يىراق ۋە يېقىن ( ئاۋازلىق)

1,811 قېتىم ئوقۇلدى

ساڭا ئەينەك بولالايدىغان، ۋاقتى كەلگەندە ۋۇجۇدۇڭغا جان قوشالايدىغان، سېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇڭنى ئۆز مەۋجۇتلىقىدا كۆرەلىگەن شۇ ساناقلىق ئادەملىرىڭ ھاياتلىق يەلكىنىڭنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ قۇۋۋىتى ئىدى.

سانسىزلىغان ئادەم توپىدا سېنى تەنھالىقنىڭ سوغۇق ئېقىملىرىدا جۇغۇلداتمىغان كىم؟ – يېقىنىڭ ئىدى.

شۇنچە چۇقانلار ئىچىدە شىۋىرلاشلىرىڭنى تىڭشىيالىغان كىم؟ – يېقىىنىڭ ئىدى.

ھاياتنىڭ قويۇق تۇمانلىرى ئىچىدە تېڭىرقاپ قالغان سېنى قولۇڭدىن تۇتۇپ ماڭالىغان كىم؟ – يېقىنىڭ ئىدى.

كۈلۈپ تۇرغان يۈزلىرىڭدە ھەسرىتىڭنى بايقىۋالالىغان كىم؟ – يېقنىڭ ئىدى.

يىقىلغان كۈنلىرىڭدە ئۈنسىز كىلىپ قولۇڭنى تۇتقان كىم؟ – يېقىنىڭ ئىدى.

ئويلىرى، كۈلكىلىرى، ياشلىرىنى ئەنسىرىمەستىن، بىزىمەستىن ئىپادىلىيەلىگەن كىم؟ – يېقىنىڭ ئىدى…

مىغ – مىغ كىشىلەر توپىدا ئەنە شۇ «يېقىنلىق» نى سېغىنغان دەملىرىڭىز بولغانمۇ ؟

 

ئاپتۇرى:  رەيھان ئابلەت

مىكروفۇن ئالدىدا : شىرىنئاي ئابدىھىلىم

يىراق ۋە يېقىن

 

يازمىلىرىم ئىچىدە بۇ يازمامغا باشقىچە كۆڭلۈم بار… بەزىلەردە قەلبىم تىمتاسلىققا تولغان كۈنلىرى باشقا بىراۋنىڭ يۈرەك تىۋىشلىرىنى تىڭشاۋاتقاندەك  قايتا – قايتا ئاڭلاپ چىقىمەن… يۈرىكىمنى ماڭا تاتلىق ئاۋازى بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگەن شىرىنئايغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

ھاياتتىكى يوقىتىشلارنىڭ ئىچىدە مانا مۇشۇ «يېقىنلىق» نى يوقىتىشتىن ئارتۇقى، ئېغىرى بولماس…

«مەن بار!» دىگەن ئاۋازنى ئاڭلىغۇم كەلدى……….!

 

**************************

 

تولۇق يازما نۇسقىسى:

    http://tokyoxatiriliri.net/?p=1694

 

تارقىتىڭ...

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

يىراق

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى