكەم چۈشۈپ قالايلا دېدى.  ئىچىمدە «مۇنداق ساياھەت دېگەننىمۇ پۇت-قولنىڭ ماغدۇرى بار ياش ۋاقتىدا قىلىۋالمىسا بولمايدىكەن ، قېرىغاندا كەلسەم مۇنداق يەرلەرگىمۇ چىقالماسكەنمەن…» دېگەنلەرنى ئويلاپ چىقىش ئېغىزىغا كەلگىنىمدە، 80 نەچچە ياش ئەتراپىدىكى  بىر  موماينىڭ مۇنارغا چىقىش بىلىتى ئالغىنىنى كۆرۈپ، بۇ مومايچاقنىڭ  جۇمۇلاڭما چوققسقغا چىققاندەك ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ تەۋەككۇلچىلىككە جەڭ ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى جەزىم قىلدىم.

ئىنۇ بوسادىكى ئاق مۇنار

خاسىيەتلىك كۈن 

 

 

ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى بەزى كۈنلەردىكى خاسىيەت ئاجايىپلا! سىزگە مۇنداق خاسىيەتلىك كۈنلەر قانچە قېتىم نېسىپ بولغان بىلمىدىم، ئۇكۈنى سەھەردىن باشلاپ خۇددى «تەلەي» ناملىق ھېلىقى كارتوندىكى تەلەي تەڭگىسى ئالقىنىمغا چۈشكەندەكلا بىر كۈن بولدى!

بىز كۆرىشىدىغان بىكەتكە بالدۇرراق كېلىپ، كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن تېلىفۇنۇمغا توك قاچىلىشىم،  كىيىم ئالماشتۇرۇشۇم، بۇنىڭ ئۈچۈن تۈزۈكرەك قەھۋەخانا ياكى بىرەر يەر تېپىشىم كېرەك ئىدى.

دەرۋەقە، سائەت 5:00 لەردە بىكەتكە چۈشتۈم. توردىن بىكەتنىڭ ئەتراپىدىن بىر قەھۋەخانا تاپتىم. قەھۋەخانا بىكەتتىن ئانچە يېراق ئەمەس ئىدى. كەچنىڭ شەپەق نۇرىدا شۇنچىلىك ئىللىق تۈس ئالغان چىرايلىق بېزەلگەن،  3-4 ئادەمدىن باشقا ئادەممۇ يوق ئازادە قەھۋەخانىغا كىرىپلا كۆڭلۈم ۋاللىدە يورۇپ قالدى.

تېلىفۇنۇمغا توك قاچىلاش ئۈچۈن، خوجايىن مومايدىن (ئانا بىلەن ئوغۇل ئاچقان قەھۋەخانىدەك تۇراتتى) سانجغۇچ سورىغىنىمدا، مەن ئولتۇرغان ئۈستەلنىڭ يان تەرىپىدىلا بارلىقىنى كۆرسەتتى.  ئىچىمدە « ۋۇييۇ» لا دەۋەتتىم.

مومايغا قەھۋەنى بۇيرىتىۋىتىپ تازىلىق ئۆيىنى كۆرۈپ چىقىش مەقسىتىدە تازلىق ئۆيىگە كىردىم! پاھ، مەن كۆرگەن ئەڭ قولاي تازلىق ئۆيى، ھەتتا يان تەرەپتە ئولتۇرىدىغان كىرىسلو شەكلىدىكى ئورۇندۇقمۇ باركەن! كىيمىمنى شۇنچىلىك ئازادە ھالدا ئالماشتۇرىۋالدىم، گىرىملىرىمنىمۇ تۈزىۋالدىم.

شۇنداق ئوخشىغان لاتىيدىن ھوزۇرلىنىۋالدىم، ھەر كۈنى شۇ كۈننىڭ سوۋغىسى سۈپىتىدە ئوقۇۋاتقان قالتىس جۈملەمنى ئوقۇپ، تەرجىمىمۇ قىلىۋالدىم! بۇ كۆڭۈللۈك پەيت خاتىرىسى سۈپىتىدە رەسىمگىمۇ چۈشىۋالدىم!

قەھۋەخانا سائەت 6:00 تاقىلىدىغان بولغاچ موماي ئالدىمغا ئۆزۈر ئېيتىپ كەلدى. مۇنداق ۋاقىتتا قەھۋەخانا تاقاش كەم ئۇچرايتتى. بەلكىم، ئائىلە قەھۋەخانىسى بولغاچ شۇنداقتۇ

رەھمەت ئېيتىپ قەھۋەخانىدىن چىقتىم.  بىكەتكە ئاز قالغىنىمدا تېلىفۇنۇمنىڭ توك قاچىلىغۇچىنى قەھۋەخانىدا ئۇنتۇپ قالغىنىمنى بايقىدىم ھەم ئارقامغا ئۆرۈلگىنىمدە قەھۋەخانا خوجايىنىنىڭ (ئوغۇلىنىڭ) يۈگىرەپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم!

بۈگۈن ماڭا ياخشى ئادەملەرلا ئۇچرايدىغان كۈن بولسا كېرەك! ئۇنىڭغا رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ خوشلاشتىم.

روھىمغا سەپەر

 

مەن بۇ يىلقى تۇغۇلغان كۈنۈمنى ھاياتىمدا ئەڭ قالتىس ئۆتكەن تۇغۇلغان كۈن دەپ بىلدىم!

ھېچكىمدىن تۇغۇلغان كۈن تەبرىكى، سوۋغىسى تەلەپ قىلمىدىميۇ، شۇنداق تاتلىق، رىياسىز ئىنسانى مىھرمۇھەببەت، كۆڭۈل سوۋغىلىرىغا ئېرىشتىم. بۇ يېقىملىق مىھرلىك قەلبلەرنىڭ تۇيۇقسىز كۆڭۈل سوۋغىلىرى ئاللىقاچان نەچچە كۈن ئۆتكەن بۈگۈنمۇ ئويلىسام ھېلىمۇ قەلبىمدە ئىللىق سىزىم پەيدا بولىدۇ.

مىتىرودا گۈزەل يېزا مەنزىرىلىرىدىن پاتپات ھوزۇر ئالغاچ كىتاب ئوقۇش ماڭا نەقەدەر گۈزەل تۇيغۇ بېغىشلىدى. مىھمانخانىغا چۈشكەن كۈنۈمدىكى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا مىھمانخانا خوجايىنىنىڭ «كىچىككىنە سوۋغا» دەپ ئۈستەلگە ئالدىمغا قويغان مىۋىسى، ئەتىسى سەھەردە تاپشۇرىۋالغان دوستۇمنىڭ ئوماق ئوغلىنىڭ گىتار بىلەن ئېيتقان تەبرىكى، قەھۋەخانا خوجايىنىنىڭ ئوماق تۇغۇلغان كۈن تەبرىك تورىتى، بالىلار ۋە بالىلارنىڭ دادىسىنىڭ مېنى ھەيران قالدۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىغان سوۋغىلىرى، دوستلىرىمنىڭ مەن ئۈچۈن تەييارلىغان چىرايلىق دوستىخىنىھەممىسى مېنى ئالەمچە خۇشاللىق ئاتا قىلدى.

 بۇ سەپىرىمنى روھىمغا قىلىنغان سەپەر دەپ ئاتىدىم.

بۇ سەپەردە مەن پەقەت ئۆزۈمگە تايىنىشنى، خۇشاللىقنى باشقىلاردىن كۈتمەسلىكنى تاللىدىم. ئۆزۈمگە ھازىرغا قەدەر نېمىلەرگە ئېرىشىپ، نېمىلەرنى يوقايقىنىمنى  ئويلىنىش ۋاقتى بەردىم.

ھاياتىمىكى چاڭتوزانلار، يارىلار، كېرەكسىزلەرنى ناتونۇش جايلاردىكى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتتىم.

خىزمەت، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئۇنتۇلۇپ قالغان مىللەت، دىن، ئۆرپئادەت، كىملىكتىن ھالقىغان ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تىلى بولغان ئىنسانى مىھرمۇھەببەت تۇيغۇلىرىنى قايتا تېپىۋالدىم.

مەندە قالغىنى، مىننەتدارلىق، ئۈمىد، مۇھەببەت، ئەپۇچانلىق، گۈزەل ئەسلىمىلەر بولدى.

**************

رەيھان ئابلەت

رەتلەپ يېىزلىغان ۋاقىت: 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى  چارشەنبە

تارقىتىڭ...
  1. قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ❤️

  2. سالام سىڭلىم. بۇ يىللىق قۇتلۇق كۈنىڭىزنى بەكمۇ ئۇنتۇلغۇسىز ئۆتكۈزۈپسىز. خاتىرىڭىزنى زوق بىلەن تولۇق ئوقۇدۇم. چىن ھېسلىرىڭىزنى، ئىنچىكە كۈزىتىشلەرەڭىزنى قارىماققا ئاددىي، ئەمما بەكمۇ جانلىق يېزىپسىز. ئافىرىن سىزگە. شۇنداق، ئەڭ كىچىك ئىشلاردىن مىننەتدار بولۇپ ياشاش ئادەمنى يېنىك ياشاش، خوشال ياشاششقا مۇيەسسەر قىلىدۇ.❤️

  3. بەك گۈزەل تۇغۇلغان كۈن ساياھىتى بۇلۇپتۇ
    پەرداسسىز ،ئۇچۇق -يورۇقلۇق بىلەن يېزىلغان يازممىلىرىڭىزدىن بىزمۇ ھوزور ،ئىلھاملار ئالدۇق،ھارمىغايسىز

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

روھىمغا

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى