ھەر بىر كۈنگە ئاتالغان ئىجابىي ئويلار/نويابىر

906 قېتىم ئوقۇلدى

 

2023.11.1

«قىلالمايمەن» پەقەتلا بىر قىياس، خالاس

مۇمكىن بولۇش ئىھتىمالىنى چەكلەيدىغان بىردىنبىر نەرسە-«قىلالىشىم مۇمكىن ئەمەس»دەپ ئويلىۋالىدىغان ئۆزىڭىز.

 

 

 

Garden secret -Richard clayderman

 

2023.11.02

مۇكەممەللىك قوغلاشقاندىن كۆرە، تەپەككۇرىمىزنى ئۆزگەرتىپ باقايلى

تۇرمۇشتا جاپا-مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىقلار ئەگىپلا يۈرىدۇ.  يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق بولغىنىدەك، خۇشاللىقلا ئەمەس، قايغۇ ۋەئازابنىڭ تەمىنى تىتىپ بېقىشمۇ ئىنساننىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان جەريان.

ھازىرقى قىيىن كۈنلىرىمىزدىن ھالقىساقلا، بىزنى كۈتۈپ تۇرغىنىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولغان ھايات ئېكەنلىكىنى بىلسەك  تېخىمۇبەخىتلىك بولالايمىز.

ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگەنگەندە، قىيىن ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئىشلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرەلەيدىغان بولىمىز. ھازىرنى، ئۆتۈپ كەتكەن كەچۈرمىشلىرىمىزنى ئىجابىي قوبۇل قىلالايدىغان بولىمىز.

 

2023.11.03

ھۆرمەت،مىھرىبانلىق، مۇھەببەت

مەن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە، مىھرىبانلىقىغا، شۇنداقلا مۇھەببىتىگە لايىقمەن.

باشقىلارنىڭ دىققەت-ئىتىبارىغا ئەرزىيمەن.

كەچمىشلىرىم تولىمۇ قىممەتلىك.

مەۋجۇتلۇقۇمنىڭ ئەھمىيتى بارھەم سۆيۈلىۋاتىمەن.

 

 

2023.11.04

زۆرۈر بولغىنىنى قىلىش

 

ھەممىنى تاشلىۋەتكىڭىز بولسا، تاشلىۋىتىڭ.

يىغلىغۇڭىز كەلگەن بولسا، يىغلىۋىلىڭ.

ئاچچىقىڭىز كەلگىنىنى بايقىسىڭىز، ئاچچىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلىڭ.

ئۇسسۇل ئوينىغۇڭىز بولسا، ئوينىۋىلىڭ.

يىغلىۋىلىش، سەمىمىيلىك بىلەن بىلەن ۋۇجۇدىدا پەيدا بولغان بارچە تۇيغۇلارنى قوبۇل قىلىشلارنىڭ روھى بېسىمنى يېنىكلىتىپ داۋالاش ئۈنۈمى بار.ئۇسۇل ئويناش ئارقىلىق روھى-كەيپىياتنى يېڭىلىغىلى بولىدۇ.

«ئۇنى قىلسام بولمايدۇ، بۇنى قىلسام بولمايدۇ..» لار بىلەن ئۆزىڭىزگە ھۆكۈم قىلماستىن، ئۆز-ئۆزىڭىزنى تۈرلۈك كىشەنلەر بىلەن چەكلىمەستىن يۈرىكىڭىز ئىھتىياجلىق بولغانلىرىنى قىلىڭ.

 

 

2023.11.05

بەخىت-يېتىشتۈرىدىغان نەرسە

بەخىتنى ئۆزىمىز تاللايمىز، باشقىلار بىزگە بەرمەيدۇ ھەم بېرەلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىمىزنىڭ  ئىچكى دۇنيارىمىزدىن تاپالايمىز. ئوت يالقۇنىنى ئۆزىمىز ياندۇرۇپ، ئۆزىمىز كۆيدۈرىمىسەك بولمايدۇ.

قانداق ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنى خۇشال ھېس قىلىسىز؟ قانداق ۋاقىتتا قەلبىڭىز تىنچلىنىدۇ؟ ۋاقىتنىمۇ ئۇنتۇلدۇرغۇدەك دەرىجىدە سىزنى مەشغۇل قىلدۇرالايدىغان نەرسە زادى نېمە؟

شۇنداق، دەل ئۆزىڭىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئىشنى قىلىش! قەلبىڭىزگە ئوت ياقالىغۇدەك ئىشلارنى ئىزدەپ بېقىڭ. ھەركۈنىڭىزدىن كىچىككىنە ئىشلاردىن بولسىمۇ خۇشال بولۇشنى  يېتىشتۈرۈپ بېقىڭ.

بەخىتلىك تۇرمۇش دېگىنىمىز، ئەنە شۇنداق كىچىك-كىچىك خۇشال دەقىقىلەرنىڭ يېغىندىسى.

 

 

2023.11.06

ياردەم سوراش ئاجىزلىق ئەمەس

ھەرقانداق ئادەمنىڭ ياردەمگە موھتاج چاغلىرى بولىدۇ. ئۆزى يالغۇز كۆتۈرەلمەيدىغان ئېغىر يۈكنى يەلكىسىگە ئارتىۋىلىش ئۆزىنى پۇشايمان، ئۈمىدسىزلىكتىن باشقا ھېچ نەرسە بولمىغان قاقاسلىققا قاماپ قويغانغا ئوخشاش.

باشقىلاردىن يارىدەم سوراشنىمۇ ئۇنۇتماڭ. باشقىلارغا تايانمانمايدىغان كۈچلۈك بولىۋىلىش ماختانغۇدەك ئىش ئەمەس. بىراۋدىن ياردەم سوراشمۇ كۈچلۈكلۈكنىڭ ئىسپاتى. ياردەم سوراش ئۆزى ھەم سۆيۈملۈك كىشىلىرىنى مۇھىم دەپ بىلگەنلىكنىڭ ئىپادىسى.

ئېھتىياجلىق بىرسىنى كۆرگىنىڭىزدە، ياردەم قولىڭىزنى سۇنغىنىڭىزدەك، ئۆزىڭىزگىمۇ ياردەم قىلىڭ.

سىز يالغۇز ئەمەس. كەڭرى دۇنيادا سىزگە يارىدەم قىلغۇسى بار، ئەڭ ياخشى تۇرمۇشتا ياشىشىڭىز ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ئىشنى قىلغۇسى بار ئادەم چوقۇم بار!

 

(2022.11.06)ئارام كۈنىدىكى گۈزەللىكلەر

 

 

 

 

 

2023.11.07

تەلەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلىش

ئادەم ئۆزى خالىمىغان، تەلەپ قىلمىغان نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەمما، تەلەپ قىلغان، ئېرىشمەكچى بولغانلىرىغا ئېرىشىپ قىلىشى مۇمكىن.

شۇڭا، ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭىزنى تەلەپ قىلىڭ!

 

 

2023.11.08

ئىجابىي تەرەپتىن ئويلىغاندا

ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى-پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش.

ئىجابى تەپەككۇر رېئاللىقنى ئىنكار قىلىش ۋە ياكى ئوڭۇشسىزلىقلارغا كۆزىنى يۇمىۋىلىش دېگەنلىك بولماستىن، پاكىتى يوق ئەنسىزلىكلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماستىن، يىتەرلىك ئۇچۇر ۋە ئەمەلى رىئاللىقنى ئاساس قىلغان ھالدا قارا چىقىرىشتۇر.

پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ئۆزگەرسە، ھەممە ئۆزگىرىدۇ. ئازابلىق كەچۈرمىشنى باشتىن كەچۈرىۋاتقاندا، ئىشنى ياخشى تەرەپتىن ئويلىسىڭىز، قانداق ئشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز.

2022.11.08
422 يىلدا بىر بولىدىغان ئاي تۇتۇلۇش

 

2023.11.09

بۇندىن كېيىنمۇ مەندە چاتاق يوق

«چاتاق يوق» دېگەنلىك مۇكەممەل تۇرمۇشتا ياشاۋاتقىنىمىزدىن ۋە ياكى ھەممە ئىشلارنىڭ ئىلگىرىكىدىن ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىدىنمۇدېرەك بەرمەيدۇ. قانداق ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ، ھامان تەمكىنلىكىمىزگە قايتالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.

شۇ دەمنىڭ ئۆزىدە ياشاۋاتقانلىرىمىز ۋە ياكى ھازىرقى  ھېس-تۇيغۇلىرىمىز قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ھەممىسى پەقەتلا ۋاقىتلىق. ھەممە خۇددى بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارغا ئوخشاش ھامان ئاخىرلىشىپ يوقايدۇ.

مەيلى ئىشلار ئويلىغىنىمىزدەك بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئىلگىرىكى ئۆزىمىزگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر ئادەم بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ يەنىلاھېچقىسى يوق!

 

 

2023.11.10

ئۆزگەرمىگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈش

مەن ئۆزگەرمىدىم ھەم ئۆزگەرگىنىممۇ يوق. قايتا ئۆزگەرتىش زۆرۈرىيىتىمۇ ھەم يوق. قەدىر-قىممىتىم بار، ئەسلىدىكى ھەقىقى مەن شۇ.

 

 

2023.11.11

تۈرلۈك كەيپىياتنى قوبۇل قىلىش

خۇشاللىق، ئىجابى تەپەككۇر دېگەنلەر قايناق تۇرمۇشنىڭ كۈچلۈك ئىپادىسى ھېسابلانسىمۇ، ئەمما قايغۇ-ئازاب، غەزەپ ۋە قورقۇنچ قاتارلىق پاسسىپ كەيپىياتلارمۇ ئوخشاشلا مۇھىم.

ئادىمىيلىكنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ئۈچۈن، پەقەت گۈزەل ھېس-تۇيغۇلارنىڭ بولىشىلا كۇپايىلەنمەيدۇ. پاسسىپ  تۇيغۇلارنىمۇ ئۆز-ئىچىگە ئالغان بارلىق ھېس-تۇيغۇلارنى تىتىپ بېقىش زۆرۆر.

ئادەمنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىدا پەيدا بولغان ھېس-تۇيغۇنى تونۇشنىڭ ئۆزىلا داۋالاش خۇسۇسىيتى بولۇپ، قىيىن ئەھۋاللارنى ھەل قىلىشىغا پايدىلىق. سەلبىي دەپ قارالغان ھېسسىياتلاردىن قېچىشنىڭ ئورنىغا، قوبۇل قىلىشقا تىرىشقان تۈزۈك.

بەزىدە ئادەم كەينى-كەينىدىن ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن كەيپىياتلارغا بەرداشلىق بەرمىسە بولمايدىغان چاغلار بولىدۇ. مۇنداق چاغدا، بۇتۇيغۇلىرىڭىزغا قارشى چىقىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت ھېس قىلىسىڭىز كۇپايە.

ھامان خۇشاللىق ۋە بەخىت تۇيغۇلىرىنى ھېس قىلىدىغان ۋاقىت يەنە كېلىدۇ.

 

 

2023.11.12

ئوي-خىياللىرىنى  كونترول قىلىش

قانداق ھېس قىلىۋاتقىنىڭىز قانداق ئويلاۋاتقىنىڭىز بىلەن باراۋەر. شۇڭا، بىئاراملىق  ھېس قىلىۋاتقان بولسىڭىز، ئويلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ.

ئۆز ئويلىرىنى كونترۇل قىلغىلى بولىدۇ. شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ھاياتىڭىزنى ئەڭ قېيىن ھالدا دەپ ئويلاۋاتقان بولسىڭىز، قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمسىز يوق، ئويلىنىپ كۆرۈڭ.

 

 

2023.11.13

تىنچلىنايلى…

 

ئارام ئېلىڭ،

ئۆزىڭىزگە راھەتلىك بېرىڭ،

ھېچنىمە ئويلىماستىن، ھېچنىمە قىلماستىن تىنىچ ئولتۇرىۋىلىڭ،

چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ،

تۇيغۇلىرىڭىزغا ئەگىشىڭ،

ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ،

ئاندىن، قايتا باشلىسىڭىز بولىدۇ.

 

مەھەللىمىزدىكى كۈز مەنزىرىسىدىن ھوزرۇرلانغان يەكشەنبە سەھەر

 

 

 

2023.11.14

ئۆتمۈشنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ

ئۆتۈپ كەتكەن ئىشنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. دائىملا ئۆتمۈشكە باغلىنىپ قالسىڭىز،ئالغا ئىلگىرلىيەلمەيسىز.

ئۆتمۈشتىن ۋاز كېچىپ، ئەركىن-ئازادە ئۆزىڭىز بولۇپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىڭ.

سىزنىڭ شۇنداق قىلىش ھوقۇقىڭىز بار.

 

2023.11.15 (火)

تەبەسسۇمنىڭ كۈچى

كۈلگىدەك كەيپىيات يوق چاغلاردىمۇ كۈلۈمسىرەپ بېقىڭ.( قىلالامسىز؟ 🤔)جاۋغاي  ئازراق كۆتۈرۈلسىمۇ يېتەرلىك ئۈنۈملۈك.

كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ناچار كەيپىياتتا تۇرۇپ قېلىش تەس. شۇڭا قىيىن ئەھۋالدىمۇ كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قوغداپ قالايلى.

ئەلۋەتتە، بۇنىڭلىق بىلەنلا قىيىنچىلىقنىڭ ھەل بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئەمما، يەلكىمىزدىكى ئېغىر يۈكنىڭ سەل يېنىكلەنگىنىنى ھېس قىلدىغىنىمىز ئېنىق.

تەبەسسۇم بىزگە ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئاراملىق ئېلىپ كېلىدۇ.

تەبەسسۇم ئۆزىمىزگە ھەر ۋاقىت ئاتا قىلالايدىغان سوۋغا.

 

قەلبى تەسكىن تاپىدىغان يەردە بىر پەس تىنىچ ئولتۇرىۋىلىشمۇ ئۆزىنى قەدىرلەشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى، شۇنداققۇ؟

2023.11.16

ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىشنىڭ قۇدىرىتى

باشقىلارنىڭ كۈتكەنلىرىدىن ئۆزىنى ئازاد قىلىش، ئۆزىگە قايتىش ئۈچۈن، ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە قۇدىرىتى بار.

John Didion

 

2023.11.17

كېچىكتۈرۈلگەن «رەھمەت»

ياخشىلىقىڭىزغا رەھمەت.

كۆيۈنگىنىڭىزگە رەھمەت.

ھېچكىم كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ، كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت.

ئورتاقلاشقانلىقىڭىز ئۈچۈن رەھمەت.

ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭىز ھەم ھۆرمىتىڭىز ئۈچۈن رەھمەت.

ئۆزىڭىز بولالىغانلىقىڭىزئۈچۈن رەھمەت.

 

 

2023.11.18

سىز نېمىنى ئۇتۇق دەپ قارىسىڭىز، شۇنىڭ ئۆزى ئۇتۇق

باشقىلارنىڭ ئۇتۇق چۈشەنچىلىرى بىلەن تىڭىرقاپ قالماڭ. سىزنىڭ پەقەت ۋە پەقەت سىزگىلا خاس ئۇتۇق ھېكايىلىرىڭىز بار. ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن نېمىنى ئۇتۇق دەپ قارىسىڭىز، شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشسىڭىز بولىدۇ. ئۇنداقتا، سىز ئۈچۈن ئۇتۇق زادى نېمە؟

.مەندىن: مەن ئۈچۈن ھەر بىر كۈندىكى ئەڭ كىچىك خۇشاللىق ھەم گۈزەللىكنى بايقاشمۇ ئۇتۇقتىن بىرى. تۆۋەندىكىسى دەل  18-چىسلا جۈمە كۈنىدىكى گۈزەللىكلەر

 

توكيونىڭ كۈز پەسلى ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل

2023.11.19

ئارلىشىۋاتقان ئادەملىرىڭىز كەلگۈسىڭىزنى بەلگىلەيدۇ

ھاياتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىناي دېسىڭىز، روھىڭىزنى ئۇرغۇتىدىغان، سىزگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولالايدىغان كىشىلەر بىلەن ئارلىشىڭ.

سىزگە ئۈلگە بولالىغۇدەك ئادەمنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، مۇنداق كىشىلەرگە يېقىنلىشىڭ ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت سىرىنى ئاڭلاپ بېقىڭ.

سەمىمىي كىشىلەر بىلەن ياشاشنى ئۈمىد قىلسىڭىز،غەيرەتكە كېلىپ ئۆزىڭىزنىڭمۇ ئوخشاشلا سەمىمى ئادەم  ئىكەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەڭ.

 

 

2023.11.20

ۋاقىت چەكلىمىسى

«ۋاقىت دېگەن يەنە بار» دەپ ئويلاش توغرا ئەمەس.

بىزنىڭ بىردىنبىر كاپالەت قىلالايدىغىنىمىز، بۈگۈن يەنى،«ھازىر» دەپ ئاتىلىدىغان پەيتتۇر.

ۋاقىت چەكلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ، رېئاللىق بىلەن مۇرەسسە قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا، قالغان ۋاقتىڭىزدا نېمە قىلماقچى سىز؟

 

2023.11.21

ئەپۇچانلىقئۆزىگە كۆيۈنگەنلىكتۇر

كەچۈرىۋىتىشئاخىرىقى ھېسابتا ئۆزىگە قىلىنىغان ياخشىلىق بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئۆتمۈشنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋىتىشتىن دىرەك بەرمەيدۇ.

ئۆزىڭىزنى كەچۈرىۋىتىشنى رەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋەرسىڭىز، بىھۇدە قايغۇ-ئازابلارنى تارتىۋىرىسىز، خالاس.

ئەپۇ قىلالىسىڭىز-ساقىيىسىز، ئالغا ئىلگىرىلەيسىز، يەنە  قايتا باشلىيالايسىز.

 

2023.11.22

تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش

تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلىسەلبىي ئويخىياللىرىمىزنى بايقىغىنىمىزدا ۋاقتىدا تۈزىتىپ مېڭىش.

قايتاقايتا مانا مۇشۇنداق تۈزىتىشلەر جەريانىدا، تەپەككۇرىمىزمۇ تەبىئىيلا ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ.  تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ۋاقىت بىلەن تەكرارتەكرار مەشىق قىلىشقا مۇھتاج.

 

ئاپتاپ، گۈل، قەھۋە ۋە كىتاب

2023.11.23

ئاڭ رېئاللىققا ئايلىنىدۇ

پەقەت ئۆچمەنلىك ۋە ئازابقا ئوخشاش سەلبىي ئىشلارغىلا دىققىتىڭىزنى بەرسىڭىز، بۇلار رېئاللىققا ئايلىنىپ، مەيلى قەيەرگە بېرىڭ، كىملەر بىلەن كۆرۈشۈڭ ئۇلاردىن كۆرىدىغىنىڭىز ئۆچمەنلىك ۋە ئازاب بولىدۇ. كۈتىۋاتقىنىڭىز مۇشۇلار بولغانلىقتىن، مېڭىمۇ ئۆزلىكىدىن شۇلارنى ئىزدەپ تاپىدۇ.

ئەكسىچە،دېققىتىمىزنى ھېسداشلىق، ئاقكۆڭۈللۈك ۋە خۇشاللىقلارغا ئوخشاش يورۇق تەرەپلەرگە قاراتساق، كۆرىدىغىنىمىزمۇ ئاشۇنداق  رېئاللىق بولۇپ،  ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەردىن تاپىدىغىنىمىزمۇ ئورتاق ھىسسىيات، ئاق كۆڭۈللۈك، خۇشاللىق بولىدۇھەم بۇلارنى يەنە كەڭرى دۇنيادىنمۇكۈتەلەيدىغان بولىمىز. كۆپرەك كۆزىمىزگە چىلىقىدىغىنى دەل دىققىتىمىزنى بەرگەن نەرسىلەر بولۇپ،  بىزگە مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرنى ئەسلا ئۇچراتمايمىز.

ئۇنداقتا، سىز دىققىتىڭىزنى قايسى خىل پەزىلەت، تۇيغۇلارغا قارىتىۋاتىسىز؟ دېققىتىمىزنى قارىتىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى كونكىرىت ئويلىنىپ، دېقققىتىمىزنى شۇلارغا قاراتساق، يېتىلدۈرمەكچى بولغان پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرەلەيمىز، ئېرىشمەكچى بولغان تۇيغۇلارنى تاپالايمىز.

 

2023.11.24

ئارزۇ قوغلىشىش

مەلۇم بىر ئارزۇنى قوغلىشىۋاتقاندا، دىققەتنىڭ باشقا تەرەپلەرگە چېچىلىپ كېتىشى داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئىش. ئارزۇيىڭىزدىن ۋاز كېچىشنى خالىمىسىڭىز، زېھنىڭىزنى چوقۇم ئۆز ئارزۇيىڭىزغا مەركەزلەشتۈرۈشىڭىز كېرەك. سىز ئۈچۈن ئەڭ موھىم نەرسىنىڭ نېمە ئېكەنلىكىنى ئۆزىڭىزگە تەكرار ئېيتىڭ ھەمدە نىشانىڭىز ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.

سۇئال:كاللىڭىزنى باشقا ئىشلارغا چىچىۋىتىش سەۋەبلىك قايسى ئارزۇلىرىڭىزنى قولدىن بېرىپ قويدىڭىز؟ قانداق قىلغاندا ئۆز ئارزۇلىرىڭىزنى قايتا قوغلاشقۇدەك قىزغىنلىقىڭىزنى تاپالايسىز؟

 

 

2023.11.25

ھەممىلا ئادەمگە يارىشىڭىز ھاجەتسىز

ھەممىلا ئادەمنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىششنى ئويلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىز پۈتكۈل ئادەملەر ئۈچۈن يارىتىلغان ئەمەس تىرىشچانلىقلىرىڭىزنى بىھۇدە ئىسراپ قىلماڭ.

 

 

2023.11.26

بەخىتلىك بولۇش ئۈچۈن بەخىتكە ئۆزىنى بېغىشلاش

بەخىت ھەرگىزمۇ بەخت دېگىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلالمايدۇ. بەخىتلىك بولۇشبارلىق كۈچىڭىزنى سەرپ قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بەخىت دېگەن گويا ئۆزىنى جەننەتكە چىققاندەك ھېس قىلىشمۇ ئەمەس.

خۇشاللىق دېگەنلىك يۈرەك تىنچلانغان، قانائەت ھېس قىلغان، ئۆزى ھەم ئۆزگىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلالايدىغان ھالەتنى كۆرسىتىدۇ.

ئۆزىڭىزدىن باشقا ھەرقانداق ئادەمدىن بەخىت  ئىزدىمەڭ. سىزگە بەخىت ئاتا قىلالايدىغان بىرىنى تاپقان تەقدىردىمۇ ئۇ بەخىت پەقەتلا ۋاقىتلىق، خالاس.

قانداق ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنى بەختسىز ھېس قىلىسىز؟ قانداق ۋاقىتتا  خۇشال ھېس قىلىسىز؟ يۇقارقىلارنى ھەر دائىم ئۆزىڭىزدىن سوراپ تۇرۇڭ.

 

2023.10.27

ئۆزىگە ئىشىنىش خىتابنامىسى

مەن سۆيۈلىۋاتىمەن.

مەن ھىمايە قىلىشقا ئېرىشىۋاتىمەن

ھەتتا، ئۆزۈمنى يۈتتۈرۈپ قويغىنىمدىمۇ، يەنىلا قەدىرلىنىۋاتىمەن.

توكيونىڭ يەنە بىر گۈزەل كۈز پەسلى2023

 

2023.11.28

ھەر بىر ئىشتىن مىننەتدار بولۇش

ھەر كۈنى چوڭ ئىشلاردىن تارتىپ ئەڭ كىچىك ئىشلارغىچە ھەر بىر نەرسىدىن مىننەتدار بولايلى. مىننەتدار بولۇشنى ئۆزىمىزگە ئادەت قىلساق، ئۆزىمىزدە قانچىلىك كۆپ نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز. بىزدە يوقلىرىنى بىلگەن تەقدىردىمۇ، بارىغا بولغان مىننەتدارلىقىمىز ئۆزگەرمەيدۇ.

يۇمشاق،ئىسسىق كارىۋاتتا ئۇخلىيالىغانلىقىڭىزدىن مىننەتدار بولۇڭ. تەبىئەتنىڭ سىزگە يېقىن بولغىنىدىن، يېشىللىق بىلەن ئۇچىرىشالايدىغانلىقىڭىزدىن، تەبىئەتنىڭ خۇش ھېدىنى پۇرىيالايدىغانلىقىڭىزدىن مىننەتداربولۇڭ. تۇرۇبىنىڭ جۈمىكىنى تولغىسىڭىزلا،  پاكىزە سۇنىڭ چىقىدىغانلىقىدىن مىننەتدار بولۇڭ. سۆيۈملۈك ئادىمىڭىز بىلەن يەنە بىر كۈننى بىرلىكتە ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىڭىزدىن مىننەتدار بولۇڭ. دۇنيانى ئۆز كۆزىڭىزدە كۆرەلەيدىغانلىقىڭىزدىن مىننەتدار بولۇڭ. ھەركۈنى ئەتىگەندە ھايات كۆز ئاچالايدىغانلىقىڭىزدىن مىننەتدار بولۇڭ. شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدە  نېمىلەردىن مىننەتدار بولىۋاتىسىز؟ (مەن مۇشۇنداق گۈزەل قۇرلارنى ئوقۇيالىغىنىمدىن، يېزىۋاتقىنىمدىن تولىمۇ مىننەتدارمەن شۇ تاپتا)

ھەر كۈنى شۇ كۈنى يۈز بەرگەن ئىشلار ئۈچۈن مىننەتدارلىقىڭىزنى  يېزىپ بەرگەندە،  ھاياتقا بولغان پوزىتسىيەمۇ چوقۇم ئۆزگىرىدۇ.

 

بىز بۇ كۈنى «توكيو بالىلار شادلىقى گورۇپپىسى»دېكى بالىلار بىلەن كۈز يوپۇرماقلىرىدىن ئەسەر ياساش پائالىيتى ئۆتكۈزدۇق. باشقىلار كەپ بولغىچە، ئۇلارنى ساقلىغاچ گۈزەل كۈز يوپۇرماقلىرىدىن ھوزۇرلىنىۋالدىم، كىتابىمنىڭ شۇ كۈنلۈك بېتىنى تەرجىمە قىلىۋالدىم.2022

 

 

 

 

2023.11.29

مانا بۇ ئىشەنچ

ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىز، باشقىلارغا ئۆز مەۋجۇتلۇقىڭىزنى ئىسپاتلاپ ئولتۇرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

 

 

2022.11.30

قانائەتلىنەرلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى

قانائەتلىنەرلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ياكى كەچۈرەلمەسلىكىڭىزنى ھەر كۈنى نېمىلەرنى قىلىشىنى تاللىشىڭىز بەلگىلەيدۇ. تۆۋەندە ئەقلىي تاللاشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرىمىز:

مۇھەببىتىڭىزنى بېغىشلايدىغان ئوبىكتىڭىز بولسۇن.

ئۆز ئارزۇيىڭىزدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەڭ.

قانچە قېتىم يىقىلىپ چۈشسىڭىزمۇ ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ.

قەددىڭىزنى تىك تۇتۇڭ.

ئۆسۈپيېتىلىڭ.

ئىجاد قىلىڭ، ئويناڭ.

كۈلۈمسىرەڭ.

قايتاقايتا مەغلۇپ بوپ بېقىڭ.

يۇقارقىلارنى پايدىلىنىش ئورنىدا ئىشلەتسىڭىزمۇ، ئىشلەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. قىسقىسى، قانائەتلىنەرلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ياخشى تاللاش ئېلىپ بېرىڭ.

充実した人生を送る方法

 

2023.11.30كۈنىدىكى كۈزنىڭ ئاخىرىقى كۈنى

 

 

شۇنداق، كىتابنىڭ ھەر بىېتى ھەر  كۈننىڭ ئەڭ گۈزەل مىنۇتلىرىدا ئوقۇلۇپ، تەرجىمە قىلىنىپ مېڭىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا بۇ رىياسىز ئەمگەك شۇ كۈندىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىنىڭ خاتىرىسى ھەم يېقىملىق مۇزىكىلار بىلەن ئىنىستىگرامغا سىتورى شەكلىدە يوللىنىپ مېڭىۋاتىدۇ. ئىنستا ئىشلىتىدىغان دوستلار بىرلىكتە ھوزۇرلانغايسىلەر~

***************

 

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

مەنبە: A year of positive thingking by Cyndie Spiegel

 

 

تارقىتىڭ...
  1. بەك ياخشى ئوي-پىكىرلەر ئىكەن.ئەسەردە ئوتتۇرغا قۇيۇلغاندەك ياشىيالساق،روھىي بىسىملىرىمىز ئازلاپ قالاتتى.

  2. ئانچە مۇنچە پەن تېخنىكا ھەققىدە ئوقۇپ قويۇڭ، بولسا ئىنىستەگرامدا تارقىتىپ قويۇڭ. بىلمىگەنلەر بىلۋالسۇن، بىلگەنلەر يازسۇن دەپ.
    https://uyfintech.blogspot.com/

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ھەر

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى