ئاياللاردىكى ھامىلدارلىق، تۇغۇتتىن كېيىنكى روھى توسالغۇ ۋە يېڭىش تەدبىرلىرى

4,147 قېتىم ئوقۇلدى

بىز زۇكامداپ قالساق، بىرەر يىرىمىزدە  بىئاراملىق كۆرۈلسە دوختۇرخانىغا بارىمىز، كۆرگەنلىكى ئادەملەرگە ئاغرىقلىرىمىزنى سۆزلىيەلەيمىز، دورا ئېچىپ ساقىيالايمىز. ھالبۇكى، ھېچبىر ئىنسان بۇ ھاياتىدا قۇتۇلالمايدىغان قەلب يارىلىرىمىزنى كۆرگەنلىكى ئادەمگە دىيەلمەيمىز، قانداق دورا بىلەن ساقىيدىغانلىقىمىزنى بىلەلمەي پۇچىلىنىمىز، نەتىجىدە بۇ يارىلار تېخىمۇ كېڭىيىپ قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان ئېغىر ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ. بولۇپمۇ ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى روھى جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەر نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىنى ئاستۈن – ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ. ھەتتا، بەزى پاجىئەلەرگە سەۋەب بولىدۇ.

بىر ئايال، بىر ئانىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلىقى سىز بىلىدىغان يالغۇز جان ۋە جەڭدىن نىشان تۇغۇت ئازابىلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى يەنە روھى جەھەتتىكى نۇرغۇنلىغان توسالغۇلار ئىكەنلىكىنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ چۈشىندىغان، بىر ئانىنىڭ ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇت مەزگىلىدە تەن سالامەتلىكىدىن باشقا روھى جەھەتتىنمۇ قانچىلىك خورايدىغانلىقىغا بولغان چۈشەنچىمىز كەم بولۇپ كەلدى.

بۈگۈن دەل  بىزسەل قاراپ كېلىۋاتقان ھامىلدارلىقنىڭ ئالدى كەينىدىكى ھورمۇن ئۆزگىرىشلىرىنىڭ بىر ئايالنىڭ روھى دۇنياسىغىمۇ قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

بۇ –  يالغۇز ئانىلارلا  ئەمەس، دادىلار،  نىكاھلىق بولۇش ئالدىدىكى قىز – يىگىتلەر، جەمىئەتتە ياشاۋاتقان ھەر بىر كىشى  بىلىشكە تىگىشلىك نازۇك بىلىم دەپ قارايمەن.

ئەسلىدىكى مۇلايىم، خۇشچاقچاق، سۆيۈملۈك ئايالىڭىز تۇرۇپلا بەغەرەز، تەرسا، ئۇششۇق، ھەتتا، چۈشكۈن بىرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟

 

くちなしの花 ー 八代亜紀

 

ئاياللار نېمىشقىدۇر تۇغۇتتىن كېيىن بىردىنلا تەرسا،  يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈنمۇ كۆڭلى يېرىم بولىدىغان، ئاسانلا يىغلايدىغان، ئازابلىنىدىغان، ئۆزىنى ماغدۇرسىز، كۈچسىز ھېىس قىلىدىغان، بوۋاققىمۇ يىتەرلىك كۆڭۈل بۆلەلمەيدىغان   بولۇپ قالىدۇ.

بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى – ئاياللىق ھورۇموننىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت. يەنى، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە توپلانغان ئېستىروگىن ۋە پىروگېستېرون تۇغۇتتىن كېيىن بىراقلا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

ئاياللىق ھورمۇن ھىسياتنى كونتىرۇل قىلىشقىمۇ كۈچلۈك  تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقتىن بەدەندىكى تۇيۇقسىز بۇ چوڭ ئۆزگىرىشلەردە ئاياللارنىڭ روھى بىسىملارغا بەرداشلىق بىرىش كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇشلار كۆرۈلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا تۇغۇتتا بەدەن كۈچىمۇ كۆپ خورايدۇ، سالامەتلىك تېخى تۈزۈك ئەسلىگە كەلمەي تۇرۇپلا بوۋىقىنى ئېمىتىش، زاكا ئالماشتۇرۇش، يۇيۇندۇرۇش… دىگەندەك ئانىلىق خىزمەتلەر باشلىنىپ كېتىدۇ

بالىنى ساغلام چوڭ قىلالارمەنمۇ؟ ياخشى بىر تەربىيەلەپ چىقالارمەنمۇ؟» دىگەندەك ئەندىشىلەرمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە!

 مانا مۇشۇ نوقتىلاردىن قارىغاندا، تۇغۇتتىن كىيىنكى 3- 10 كۈنگىچە بولغان ئارلىقتا يېرىمدىن كۆپرەك ئانىلاردا يىنىك دەرىجىدىكى روھى  توسالغۇ ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. 

بۇ پىسخولوگىيەدە“ maternity blue“  دەپ ئاتىلىدۇ. (مۇۋاپىق ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى بىلەلمىدىم، بىلىدىغانلار ئەسكەرتىپ قويساڭلار)

بۇ خىل ئالامەت نورمال ئەھۋالدا بىرەر ھەپتىدە ياخشى بوپقالىدۇ، بىراق، بەزى كىشىلەردە ئېغىرلىشىپ رەسمىي يوسۇندا تۇغۇتتىن كىيىنكى روھى كېسەل بولۇپ داۋالانمىسا بولمايدىغانلارمۇ بولىدۇ.

تۇغۇتتىن كىيىن گېپى ئازلاپ، روھسىزلىنىپ كىتىۋاتقان بولسىمۇ «نورمال» دەپ ئويلاپ، ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان، داۋالاش كېچىكىپ كېتىدىغان ئەھۋالمۇ يوق ئەمەس. تۇغۇتتىن كىيىنكى ئىككى ھەپتە ئالامەتلەرنىڭ يۇقىرى باسقۇچى دىيىلسىمۇ،  يەنىلا بىرەر يىل دىققەت قىلىش كېرەك دەپ قارىلىدۇ.

 

تۇغۇتتىن كىيىنكى  روھى توسالغۇلارنىڭ ئالامىتى

(1) بوۋىقىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئاۋارىچىلىق دەپ قاراش، ئانىلقتىكى لەززەتنى ھېس قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە بەكلا چارچاپ كېتىش.
(2) بوۋاقنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا بىئارام بولۇش.
(3) بوۋىقىغا نېمىشقىدۇر ئامراقلىق قىلالماسلىق.
(4) يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ئازابلىنىش، يىغلاش.
(5) “ بالىنى تۇغمىسام بوپتىكەن “ دىيىش
(6) نېمىشقىدۇر بالا بىلەن تەڭلا ئۆلۈشنى ئويلاش ، بۇنى ، قەتئى سەل قاراشقا بولمايدىغان ئەڭ ئېغىر ئالامەت دىيشكە بولىدۇ.

 

 

بۇ خىل ئالامەتلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟

(1)

بارچە مەسئۇلىيەتنى يالغۇز بىر ئۆزىڭىزلا ئۈسىتىڭىزگە ئېلىۋالماڭ

يەنى، ئائىلە ئىشلىرى، بالا بېقىش دىگەنلەرنى يالغۇز ئۆز ئالدىڭىزغا تارتىۋالماي يولدىشىڭىزنى ياردەمگە چاقىرىڭ. يولدىشىڭىز مەلۇم سەۋەب بىلەن يىنىڭىزدا بولمىغان شارائىتتا يېقىنىڭىزدىن بىرى يېنىڭىزدا بولسۇن.

 

(2)

ئايالىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈڭ

بۇ مەزگىل ئايالىڭىزنىڭ ھاياتىدىكى روھىمۇ، تىنىمۇ ئەڭ ئاجىز، ئەڭ نازۇك  بىر مەزگىلى.  بىر ئەرنىڭ بۇ مەزگىلدىكى ئايالىغا بولغان كۆيۈنىشى، ئاسرىشى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ مۇھىم.

كۈندۈزلىرى خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ئەتىگەن -ئاخشاملىرى، ھەپتە ئاخىرلىرى ئائىلە ئىشلىرى، بالا بېقىش دىگەنلەرنى ئۈستىڭىزگە ئېلىپ، سۆيۈملۈك ئايالىڭىزغا  تاتلىق بىر ئۇخلىۋىلىشنى، دىل ئاراملىقنى سوۋغا قىلىڭ، بالىڭىزنىڭ چوڭ بولۇش جەريانىدىن ھوزۇرلىنىڭ.  سىزگە ئەڭ مۇھتاج قەدىرلىكىڭىزگە كىچىككىنە بولسىمۇ شەخسى بوشلۇق يارىتىپ بىرىڭ، «جاپا تارتتىڭىز، رەھمەت»، «قانداقراق تۇرىسىز؟» دىگەندەك ئۇنىڭ كۆڭلى كۆتۈرىلىدىغان سۆزلەرنى كۆپرەك قىلىپ بىرىڭ.

 

(3)

داۋالاش ئورۇنلىرى بىلەن مەسلىھەت قىلىش

ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسىڭىز، ئاياللار بۆلۈمى ياكى پىسخىكىلىق داۋالاش  بۆلۈمىگە بېرىپ مەسلىھەت ئېلىپ بېقىڭ. ئانا سۈتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغان دورىلار بىلەن يىنىكلەپ قالغانلارمۇ ئاز ئەمەس.

( بىزنىڭ ئۇ يەرلەردە بۇ خىل مەسلىھەت ئورۇنلىرى يوق دىيەرلىك ھەم كۆپلىگەن ئاياللارنىڭ بۇ خىل ئىمكانىيتى يوقمىكىن دەپ ئويلايمەن، شۇنداقتىمۇ بىر ئامالى چىقارمىكىن دەيمەن)

 

(4)

بەك مۇكەممەللىك قوغلاشماڭ

خىزمەت، ئۆگىنىشلەردە مۇنەۋۋەر، ئۆزىگە يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان ئاياللار ئىشلارنىڭ مۇكەممەل بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ھەم تۇغۇتتىن كىيىنكى روھى توسالغۇسى ئېغىرراق بولۇپ كېتىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن،  ئائىلە ئىشلىرى، پەرزەنت تەربىيەسى دىگەنلەرنى مۇكەممەل قىلىمەن دەپمۇ قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئۆزىڭىزگە، ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە بولغان تەلىپىڭىزنى سەل تۆۋەنلىتىڭ، ئازادىلىك بېرىڭ.

 

(5)

بۇ خىل ئالامەتلەرنىڭ ئەڭ ئېغىرى «ئۆلۈپلا كەتسەمچۇ!» «بالا تۇغمىسام بوپتىكەن» دىگەندەك ئويلارغا كېلىپ قېلىش ھەم شۇ نوقتىغا بېرىپ قېلىش.

ئەگەر، ئۆزىڭىزدە مۇشۇ خىل ئەھۋالنى بايقىسىڭىز بەدىنىمنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايدىغان بالىڭىز بىلەن يالغۇز قالماڭ، ئامال بار ۋاقتىدا دوختۇغا كۆرۈنۈڭ.

خۇلاسە كالام : ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇت بىر ئايالنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ نازۇك ھەم ئاياللارنىڭ روھى ۋە  تىنى  ئەڭ ئاجىز بىر مەزگىلى.
بۇ مەزگىلدىكى ئايالىڭىز، قېرىندىشىڭىز، دوستىڭىزغا  ئەڭ ياخشى مۇئامىلىڭىزنى قىلىڭ، ئۇنىڭغا كىچىككىنە خۇشاللىق، كىچىككىنە ئازادىلىك بىرىشنى بىر گۈزەل ئىنسانچىلىق دەپ بىلىڭ.

يېقىندا ھامىلدار بىر دوستىمىزنىڭ قالدۇرغان ئىنكاسى ھەم بەرگەن سۆزۈم ئۈچۈن بۈگۈنكى يازمىنى تەييارلىدىم.
بىلىشىمچە، ھامىلدارلىققا ئائىت ساۋاتلار، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ -يېتىلىشى، ئانا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار… قاتارلىق ئەقەللىي ساۋاتلارغا تور دەرسلىرى ۋە كىتاب – يازمىلار بىلەنمۇ ئېرىشكىلى بولىدۇ.
لېكىن، روھى دۇنياسىغا ئائىت مەزمۇنلار كەمچىلمىكىن دەپ قاراپ بۇ مەزمۇندا توختالدىم. سىزگە ۋە بارلىق مۇشۇ مەزگىلدىكى دوستلارغا ئاز – تولا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بوۋىقىڭىزنى سالامەت قولىڭىزغا ئېلىشىڭىزنى، ھاياتىڭىزدىكى بۇ نازۇك دەملەردىن سالامەت ئۆتۈپ كېتىشىڭىزنى تىلەيمەن~♥️

 

 

******************************

پايدىلانغان مەنبە: 「 女性のうつ病 」

 

 تەرجىمىدە:  رەيھان ئابلەت

 

  1. تۆۋەندىكىسى دوستۇم گۈلنىڭ بىر نەچچە يىل بۇرۇنقى چەمبىرەكلەردە ئېقىپ يۈرگەن يازمىسى ئىدى، ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويدۇم.

    ھامىلىدار ۋاقتىدا سېزىكلىك دەردىدە تۈزۈك بىر نەرسە يېيەلمەيدۇ،ئۇنى ئازدەپ كېچىلىرى قۇرسىقىنى قويىدىغان يەر تاپالماي،تولا ئۆرۈلۈپ ئۇخليالمايدۇ ،بالا چوڭلىغانچە بەدەنگە بولغان بېسىم ئېشىپ ھېلى قان ئازلىق،ھېلى قان بېسىم،ھېلى ماغدۇرسىزلىق،ھېلى ئىشىپ كېتىش دېگەندەك تۈرلۈك ئۆزگىرشلەر ئۇنى ھارغۇزۇپ قويىدۇ،كەيپىياتىنى تۇراقلىق تۇتۇشمۇ بىر مەسىلە!
    تېخى نېمە يىگۈڭىز بار دەپ بىرەر كۈن بولسىمۇئۇنىڭ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ قويىدىغان يېقىنى بولمسا ئىش تېخمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ.
    ئەسلى شۇ كۈنلەر ئايالىڭىزنىڭ ئېغىر كۈنلىرى…
    سىزگە ناھايىتى مۇھتاج كۈنلىرى…
    ئايالىڭىزنىڭ پەۋقۇللادە ئاجىزلاپ قالغان كۈنلىرى… يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلەلەيدىغان كىشىلىرىنى ئىزدە يانلىرىنى سىيلاپ قالغان كۈنلىرى…
    ئارام ئالغۇزۇپ،تېنچلاندۇرۇپ قويىدىغان،تەسەللىي بېرىدىغان،ئىككى ئېغىز يۇمۇرلۇق گەپلىرىڭىز بىلەن كۈلدۈرۈپمۇ قويىدىغان كۈنلىرى……
    ئايالىڭىز ھەرقانچە چىداملىق،ھەرقانچە غەيرەتلىك،ھەرقانچە كەڭ قورساق بولسمۇ،تۇرمۇشتىكى سىزنىڭ ئورنىڭىزنى، رولىڭىز ئالالمايدۇ.
    ئايالىڭىزنىڭ، بىر ئائىلىنىڭ سىزگە بولغان مۇھتاجلىقى كۈنسىرى ئېشىپ ماڭىدۇ.
    قۇۋرغىڭىزدىن يارىتلغان شۇ ئايالىڭىزنىڭ،تومۇرىدا قېنىڭىز ئېقىۋاتقان بالىلىرىڭىزنىڭ سىزگە مۇھتاجلىقىدىن پەخىرلىنىڭ! كۆيۈنىشىڭىز كەملەپ قالمىسۇن.

    – گۈل

  2. يۇقارقى تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئاياللار ساغلاملىقىغا ئائىت مەزمۇننى بۇ ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ.

    http://tokyoxatiriliri.net/?p=442

  3. تۇغۇت ۋە ھامىلدارلىق مەزگىلى ئىنتايىن مۈرەككەپ مەزگىل يۇتتىن ئايرىلىپ ياشاۋاتقان لارغا نىسبەتەن سىرتتىكىلەردىن بەكرەك يېنىدىكى يولدىشىنىڭ ئاغزىدا بولسىمۇ كۈيۈنىشى بۇ جەھەتتە چۈشەنچىسىنىڭ دۇرۇس ،سەمىمى بۇلىشى ھەر قانداق ئىشتىنمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ ،ئايال كىشىنىڭ تۇغۇت جەريانىدىكى روھى بېسىم توغرا چۈشىنەلمەي
    قالسا يازمىدا دىيىلگەندەك ئىش ئوخشاپ ئۇزۇن مەزگىل خامۇشلۇق ياكى يېرىم خامۇشلۇقتىن قۇتۇلالماي قالماستىن ،ئۈزى يالغۇز ناچار ئايلانمىنىڭ ئىچىدە يالغۇز مۇجادىلە قىلىشقا توغرا كىلىدۇ ،ئاللاھ ھىچكىمنى بۇنداق كۈنگە قويمىسۇن

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ئاياللاردىكى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى