گايۋېنچ: قەلب يارىلىرىڭىزنى ئۆزىڭىز داۋالاش تەدبىرلىرى

2,149 قېتىم ئوقۇلدى

ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن شۇ ئېنىق بولدىكى، قەلىب يارىلىرىڭىزنى كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرىش ئەكسىچە يارىلىرىڭىزنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىش ئىھتىمالىمۇ بار يەنى، يارىلىرىڭىزنى داۋالاش ئۈچۈن قوللانغان خاتا تەدبىرئەسلىدە ئوڭشىلىدىغان يارىلىرىڭىزنىمۇ ساقايماس ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

ھاياتلىقتا قەلبى يارىلانمايدىغان بىرمۇ ئىنسان يوق! بىز ھەر كۈنى چىش چوتكىلىغىنىمىزدەك، زۇكام بولۇپ قالساق، بەدىنىمىزنىڭ مەلۇم يېرى ئاغرىسا ۋاقتىدا دورا ئىچىپ تەدبىر قوللانغىنىمىزدەك قەلبىمىزدىكى يارىلارنىمۇ ۋاقتىدا داۋالاپ تۇرمىساق، بۇ يارىلار ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ – دە، دورا تاپالماس ئەھۋالغا بېرىپ قالىمىز.

تەكلىپ : قەلبىمىزنىڭ مەلۇم يىرىگە «دوختۇر ساندۇقى» قويۇپ قويايلى، لازىم بولغاندا ئاچىمىز- دە، ئۆزىمىزگە دورا بېرىمىز.

-كىتابتىن پارچە

 

 

Miyuki Ishikawa – Love Story

 

تۆۋەندە تونۇشتۇرىدىغىنىم دەل سىزگە دورا بولالايدىغان، دۇنيا مىقياسىدا ئالقىشقا ئېرىشكەن پىسخولوگىيەگە ئائىت كىتاب.

كىتابتا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئۇچرايدىغان يەتتە خىل قەلب يارىلىرىنىڭ ئالامىتى ھەم ئۇنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرى تونۇشتۇرۇلغان.

ئۇشبۇ كىتابتا تونۇشتۇرۇلغان داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئەڭ يېڭى پىسخولوگىيە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئاساس قىلغان ھەم ھەقىقى تەكشۈرۈلۈپ داڭلىق ئىلمىي ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان  ئىشەنچىلىك نەزىرىيەلەرنى مەنبە قىلغان ·يەنى، ئۇشبۇ كىتابتا ھەر قانداق ئادەم كۈندىلىك تۇرمۇشتا دۇچ كېلىدىغان رەت قىلىنىش، مەغلۇپ بولۇش، ئىشەنچىنى يوقىتىش، موھىم ئادىمىنى يوقىتىش..قاتارلىق يەتتە خىل ”يارا“نى داۋالاش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلىدۇ. بەزى داۋالاش تەدبىرلىرىنى بىلىۋالساق ئۆزىمىز، ئائىلىدىكلىرىمىز ۋە دوستلارغىمۇ يارىدەم قىلالايمىز. سىزگە ئاجىزلاشقان، يارىلانغان ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز داۋالىيالايدىغان، تەپەككۇرىڭىزدىكى تۈگۈنلەرنى يېشىپ، دۇنيانى تېخىمۇ كەڭرىپ قالغاندەك كۆرسىتىپ بېرىدىغان، ئۆزۈممۇ بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇغان بۇ كىتابنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ياپونچىسى : 自分で心を手当する方法

ئىنگىلىزچىسى : Emotional first aid

ئاپتۇرى : نىيۇيورك ئۇنۋىرىستىتىنىڭ تىببى مەركىزىنىڭ پىسخولوگ دوختۇرى گاي ۋىنچ

2012- يىلى ئەسلى نۇسقىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 2016-يىلى9- ئايدا ياپونچە نۇسقىسى نەشىردىن چىققان ·

كەمىنە ئوقۇغان كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى تەۋسىيە قىلىپ يۈرمەيمەن، بىلىسىزغۇ؟🙃 بىراق، بىرەر يۈز پارچە كىتاب بېرەلمىگەن ئوزۇقنى بېرەلەيدىغان مۇنداق بىرەر كىتابنى قايتىلاپ تىلغا ئەپقالىمەن. 🤓

ئاپتۇرنىڭ تۆۋەندىكى كىتابلىرىنىمۇ ئوقۇپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.

 

 

 

خوش، ئەمدى كىتابتىن ئېلىنغان ئۈزۈندىلەر بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇراي:

ھەرقانداق ئادەمدە باشقىلار تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنىش ئىستىكى بولىدۇ. بۇ ئىستەك قاندۇرۇلمىغاندا ۋۇجۇدى  يارىلىنىدۇ.

*

قارشى تەرەپ سىز ئويلىغان دەرىجىدە سىزنىڭ يامان تەرەپلىرىڭىزنى ئويلاپ كەتمەيدۇ. رەت قىلىنغانلىق سەۋەبىدىن يارىلانغان قەلبىڭىزنى ھېچقانداق پاكىتى يوق ئۆزىڭىزنى تەنقىد قىلىش بىلەن تېخىمۇ يارىلاندۇرۇش بەكلا ئىچىنىشلىق. ئاغرىۋاتقان يارىلىرىڭىزغا يەنە تۇز سېپىشنىڭ ھاجىتى يوق

*

پىسخولوگىيە تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، نورمال ئەھۋالدا ئادەمنىڭ ھەركۈنى گۇناھ تۇيغۇسىدا بولىدىغان ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى سائەت بولىدىكەن. بۇ خىل تۇيغۇ ۋۇجۇدنىڭ قىلسا بولمايدىغان ئىش ئۈچۈن بەرگەن سگنالى ھېسابلىندىكەن. يەنى، بۇ خىل يىنىك گۇناھ تۇيغۇسى بىزنىڭ ئالغا بىسىشىمىز ئۈچۈن كۈچ بولسا، ئېغىر گۇناھكارلىق تۇيغۇسى قەلبنىڭ زەھىرى ھېسابلىنىدۇ.

*

باشقىلارنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن «ياق » دىيەلـمىگەندە ، قارشى تەرەپ سىزنىڭ قىلىۋاتقانلىرىڭىزنى پەقەتلا قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى دەپ قارايدۇ .
بۇنىڭ ئۈچۈن كۆز ـقارشىڭىزنى ئىنىق ئوتتۇرغا قويۇش تەكىتلىنىدۇ ، يەنى ، ھۆرمەتلىنىشنى خالىسىڭىز ، قارشى تەرەپكە ھۆرمەتلىنىشكە لايىق ئىكەنلىكىڭىزنى يەتكۈزۈڭ ، بولـمىسا قارشى تەرەپ پەقەت ئۆزىنىلا ھۆرمەتلىك دەپلا ئويلاپ قالىدۇ .

*

باشقىلاردىن ئازار يىگەندە ، ئۆزىڭىزنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىڭىزنى ئەيىپلىمەڭ ، ئەكسىچە ئۆزىڭىزگە بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ ھەم ئازار يىگەن قەلبىڭىزدىن ئەپۇ سوراڭ . قەلبىڭىزنىڭ ئىمۇنىت كۈچى ئاشىدۇ .

*

قىلالىسىڭىز سىزنى ئۆزىڭىز خالىمىغان ئىشلارغا تەكلىپ قىلىدىغان كىشىلەردىن يىراق تۇرۇڭ .
قىسقىسى ، كىشلىك تۇرمۇشتا بۇ خىل ئەھۋاللاردىن يىراق تۇرماق تەس بولىشى مۇمكىن ، بىراق ، ئالدى بىلەن قەلبىڭىزنىڭ خاھىشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىڭىز تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

*

ئازاب – قىيىنچىلىق ئىچىدە ئادەم تېخىمۇ ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ.

شۇ تاپتىكى قىيىنچىلىق سىزنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرىدۇ. نىشان تېىخىمۇ روشەنلىشىپ، دىققەت مەسىلىگە مەركەزلىشىشىدۇ.
ھەر قانچە ياقتۇرمىغانلىرىڭىزدىمۇ سىز ئۆگىنەلەيدىغان نەرسە بولىدۇ.
موھىمى ئازاب ئىچىدىن نېمە ئۆگىنىۋالالايدىغانلىقىمىزغا دىققەت قىلايلى.
شۇ قىيىنچىلىق، ئازاب ئىچىدە ھەل قىلالايدىغان ئۇسۇل، مەلۇم چىقىش يولى بولىدۇ.
كىمنىڭ دوست كىمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز.
ۋۇجۇدىڭىزدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە كاۋاكلارنى كۆرۈپ يىتەلەيسىز.
قىيىنچىلىقتىن ئالغان ساۋاقلىرىڭىز كەلگۈسىدە چوڭ ئۇتۇقلارغا سەۋەب بولشىمۇ مۇمكىن.

كىتابتىن قىسمەن پارچىلار

**************************

تەرجىمىدە ۋە تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

 

يېقىندا قولۇمغا چىقىپ قالغان بۇ كىتابدىن پارچىلارنى كونا يازمامغا كىرگۈزۈپ قويدۇم ھەم قايتا يوللاپ قويدۇم~ 

تارقىتىڭ...

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

گايۋېنچ:

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى